سىھىرگەر ۋە رامباللاردىن ئاگاھ بولۇش توغرىسىدا

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: سىھىرگەر ۋە رامباللاردىن ئاگاھ بولۇش توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 14/4/1430 ھىجرى 2009-يىلى-04-ئاينىڭ-10 كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا سىھىر ۋە رامباللىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان خەتىرى ۋە جەمئىيەتتە پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى، بۇ رەزىل قىلمىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قانداق قىلىشى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-04-15
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/204516
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
سىھىرگەر ۋە رامباللاردىن ئاگاھ بولۇش توغرىسىدا
329 KB
: سىھىرگەر ۋە رامباللاردىن ئاگاھ بولۇش توغرىسىدا.doc
2.
سىھىرگەر ۋە رامباللاردىن ئاگاھ بولۇش توغرىسىدا
133.6 KB
: سىھىرگەر ۋە رامباللاردىن ئاگاھ بولۇش توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

سىھىرگەر ۋە رامباللاردىن ئاگاھ بولۇش توغرىسىدا

 

2009-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "ئىسلام دۇنياسىدا جىنكەشلىك، سىھىرگەرلىك، رامباللىقلارنىڭ كەڭ تارقىلىپ كېتىشى ئەقىلنىڭ ناقىسلىقى، دىن-دىيانەت ۋە ئەقىدىنىڭ سۇسلىقىدىندۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنى دائىرىسىدىن ھالقىپ كۇپرى دائىرىسىگە كىرمەسلىكى، پالچى-رامباللار ۋە دەججاللارغا ئالدىنىپ، ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىرسىگە ئالدانماسلىقى لازىم. سىھىرگەرلەر، رامباللار ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزەلەيدۇ دېگەن قاراشتا بولماسلىقى لازىم.

بىز پەرۋەردىگارىنى تونۇغان، دىنىنى چۈشەنگەن، ئىماندا سادىق ، تەۋھىدى خالىس، ئاللاھقا ئۆز لايىقىدا تەۋەككۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ جەمئىيىتىدە، زامانىۋى بىلىملەر تەرەققىي قىلغان،بىلىم تەجرىبىخانىلىرى زامانىۋى شەكىلدە تەرەققىي قىلغان ئىلغار بىر جەمئىيەتتە ياشاۋېتىپمۇ  ئائىلە ۋەيران بولۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىسى بۇزۇلۇش، روھىي ئىزتىراپلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە.

سېھىر، سېھىرگەرلەرلىك، پالچى-رامباللىق ئىنسانلار ئىچىدىكى شەيتانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. سىھىرگەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىدۇر. سىھىرگەر ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن سادىر قىلىدۇ. سىھىرگەرلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرى دىندىن چىقىپ كاپىر بولۇپ، جىن-شەيتانلارغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن سادىر بولىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى ئۆزى ياخشى بىلىدۇ.

ئىسلام ئالىملىرى بىردەك سىھىرگەرلىكنى ئۆگىنىش، سېھىر قىلدۇرۇشنىڭ ھاراملىقىنى بېكىتكەن. بەلكى سىھىرگەرنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. پالچى-رامباللار، سىھىرگەرلەر كىشىلەرنىڭ مال-دۇنياسىنى ھەقسىز يەۋېلىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ. ئىنسانلارنى ئالدايدۇ. پالچىلار دەججاللاردىن بولۇپ، يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇزلارنىڭ مەنزىللىرى، ھەرىكەتلىرىگە ئاساسلىنىدۇ. بۇ ئىشلار ھەممىسى تەخمىنى پەرەزلەر بىلەن، كىشىلەرنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەركىم سىھرىگەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ دۈشمىنى، ياكى ھەرقانداق كىشىگە سېھىر قىلىش، ئۆچ-ئامراق قىلىش، ئەر-خوتۇن ئارىلىقىنى ئايرىۋېتىش دېگەندەك مەسىلىلەردە سېھىر قىلدۇرىدىكەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان، ئۆزى ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان زالىم ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنى بۇنداق قىلمىشلارنى قاتتىق چەكلىگەندۇر.

بۇنداق خەتەرلىك ئىجتىمائىي كېسەلدىن قۇتۇلۇش ۋە ساقلىنىشنىڭ بىرلا يولى ئىسلام يولىدۇر.

 مۆمىنلەر ئۆزى ۋە مۆمىنلەر جەمئىيىتىنى بۇنداق رەزىل ئىللەتلەردىن ئىمان كۈچى ئارقىلىقلا ساقلىيالايدۇ. داۋاملىق ئاللاھ بىلەن بولۇش، سەمىمىي ھالدا ئاللاھقا ئىشەنچ باغلاش، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش مۆمىننى كۆز، سېھىر، جىن ئاپەتلىرىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھتىن قورققان ھەقىقى تەقۋا قىلغان كىشى ئۈچۈن چىقىش يولى باردۇر. مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنى مەزكۇر ئاپەتلەرنىڭ شەررىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغان ئىلاھىي قورغاندىن ئىبارەت دۇئالارنى كۆپ ئوقۇش، ئاللاھتىن پانا تىلەش ئارقىلىق ھىمايە قىلىشى لازىم.

جىن ئاپىتى، سىھىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنە  مۇئەۋۋەزەتەيىن(قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل فەلەق، قۇلئەئۇزۇ بىرەببىنناس)، سۈرە ئىخلاس، ئايەتەلكۇرسى، سۈرە ئەرافتىكى سھىر ئايىتى، سۈرە يۇنۇس، سۈرە تاھا، سۈرە پاتىھە، سۈرە بەقەرەلەرنى ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابى دىلغا ھىدايەت، جىسىمغا شىپا، مۆمىنلەرگە رەھمەتتۇر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

كۈندىلىك دۇئا ۋە زىكىرلەرنى داۋاملىق ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش.

 

ئاللاھ بارچىمىزنى جىن، سېھىر، كۆز ئاپەتلىرىدىن ساقلىسۇن ئامىن!..

 

 

 

Go to the Top