قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: شەرىئەتتە قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-04-20
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/204950
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت
423 KB
: قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت.doc
2.
قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت
118.3 KB
: قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت

 

4013- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

شەرىئەتتە قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟.

جاۋاب :

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

قىمارنى ئاللاھ تائالا ھارام قىلدى . ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويۇنچە خالىغان ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئېچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش، شەيتاننىڭ ئېشى، پاسكىنا قىلىقتۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشلىرىدىن يىراق بولۇڭلار . شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى ھاراقتىن، قىماردىن يانمامسىلەر؟ !». ئەقىللىق كىشى قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ .

1-قىمار ئىنساننى جاپا چېكىپ ئىشلەشنى خالىمايدىغان، تەر تۆكۈشنى ياقتۇرمايدىغان، رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ ھالال يوللىرىنى ئېھتىرام قىلمايدىغان، ئۆز كەسپىدە تاسادىپىيلىق ۋە تەلەي سىناشقا تايىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

2-قىمار روناق تاپقان ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىدىغان، مال دۇنيانى ھارام يول بىلەن يوق قىلىدىغان، بايلارنى كەمبەغەل، ئىززەتلىكلەرنى خار قىلىدىغان يامان قىلمىشتۇر.

3- قىمار ئۆز كەسىپداشلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىنىڭ ماللىرىنى ھارام يوللار بىلەن ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز ئارا ئۆچ ئاداۋەت پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .

4- قىمار كىشىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسىدۇ . بۇ قىلمىش بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارنى ناچار ئەخلاق ۋە يامان ئادەتكە يولداش قىلىپ قويىدۇ .

5- قىمار كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ۋاقتىنى بىكار قىلىپ، مىللەتنى ئىشلەپ چىقىرىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ ھۇرۇنلۇق ۋە خامۇشلۇققا ئادەتلەندۇرىدۇ.

6-قىمار كىشىلەرنى جىنايەتكە ئىتتىرىدۇ، چۈنكى ئۇتتۇرۇۋەتكەن كىشى ئۆزىنىڭ مېلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، پارىخورلۇق ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنى سادىر قىلىدۇ.

7- قىمار ئىنساننىڭ نېرۋىسىنى بۇزۇپ ئىزتىراپلىققا گىرىپتار قىلىدۇ . قەلبىدە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، كۆپىنچە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى ساراڭ بولۇپ قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

8- قىمار كىشىلەرنى ھاراق ئېچىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتەك ناچار ئەخلاققا ئىتتىرىدۇ . قىمار بولىۋاتقان سورۇنلاردا تولۇق يورۇقلۇق بولمايدۇ، ئەتراپنى ئىس-تۈتەك، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ئېغىر تىنىشلار قاپلايدۇ، گەرچە سورۇندىكىلەر بىر-بىرىگە ھەمراھدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ . ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ مەغلۇبىيتىنى كۆزلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دو تىكىدۇ . بۇ سورۇننى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بۇلارنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى تۈرلۈك مۇزىكا، مەس قىلغۇچى ئىچىملىك، زەھەرلىك چېكىملىك، بۇزۇق ئاياللار ئارقىلىق مەستخۇش قىلىدۇ. بۇزۇق ئاياللار سورۇندىكىلەرگە ھەر تۈرلۈك ئەركىلەپ كۆز قىسىپ، ناز-كەرەشمىلىرى بىلەن بىرىنىڭ مەخپىيىتىنى يەنە بىرىگە يەتكۈزۈدۇ ۋ ە ئاخىردا ھەممىسى زىيان تارتىدۇ . بار يوقىنى دوغا تىكىدۇ، ياكى بۇزۇقلارغا يەمچۈك قىلىدۇ، ياكى ئىچىملىك-چېكىملىك بىلەن تۈگۈتىدۇ . ئۇتقىنىمۇ ۋە ئۇتتۇرىۋاتقىنىمۇ ئوخشاشلا زىيان تارتىدۇ، ھەممىسى بېشى چۈشكەن، قاپىقى ساڭگىلىغان، ماغدۇرسىز ھالەتتە، ئۇتتۇرۋەتكىنى ئۇتتىۋالغىنىغا ئەتە ئۇچرىشىشقا ۋەدە بېرىپ روھسىز، كەيپىياتى تۆۋەن ھالدا قايتىدۇ. قىمارنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالدى، ئەر-ئاياللار ئايرىلىپ كەتتى، قىمار ئويناش ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلغانلار خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى . بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىنى ۋە يۈز-ئابرۇيىنى قىمار سورۇنىدا دوغا تىكىدۇ، ھەقىقەتەن قىمار ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىدۇ، گەرچە ئۇنىڭدىكى نىشان مال بولسىمۇ، لېكىن بۇ سورۇن ھاراق-شاراپ، زەھەرلىك چېكىملىك، ئالدامچىلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان دوستلۇق، ساختىپەزلىك، بىر-بىرىگە يامانلىق كۈتۈش، چۈشكۈنلۈك ۋە رەھىمسىزلىكتىن ئىبارەت يامانلىقنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

ئاللاھتىن تىنچ ئامانلىق تىلەيمىز.

 

 

Go to the Top