پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 18/2/1430 ھـ / 2009-يىلى 02-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن بولۇپ، خۇتبىدا، ئىسلامدا ئائىلىنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتى ۋە رولى، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلەرگە ھەق دىن ۋە ئەخلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەلىم-تەربىيە بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا بېغىشلانغان ئاللاھنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىكى، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى ساغلام ئەقىدىگە يېتەكلەپ، مىللەت، ۋەتەنگە مەنپەئەت بېرىدىغان، ئىماندار، ئىرادىلىك پەرزەنتلەردىن قىلىپ تەربىيىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-03-02
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/193750
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق
390.5 KB
: پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق.doc
2.
پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق
96.9 KB
: پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيەلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق

         

2009-يىلى 02-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈزمىڭلارچە جامائەتكە «پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيەلەش، ئاتا-ئانىنىڭ غايە ۋە ئىرادىسىگە باغلىق» دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىسلامدا ئائىلىنىڭ ئورنى يۇقىرى، نىشان-غايىسى يۈكسەك بولۇپ، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ئەۋلادلارنى ھىمايە قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش، زېھنى ۋە جىسمانى جەھەتلەردىن ساغلام تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ قەلبىگە مېھرى-مۇھەببەت، رەھىم-شەپقەت تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۈش، ياراملىق، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ئېتىقادلىق، مىللەتپەرۋەر، ۋەتەن سۆيەر ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

كۆپلىگەن ئىلمى تەجرىبىلەر ئەۋلاد تەربىيىلەشتە، ئائىلىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ھېچقانداق بىر سېستىم ئىختىرا قىلىنمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىسلامدىكى ئەڭ بۈيۈك ئەمەللەرنىڭ بىرى، ئەۋلادلارنى ئىسلامىي تەربىيە بىلەن يېتىلدۈرۈپ، يۈكسەك ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ئاساستا، ھەرۋاقىت ۋە ھەرزامان تەرەققىياتقا يۈزلىنەلەيدىغان ياراملىق ئەۋلادلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار». تەپسىرشۇناسلار بۇ ئايەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى ئەدەپ -ئەخلاق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى كېرەك.  ئەۋلادلارنى ئالى ھىممەتلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانىي، روھى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بەختلىك تۇرمۇش ۋە ساغلام ھايات تەلەپ قىلىدىغان، ھەممە تەرەپلەردىن  يېتىشكەن يارام  ئىزباسار قىلىپ چىقىش كېرەك. بۇنداق پەرزەنتلەر ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئىمام ئەھمەد، تىرمىزىي ۋە ھاكىملار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاتا ئۆز پەرزەنتىگە گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاقتىنمۇ ئېسىل سوۋغا تەقدىم قىلمىدى». ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۈگۈتۈشى، ئىسلام تەلىماتى ۋە ئەدەپ-ئەخلاقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانىيەتكە تەلىم-تەربىيە بېرىشىنى بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! ئائىلەڭدىكىلەرنى ۋە ئۈممىتىڭنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەرزەنتىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا (يەنى نامازغا كۆنمىسە) ئەدەپلەڭلار، ئورۇن-تۆشەكلىرىنى ئايرىم قىلىپ بىرىڭلار». بۇ تەرەپنى كۈچلاندۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگۈنۈپ كىيىن باشقىلارغا تەلىم بەرگىنىڭلاردۇر». ئاتا-ئانىلار، پەرزەنتلىرىنى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى سۆيىدىغان، توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىدىغان، گۈزەل ئەخلاققا ھېرىسمەن، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئېھتىرام قىلىدىغان، قۇرئان-كەرىم چەكلىمىلىرىدە توختاپ، بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرىدىغان، ئىماندار، ھەقىقەتپەرۋەر ئىنسان بولۇشقا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. پەرزەنت ئېسىل تەربىيە بىلەن جەمئىيەتكە مەنپەئەت بەرسە، ناچار تەربىيە بىلەن جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ.

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ، جەمئىيەتتىكى ناچار ئادەت ۋە قىلمىشلارنى يۇقتۇرۇۋىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق پەرزەنت ئىسلام فىترىتىدە دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدىي ياكى خرىستىئان ياكى مەجۇسى قىلىپ تەربىيىلەيدۇ».

ئاتا-ئانىلار قىز پەرزەنتلەرنى ئىپپەتلىك، شەرمى-ھايا، ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، دىنى ساۋات ئىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. قۇرئان كەرىم ۋە دىنى بىلىم ئۈگۈنۈش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ جەننەتكە كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قىز پەرزەنت ئاتا قىلىنىش بىلەن سىنالغان كىشىلەر،  قىز پەرزەنتلىرىگە خەير-ئېھسان قىلىپ، ياخشى تەربىيىلىسە، ئۇلار ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن، قىيامەتتە دوزاختىن پەردە بولىدۇ». يەنە بىر ھەدىستە: «كىمنىڭكى، ئۈچ قىزى ياكى ئۈچ ھەمشىرىسى بولسا ياكى ئىككى قىزى ياكى ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كېرىدۇ». پەرزەنتلىرىگە ياخشى تەربىيە قىلغان ئاتا-ئانىلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپ ياخشىلىق ۋە چەكسىز مەرھەمەتكە ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ۋاپات بولغاندا، ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن باشقا ھەممە ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىرى ئاتا-ئانىسى ھەققىدە كۆپ دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ پەرزەنتتۇر».

