چىش سالدۇرۇش ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەنلىك دەپ قارىلامدۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: چىش سالدۇرۇش ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەنلىك دەپ قارىلامدۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرى، چىش ئاغرىق سەۋەبىدىن تارتىۋېتىلگەن چىشنىڭ ئورنىغا چىش سېلىنمىسا باشقا چىشلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ دەپ قارىغان ھالەتتە، ئېلىپ سېلىشقا بولىدىغان ياكى بىكىتىۋېتىدىغان چىش سالدۇرۇش دۇرۇسمۇ؟ ياكى ئۇ ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەنلىك بولۇپ، چەكلەنگەن ئىشلار قاتارىغا كىرەمدۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-03-24
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/197321
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
چىش سالدۇرۇش ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەنلىك دەپ قارىلامدۇ؟
395.5 KB
: چىش سالدۇرۇش ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەنلىك دەپ قارىلامدۇ؟.doc
2.
چىش سالدۇرۇش ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەنلىك دەپ قارىلامدۇ؟
116.6 KB
: چىش سالدۇرۇش ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەنلىك دەپ قارىلامدۇ؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

چىش سالدۇرۇش ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەنلىك دەپ قارىلامدۇ؟

 

82647-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرى، چىش ئاغرىق سەۋەبىدىن تارتىۋېتىلگەن چىشنىڭ ئورنىغا چىش سېلىنمىسا باشقا چىشلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ دەپ قارىغان ھالەتتە، ئېلىپ سېلىشقا بولىدىغان ياكى بىكىتىۋېتىدىغان چىش سالدۇرۇش دۇرۇسمۇ؟ ياكى ئۇ ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەنلىك بولۇپ، چەكلەنگەن ئىشلار قاتارىغا كىرەمدۇ؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

كېسەل سەۋەبىدىن تارتىۋېتىلگەن چىشلارنىڭ ئورنىغا سۈنئى چىش سېلىش مۇباھ (قىلسا گۇناھمۇ بولمايدىغان ساۋاپمۇ يېزىلمايدىغان) ئەمەل قاتارىغا كىرىدۇ. مەيلى ئۇ چىش ئېلىپ سېلىشقا بولىدىغان، ياكى بېكىتىۋېتىلگەن چىش بولسۇن، چىش سالدۇرۇش جايىزدۇر. ھېچقانداق بىر ئالىمنىڭ بۇنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. چىش سالدۇرغۇچى كىشى چىش دوختۇرىنىڭ مەسلىھەتى بويۇنچە قايسى خىلدىكى چىش ماس كەلسە شۇنى سالدۇرسا بولىدۇ.

ئىنساننىڭ چىشى ئۇزۇن ياكى تاماق، چىش شەكلى باشقىچە بولغان بولسا ۋە ياكى چىش ئارىلىقى كەڭ ياكى زىچ بولسا، مانا شۇلارنى ئۆزگەرتكەنلەر ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتكەن بولىدۇ ۋە ئاللاھ ياراتقان شەكىلگە رازى بولمىغانلىقدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھ نى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھار پايلارنىڭ (بۇتلارغا نەزەر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ» سۈرە نىسا 117-118-119-ئايەتلەر.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەڭ چەككۈچى، مەڭ چەكتۈرگۈچى، قاش تەرگۈچى، قاش تەردۈرگۈچى، چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن چىشلىرىنى ياسىتىپ ئارىلىقلىرىنى ئاچتۇرغۇچى ئاللاھنىڭ تەبىئى يارىتىشىنى ئۆزگەرتكەن ئاياللارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن» مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان 2125-ھەدىس.

ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە " كېسەلدىكى  ئەيىبنى داۋالىتىش بىلەن ھۆسۈننى گۈزەللەشتۈرۈپ ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتىش ئارىسىدا پەرق بار، ئەلۋەتتە كېيىنكىسى بولسا چەكلەنگەن ئىشتۇر، ھەدىستە، يېشى چوڭلۇقتىن ياكى بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن چىشى چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ چىش سالدۇرىشىنىڭ دۇرۇسلىقى بايان قىلىنغان، بەلكى چىش سالدۇرۇشقا ئالتۇندىن باشقا ماددىلار مۇۋاپىق كەلمىسە ئالتۇندىن چىش سالدۇرۇشمۇ ھەم دۇرۇس دېيىلگەن".

شۇنداقلا چىشنى بېكىتىۋېتىشتىن بۇرۇن چىش سالدۇرغۇچىنىڭ غۇسلى قىلىشى ياكى تاھارەت ئىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ.

ئەرپەجە ئىبنى ئەسئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاھىلىيەتتىكى كەلاب ئۇرۇشىدا بۇرنى يارىلانغانلىقتىن كۈمۈشتىن بۇرۇن سالدۇرغانىدى، كىيىن ئۇ كىشى كۈمۈشنىڭ پۇرىقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئالتۇندىن بۇرۇن سالدۇرۇشقا بۇيرىدى. بۇ ھەدىسنى تىزمىزى، ئەبۇ داۋۇت، نەسائىلار رىۋايەت قىلىدۇ. شەيخ ئالبانى ياخشى دەرىجىدىكى ھەدىس دەپ قارايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ھەيئەت ئەزالىرى: ئالتۇندىن باشقا غەيرى ماددىلار چىش سالدۇرۇشقا مۇۋاپىق كەلمىسە ياكى زۆرۈرىيەت بولسا چىش ۋە بۇرۇننى ئالتۇندىن سالدۇرسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. پەتىۋالار توپلىمى 4-توم 248-بەت.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئالتۇن چىش سالدۇرۇش پەقەت زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن بولسا بولىدۇ، زىننەت ئۈچۈن بولسا چەكلىنىدۇ. لېكىن ئاياللارنىڭ ئالتۇن چىش بىلەن زىننەتلىنىشى ئۆرپ-ئادەتكە ئايلانغان بولسا بۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top