تىجارەتتە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: تىجارەتتە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 14/4/1430 ھـ / 2009-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا تىجارەت ۋە ئىلىم-سېتىمگە ئائىت ئەھكاملار، باھار پەسلىدە باغ ۋە ئىكىنزارلىقلارنى ئىجارىگە ئىلىش ياكى پىشمىغان مېۋىلىرىنى سېتىۋىلىش، شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىش ۋە شېرىكلەرنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-04-12
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/204427
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
تىجارەتتە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا
334 KB
: تىجارەتتە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا.doc
2.
تىجارەتتە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا
138 KB
: تىجارەتتە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

تىجارەتتە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا

 

2009-يىلى 04- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام ئېيتقاندىن كېيىن، جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە «مۇسۇلمان ئۈچۈن تىجارەت ۋە ئىلىم-بېرىمدە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلىشنىڭ لازىملىقى» توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمىنى بىلىشى زۆرۈردۇر. بولۇپمۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان سودا-سېتىق مەسىلىلىرى، ئەتىياز پەسلىدە مېۋىلەر پېشىشتىن ئىلگىرى باغ سېتىۋېلىش ئىشلىرىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنى  ۋە شەرىئەتنىڭ قانداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ مەسىلە ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ:

بىرىنچى مەسىلە: باغنىڭ مېۋىسىنى پېشىشتىن ئىلگىرى سېتىش بولۇپ، شەرىئەتتە دەرەختىكى مېۋىلەرنى پېشىشتىن ئىلگىرى سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. خورمىلارنىڭمۇ رەڭگى قىزغۇچ ياكى سارغۇچ بولمىغىچە  دەرەختە تۇرغۇزۇپلا سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئۈزۈم ئالما، ئۇرۇك، ئانار قاتارلىق مېۋىلەرمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنىڭمۇ باشاقلىرى قاتماستىن، كۆكىدە تۇرغۇزۇپ سېتىۋېتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا يارىغۇدەك بولۇشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن چەكلىگەن، قانداق بولغاندا يارىغۇدەك بولىدۇ دەپ سورالغاندا؟ تەبىئىي ئاپەتلەردىن ساقلانغىدەك بولغاندا دېگەن». ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «خورمىنى قىزىرىپ-سارغىيىشتىن ئىلگىرى، بۇغداينى باشاقلىرى قېتىپ ئاپەتتىن ساقلانغىدەك بولۇشتىن بۇرۇن سېتىشتىن چەكلىگەن». بۇ ھۆكۈم ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. پىقھىشۇناس ئالىملار بېكىتكەندەك بىر كىشى ئۆزىنىڭ بېغىنى مېۋىسى، زىرائەتلىرى ۋە ھەممە نەرسىلىرى بىلەن قېتىپ ساتسا ياكى ئىجارە قىلسا ئۇ ۋاقىتتا باغدىكى چېچەكلىگەن مېۋە ۋە پىشمىغان زىرائەتلەرمۇ باغنىڭ قاتارىدىن بولۇپ سېتىلىدۇ. سېتىۋالغۇچى مېۋىلەرنى شەرتلەشمىگەن بولسا بۇ ھالەتتە باغنىڭ مېۋىسى ساتقۇچىنىڭ بولىدۇ.

ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خورما تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ دەرەختىكى ئۈزمىگەن خورمىلارنى سېتىشنىڭ ئۈچ خىل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

1-باغدىكى بىر تۈپ خورمىنىڭ مېۋىسى پىشقاندا شۇنىلا سېتىش بولۇپ بۇنداق قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

2-بىر تۈرلۈك خورمىلارنىلا سېتىش(ئەجۋە ياكى سۇككەرى دېگەنگە ئوخشاش) بولۇپ بۇنى بىر يولدىلا باغدىكى مۇشۇ تۈردىكى خورمىلارنىلا ساتتىم دەپ ساتسا بولىدۇ.

