ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: قۇربانجان ئابدۇلكەرىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتىكى ئورنى نېمە؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-03-16
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/195840
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى
382 KB
: ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى.doc
2.
ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى
113.9 KB
: ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى

 

5326-نومۇرلۇق سوئال

سۇئال :

ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتىكى ئورنى نېمە؟

جاۋاپ :

ئاتا-  ئانىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى :

1- ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىش بولسا جانابى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامغا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر. جانابى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « بىز ئىنساننى ئاتا-  ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق».  يەنە بىر ئايەتتە: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۈرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن، ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن» . ئىسرا سۈرىسى 23 ،24 - ئايەتلەر.

ھەدىس شەرىپتە: ئىبنى مەسئۇد پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن، ئەمەللەردىن قايسىسى ئەۋزەلرەك دەپ سورالغاندا: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان كەلتۈرۈش،  ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دەپ جاۋاپ بەرگەن.  بۇنىڭدىن باشقا بۇ ھەقتە ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر.

2- ئاتا-  ئانىغا ئىتائەت قىلىش، ئۇلارغا ئېھسان قىلىش ئىنساننىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاتا- ئانىسى ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى قېرىلىق ھالەتكىچە ياشىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشىنىڭ بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن، بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن،  بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن !» سەھىھ مۇسلىم 4627 -نومۇرلۇق ھەدىس.

3- ئاتا - ئانىنى ھۆرمەتلەش ۋە بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش، ياخشى كۆرۈش بولسا، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ.

4- ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقانلىق سانىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشىڭىزغا سەۋەبچىدۇر. سىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ سىزنى كىچىكىڭىزدىن تارتىپ ياخشى تەربىيىلىدى. جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ماڭا ۋە ئاتا- ئاناڭغا رەھمەت ئېيتقىن».

5- پەرزەنتنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ئېھسان قىلىشى، كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ياخشىلىقنىڭ جازاسى ياخشىلىقلام بولىدۇ !».

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

 

Go to the Top