تىببى تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ بالا ئىلىش توغرىسىدا

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: تىببى تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ بالا ئىلىش توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئېلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ دەۋىردە تىببى ساھەدىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى. بىرسىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ بىرىنچىسى تۇغماس، ئىككىنچىسى تۇغىدۇ، بۇ ھالەتتە تىببى تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ -ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن- ئىككىنچى ئايالىنىڭ تۇخۇمچىسى بىلەن ئەرنىڭ سپېرما سۇيۇقلۇقىنى Teste-tube baby ئۈسكىنىسىگە قاچىلاپ كۈزۈتۈپ، سۇيۇقلۇق تۆرەلمە باسقۇچقا ئۆتكەن ھامان، تۇغماس ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا سىلىپ تۆرەلمىنى تۇغۇلغانغا قەدەر بىرىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا پەرۋىش قىلىدۇ، بۇ قۇرئان ھەدىس روھىغا ئۇيغۇنمۇ؟. بەزى كىشىلەر بۇنى ئېمىتىشكە قىياس قىلىپ دۇرۇس بولىدۇ دەيدۇ، يەنى بوۋاقنى ئېمىتىپ سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرغاندەك، بالىياتقۇسىدا قىنى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ دەيدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بارمۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-04-08
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/203863
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
تىببى تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ بالا ئىلىش توغرىسىدا
423.5 KB
: تىببى تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ بالا ئىلىش توغرىسىدا.doc
2.
تىببى تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ بالا ئىلىش توغرىسىدا
122.5 KB
: تىببى تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ بالا ئىلىش توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئەرنىڭ سپېرما سۇيۇقلۇقى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمچىسىنى ئىككىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا پەرۋىش قىلىش توغرىسىدا

 

23104-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئېلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ دەۋىردە تىببى ساھەدىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى. بىرسىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ بىرىنچىسى تۇغماس، ئىككىنچىسى تۇغىدۇ، بۇ ھالەتتە تىببى تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ -ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن- ئىككىنچى ئايالىنىڭ تۇخۇمچىسى بىلەن ئەرنىڭ سپېرما سۇيۇقلۇقىنى Teste-tube baby ئۈسكىنىسىگە قاچىلاپ كۈزۈتۈپ، سۇيۇقلۇق تۆرەلمە باسقۇچقا ئۆتكەن ھامان، تۇغماس ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا سىلىپ تۆرەلمىنى تۇغۇلغانغا قەدەر بىرىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا پەرۋىش قىلىدۇ، بۇ قۇرئان ھەدىس روھىغا ئۇيغۇنمۇ؟. بەزى كىشىلەر بۇنى ئېمىتىشكە قىياس قىلىپ دۇرۇس بولىدۇ دەيدۇ، يەنى بوۋاقنى ئېمىتىپ سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرغاندەك، بالىياتقۇسىدا قىنى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ دەيدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بارمۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئەرنىڭ سپېرما سۇيۇقلۇقى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمچىسىنى ئىككىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىدا قويۇپ چاڭلاشتۇرۇش شەرئى يول ئەمەس. كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق قىلىشنى ھارام دەپ قارايدۇ. ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيىغا قاراشلىق ئىسلام پىقھى ئاكادىمىيلىرى بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىككى قېتىم قارار چىقارغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىمدا دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارار ئالغان، كېيىن بۇ قارارىدىن يېنىۋالغان، بۇ قارارلارنىڭ بەزىلىرىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز:

1- دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيىغا قاراشلىق ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارى: ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى ھىجىريە 1407-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 8-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، مىلادىيە 1986-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 16 -كۈنىگىچە ئېچىلغان قۇرۇلتايدا، نەيچە ئارقىلىق نەسىللەندۈرۈپ سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ تەجرىبىلىك دوختۇرلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئالغاندىن كېيىن  مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ھازىر  تىببى ساھەدە يۈزبېرىۋاتقان سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش يەتتە تۈرلۈك بولۇپ:

1- ئەرنىڭ سپېرما سۇيۇقلۇقى بىلەن يات بىر ئايالنىڭ تۇخۇمچىسىنى ئېلىپ چاڭلاشتۇرۇپ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يۆتكەش.

2- يات بىر ئەرنىڭ سپېرما سۇيۇقلۇقى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمچىسىنى ئېلىپ چاڭلاشتۇرۇپ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يۆتكەش.

3- ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئۇرۇقلىرىنى سىرتتا چاڭلاشتۇرۇپ باشقا بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا يۆتكەش.

4-يات ئەر بىلەن يات ئايالنىڭ ئۇرۇقلىرىنى سىرتتا چاڭلاشتۇرۇپ ئېلىپ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يۆتكەش.

5- ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئۇرۇقلىرىنى سىرتتا چاڭلاشتۇرۇپ ئېلىپ ئىككىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يۆتكەش.

6- ئەرنىڭ سپېرما سۇيۇقلۇقى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمچىسىنى ئېلىپ سىرتتا چاڭلاشتۇرۇپ يەنە ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يۆتكەش.

7-ئەرنىڭ ئۇرىغىنى ئېلىپ ئۇكۇل ئارقىلىق ئايالىنىڭ جىنسى يولى ئارقىلىق بالىياتقۇسىدا چاڭلاشتۇرۇش.

بو توغرىدىكى قارارلار:

ئەۋۋەلدىكى بەش تۈرلۈك يوللارنىڭ ھەممىسى ھارام بولۇپ بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى شەرىئەتتە قەتئى چەكلىنىدىغان بولۇپ، نەسەب ئارىلىشىپ كېتىش، ئانىلىقنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىدىن ئىبارەت شەرىئەت ئاگاھلاندۇرغان ئىشلار يۈزبېرىدۇ.

كىيىنكى ئىككى تۈرلۈك يول بولسا ئاكادىمىيەنىڭ قارارىدا زۆرۈر بولغاندا ئېھتىيات قىلغان ئاساستا قىلسا بولىدۇ دېيىلگەن. (ئاكادېمىيە ژۇرنىلى (31423).

2-ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارى: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە بارلىق ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ، مەككە مۇكەررەمە ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ھىجىريە 1405-يىلى رەبىئەل سانىنىڭ 28- كۈنىدىن جەمادىيەل ئۇلانىڭ 7-كۈنىگىچە، مىلادىيە 1985-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەككىزىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقى قۇرۇلتايدا، چاڭلاشتۇرۇپ سۈنئى ئۇرۇقلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بەزى قارارلارغا باشقىدىن قاراپ چىقىلدى. بۇنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىدەك:

يەتتىنچى يول يەنى ئەرنىڭ ئۇرۇقچىسى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمچىسىنى ئىلىپ سىناق قىلىش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، شۇ ئەرنىڭ ئىككىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يۆتكىسە، بۇ ئايال بۇنىڭغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ماقۇل بولغان بولسا، يۇقىرىدىكى شەرتلەر بىلەن ھاجەت بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قارار چىقىرىلغان.

كېيىن ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى نۇرغۇن تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، تەجرىبىلىك دوختۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېڭىدىن مۇنداق قارار چىقاردى: "ئەرنىڭ ئۇرۇقچىسى بىلەن ئايالىنىڭ تۇخۇمچىسىنى ئېلىپ چاڭلاشتۇرۇپ ئىككىنچى ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا سىلىش دۇرۇس ئەمەس".

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

 

Go to the Top