3-باغنىڭ خورمىسىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا سېتىش بولۇپ، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشى بويۇنچە ھەر تۈردىكى خورمىلارنىڭ  بىرەرسىدىن بولسىمۇ خورمىنىڭ پىشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەر پەيدا بولۇش لازىم، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا يەنى بىر تۈرلۈك خورمىنىڭ پىشقانلىقى بىلىنىپ، باشقا تۈردىكى خورمىلارنىڭ پىشقانلىقى بىلىنمىگەن بولسا پىشقىنى بىلىنگەننى سېتىش دۇرۇس، باشقىسىنى سېتىش دۇرۇس ئەمەس. بەزى ئالىملار باغدىن بىر تۈپ خورمىنىڭ پىشقانلىقى بىلىنسە بۇ ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ بۇ ۋاقىتتا قالغانلىرىنىمۇ ساتسا دۇرۇس بولىدۇ دەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مېۋە-چىۋە ۋە زىرائەتلەر يۇقىرىدىكى ھۆكۈمگە قىياس قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى مەسىلە: ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشى، يەنى بىرى مال چىقىرىپ، يەنە بىرى كۈچ چىقىرىپ ئورتاق بولۇپ چىققان پايدىنى مەلۇم نىسبەتتە تەڭ بۆلۈشۈشتىن ئىبارەت، بۇنداق تىجارەت قىلىش ساھابىلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ دۇرۇس دەپ قارالغان، ئەمما شېرىكچىلىكنىڭ دۇرۇس بولمايدىغان تەرىپى ئىككى تەرەپنىڭ بىرى مال چىقىرىپ يەنە بىرى ئىشلەيدۇ، لېكىن پايدا ئوتتۇرىدا تەڭ نىسبەتتە ئايرىلمايدۇ، ياكى پۇل چىقارغان كىشى ھەر ئايدا مىڭ كوي ياكى ئىككى مىڭ كوي ئىلىشنى شەرت قىلىدۇ،  بۇ شەكىلدىكى شېرىكچىلىك دۇرۇس بولمايدۇ. دۇرۇس بولىدىغىنى پەقەت پايدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەلۇم نىسبەتتە بۆلۈنۈشى (يەنى تەڭ ئېلىش ياكى بىرى ئۈچتىن بىرىنى يەنە بىرى ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالغانغا ئوخشاش). بىرىنىڭ مېلىغا شېرىك بولغان كىشى ئىشەنچلىك، ئاللاھدىن قورقۇدىغان مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «قەرز ئالغۇچى ئېھتىياجى تۈگىگەندە ياكى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قەرزنى قايتۇرۇش نىيىتى بىلەن قەرز ئالغان بولسا، ئۇ كىشىگە ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ، يەۋېلىش ياكى بۇزىۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ قەرز ئالغان بولسا، ئۇ كىشىنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ دېيىلگەن».

ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېرىك تىجارەت قىلىش ئۈچۈن باشقىلارغا مال بەرگەندە بۇ مالدا جانلىق نەرسىلەرنىڭ تىجارىتىنى قىلماسلىقنى، دېڭىز سەپىرىگە چىقماسلىقنى، سەپەردە جىلغىلارغا چۈشمەسلىكنى شەرت قىلىپ بېرەتتى، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەندە، بۇنداق شەرت قىلىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بولىدۇ دېگەن.

بىرى پۇل، بىرى كۈچ چىقىرىپ قىلىنىدىغان تىجارەتتە(مۇدارىبە)، مال ئىگىسىنىڭ زىياننى شېرىكىگە ئىتتىرىپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر شېرىكى قەستەن زىيان سالغان ياكى سەل قاراپ بازار ئۇچۇرىنى ياخشى ئىگەللىمەستىن زىيانغا ئۇچراتقان بولسا بۇ ئايرىم ئىش بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش ھاللاردا شۇ ۋاقىت ۋە ئەھۋالغا قاراپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن ھايات كەچۇرىشىمىزگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.

 

 

Go to the Top