تاكسى شوپۇرىنىڭ يولۇچىلارنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ناشايان ئىش-ھەرىكەتلەر سادىر بولىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى توغرىمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: تاكسى شوپۇرىنىڭ يولۇچىلارنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ناشايان ئىش-ھەرىكەتلەر سادىر بولىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى توغرىمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە:   مەن بىر تاكسى شوپۇرى، بەزى يولۇچىلار يىرىم يولغا كەلگەندە ھاراق ساتىدىغان دۇكاننىڭ يېنىدا توختۇتۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ، چۈشۈپ ھاراق ئېچىپ چىقىدۇ. بەزىلىرى كېچىلىك كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، مىنىڭ بۇ شەكىلدە تاكسىچىلىق قىلىشىم توغرىمۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-04-07
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/203556
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
تاكسى شوپۇرىنىڭ يولۇچىلارنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ناشايان ئىش-ھەرىكەتلەر سادىر بولىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى توغرىمۇ؟
397 KB
: تاكسى شوپۇرىنىڭ يولۇچىلارنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ناشايان ئىش-ھەرىكەتلەر سادىر بولىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى توغرىمۇ؟.doc
2.
تاكسى شوپۇرىنىڭ يولۇچىلارنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ناشايان ئىش-ھەرىكەتلەر سادىر بولىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى توغرىمۇ؟
113.1 KB
: تاكسى شوپۇرىنىڭ يولۇچىلارنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ناشايان ئىش-ھەرىكەتلەر سادىر بولىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى توغرىمۇ؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

تاكسى شوپۇرىنىڭ يولۇچىلارنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ناشايان ئىش-ھەرىكەتلەر سادىر بولىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى توغرىمۇ؟

 

3609-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

     مەن بىر تاكسى شوپۇرى، بەزى يولۇچىلار يىرىم يولغا كەلگەندە ھاراق ساتىدىغان دۇكاننىڭ يېنىدا توختۇتۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ، چۈشۈپ ھاراق ئېچىپ چىقىدۇ. بەزىلىرى كېچىلىك كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، مىنىڭ بۇ شەكىلدە تاكسىچىلىق قىلىشىم توغرىمۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بۇ سۇئال پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىيندىن سورالغىنىدا، شەيخ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: تاكسىغا چىققان يولۇچىلارنى ھاراق ئېچىدىغان ۋە كېچىلىك كۆڭۈل ئاچىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇش قەتئى توغرا ئەمەس، بەلكى دىنىمىزدا بۇنداق ئىشلارغا ھەمكارلىشىش چەكلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار». ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

(دېمەك؛ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا سۈكۈت قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش، جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش بولۇپ، مىللەتنىڭ نورمال ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەقلى جايىدا، ۋىجدانلىق بىر ئىنسان، پۇل-مالنى دەپ، دىنى، مىللىتى، ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلىپ، مىللىتىنىڭ ئەخلاقى كىرزىسقا يۈزلىنىشىگە ھەرگىزمۇ يول قويالمايدۇ.-م- )

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top