لمن الأفضلية عند المسلم الزوجة أم الأم

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: لمن الأفضلية عند المسلم الزوجة أم الأم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: لمن تكون الأفضلية عند المسلم ، الزوجة أم الأم ؟.
تأريخ الإضافة: 2009-04-02
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/200208
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
نەپىقە بېرىشتە ئەر ئۈچۈن ئانا ئەۋزەلمۇ ياكى خوتۇن
417.5 KB
فتح: نەپىقە بېرىشتە ئەر ئۈچۈن ئانا ئەۋزەلمۇ ياكى خوتۇن.doc
2.
نەپىقە بېرىشتە ئەر ئۈچۈن ئانا ئەۋزەلمۇ ياكى خوتۇن
112.9 KB
فتح: نەپىقە بېرىشتە ئەر ئۈچۈن ئانا ئەۋزەلمۇ ياكى خوتۇن.pdf
نبذة موسعة

 

نەپىقە بېرىشتە ئەر ئۈچۈن ئانا ئەۋزەلمۇ ياكى خوتۇن

 

 

6293- نومۇرلۇق سوئال                            

سوئال:

بىر مۇسۇلمان ئەر ئۇچۇن ئېھسان قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشى ئانىسىمۇ ياكى  ئايالى؟                                

جاۋاب:

پۈتۈن ھەمدۇ- سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ئۇچۇن  ئېلپ  ئېيتقاندا ئانىسى ئايالىغا  قارىغاندا بەكرەك  ئەۋزەلدۇر. ھەدىستە بايان قلىنىشچە: «ساھابىلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھتىن مېنىڭ ياخشلىق قىلىشىمغا كىم  بەكرەك ھەقلىق، دەپ  سورىغاندا پەيغەمبىرىمىز ئانىڭىز دېگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ دەپ سورىغاندا يەنە ئانىڭىز دېگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ دېگەندە، يەنە ئانىڭىز دېگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ دېگەندە ئاتىڭىز دەپ جاۋاپ بەرگەن» بۇ ھەدىسنى بۇخارى 5514- مۇسلىم 4621- نومۇرلۇق ھەدىسلەردە بايان قىلغان. يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن ئانىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز مۇمكىن.                                                                                      

ئايالى بولسا بىر ئشتىلا ئانىسىدىن ئەھمىيەتلىك سانىلىپ، ئۇ بولسىمۇ ئايالىغا نەپىقە بېرىشتۇر. ئەگەر ئەر كىشى كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن ئانىسى ۋە ئايالىغا كېرەكلىك تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى يەتكۈزۇپ بېرىشتىن ئاجىز كەلگەن بولسا، بۇھالەتتە ئايالى ئانىسىدىن ئۇستۇن (يەنى ئايالىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش) ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەلۋەتتە ئەقىل ۋە ئىمان ئىگىسى بولغان بىر ئىنسان بۇنداق قېيىن ۋەزىيەتتە ئەلۋەتتە ئوتتۇرىھال يول تۇتىدۇ. مۇسۇلمان ئەر ئۇچۇن ھەممىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك. ئەگەردە ئانىسى ئايالىغا زۇلۇم قىلغان بولسا بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى چىرايلىق ياراشتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. شۇنداقلا ئانىسى نارازى بولىدىغان ئىشلاردىن قەتئى ساقلىنىشى لازىم.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

موضوعات متعلقة ( 3 )
Go to the Top