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى ئىسلاھ قىلماي، ئىسلامىي تەلىم بېرىشكە سەل قاراپ، تەلىم-تەربىيە ئىلىش ۋاقىتلىرىدا ياخشى يوليۇرۇقلارنى بەرمەيدىكەن، ئاخىرىدا پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن خارلىق ۋە بەخىتسىزلىككە ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىنساننىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا لەنەت ئېيتىشتۇر، دېگەندە، بىر كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قانداق لەنەت ئېيتىدۇ؟ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللايدۇ، باشقىلارمۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللايدۇ» دېگەن. پەرزەنتلەرنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشىگە سەل قاراپ، ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىغا ياخشى كۆڭۈل بۆلمەسلىك بۈيۈك جىنايەت ۋە چوڭ خىيانەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پەرزەنتنى ياراملىق قىلىپ يېتىلدۇرۇش، ئاتا-ئانىغا ئاللاھ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ئامانەتتۇر.  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەتكىچە مەڭگۈلۈك بولغان بۈيۈك دەستۇرنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، ھەر كىم ئۆز پادىسىدىن سۇئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىن سورىلىدۇ، رەھبەرلەر ئۆزى مەسئۇل بولغان خەلقنىڭ ئىشىدىن سورىلىدۇ، ئايال كىشى ئۆز ئېرىنىڭ مال-مۈلكى ۋە پەرزەنتىدىن سوئال قىلىنىدۇ».

ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتكە سەل قاراپ پەرزەنتلەرگە ئۆزى كۆڭۈل بۆلمەي، خىزمەتچى ۋە بالىلار باغچىلىرىغا تاپشۇرۇشى، پەرزەنتلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيىلەنمەسسلىكىنىڭ يەكۇنىدۇر. ئانا قىز-ئوغۇللارنى، ياراملىق ئەرلەرنى تەربىيىلەشتە ئەڭ ئىشەنچىلىك تەربىيەتچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ تائىتى ئاستىدا تەربىيەلەش، ئۆزىنىڭ بارلىق پىكرى ۋە ۋاقتىنى، يۈرەك پارىسىنى ياخشى تەربىيىلەپ ئانىلىق مېھرىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىسىدە بىزگە ئەسلىتىپ ئايال كىشى ئۆز ئېرىنىڭ مال-مۈلكى ۋە پەرزەنتىدىن سوئال قىلىنىدۇ دېدى، ئىلگىرىكى زاماندا ئانىلار، ياراملىق ياخشى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە مۇئەللىمنىڭ رولىنى ئالغان بولسا، ھېلىھەم ئۇ بۈيۈك ئورنى ساقلىنىپ كەلمەكتە.  پەرزەنتلەرنى دۇنيادا تىنچ، ساغلام ھايات كەچۈرىدىغان ياخشىلىق يوللىرىغا يېتەكلەشمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيتى ھېسابلىنىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلارغا: ئەۋلادلىرىڭلارنى  سۇ ئۈزەلەيدىغان، ئات مىنەلەيدىغان ۋە ئوق ئاتالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەڭلار دەپ تەۋسىيە قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال-مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بىرىڭلار». يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن شۇنى بىلىۋالالىشىمىز مۇمكىنكى؛ ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيىلەشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى، ئۇلارنى ھاياتنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىدا ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشقا ئادەتلەندۈرۈشتۇر، ئۇلارغا ئۆسمۇرلىكىدە بېرىلگەن تەربىيەنىڭ مەنپەتى ناھايىتى چوڭقۇر بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە، چىرايلىق ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق، ھاياتتا دۈچ كېلىۋاتقان ۋە كىلىدىغان، بىلدۈرۈشكە تىگىشلىك بولغان، ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئالى مەقسەتلەرگە يېتەكلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا لوقمان(ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى.

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى ئىسلاھ قىلىدىغان ۋاستىلارنى ئىشلىتىش، ھەممە ئىشتا ئۇلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇش، قىلغان ئىشلىرى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئالى پرىنسىپ ۋە توغرا يولغا مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « كىمىكى كىچىك بالىنى، بۇياققا كەل بىر نەرسە بېرىمەن دەپ، بىر نەرسە بەرمىسە يالغانچى بولىدۇ» دەيدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولىشى پەرزەنتكە چوڭقۇر تەسىرى بولۇپ، بۇ شەرىئەت دەلىللىرى ۋە كەسكىن ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر.  ئىلگىرىكىلەردىن بىرى: بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ياشلار ئاتا-ئانىسى ئادەتلەندۈرگەن بويۇنچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ دېگەن. شۇنداق بولىدىكەن ھەرقانداق پەرزەنت ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن پەخىرلىنىدۇ.  ئاتا-ئانىلار ھەممە ئىشتا پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولىشى، ئۇلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پائالىيەتچان قىلىپ يېتىلدۈرۈشى، ئۇلارغا شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە بارلىق ياخشى خىسلەتلەرنى ئۈگۈتۈشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر».

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەقۋا، دىندار ياخشى كىشىلەرگە ھەمراھ قىلىشى، ئۆز ھالىغا قويماسلىقى، كىملەر بىلەن دوستلاشتى، بۇنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۆزى خالىغان ياشلار بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقى كېرەك. ئىنساننىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ياكى ئازغۇن يوللارغا مېڭىشىدا، ئۇنىڭ ئارىلاشقان دوستلىرىنىڭ تەسىرى زور بولىدۇ ئەلبەتتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشىنىڭ دىنىدا بولىدۇ، ئۆزۈڭلار ئارىلاشقان كىشىگە قاراڭلار» دېگەن، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە گۈزەل ئەخلاق، كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەمرا بولىشى، گۇناھ-مەسىيەتتىن خالى مەلۇم خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، تولۇق مېھرى-شەپقەتنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، پەرزەنتلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولىشى ئۈچۈن، راستچىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك.

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top