بيان إخلاء المسؤولية

ذيل الصفحات البطاقة التعريفية
العنوان: بيان إخلاء المسؤولية
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: بيان إخلاء المسؤولية.
تأريخ الإضافة: 2009-02-22
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/193314
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
نبذة موسعة

مەسئۇلىيەت باياناتى

 

تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقىلىشى ئۈمۈت قىلىنىدۇ؛ چۈنكى بۇ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىش ۋە  ئۇنىڭدىكى ھۆججەتلەردىن  پايدىلىنىش مەزكۇر شەرتلەرنى  قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنداقلا  ئۇ شەرتلەر  ئىنتىرنت قوللانغۇچىلار ئارىسىدىكى ياخشى نىيەت بىلەن ھەمكارلىشىش پرىنسىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(دارۇل ئىسلام تور بېكىتى) ۋە ياكى( تور بېكىتى) ئاتالغۇسىدا old.islamhouse.com   كۆزدە  تۇتۇلىدۇ. بۇ تور بېكەت سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى ئىشلار مېنىستىرلىكى باشقۇرۇلىشىدىكى، رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى ئىشخانىسى تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ ۋە  ئىگىدارچىلىق قىلىنىدۇ.

خەت ساندۇق ئادرىسى:  p.o.box 29465

     Al-riyadh 11457  

  K.S.A 

1-بۇ تور بېكىتى ئومۇمنىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان مەلۇماتلارنى ئاممىغا يەتكۇزۇش نىشانى بىلەن كوۋرۇكلىك رولىنى ئوينايدۇ.

2- بىز بۇ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ يېڭى، ساغلام ۋە سۈپەتلىك بولىشىغا تىرىشىمىز. باشقىلار تەرىپىدىن يىڭىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارالغان، ئۆزگەرتىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەسەرلەر سەۋەبى خىزمەت نەتىجىسىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەپلىك خىزمەت نەتىجىسىگە  كاپالەتلىك بىرەلمەيمىز.

3-تور بېكىتى، كۆرۇلگەن خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش، بېكەت خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش، بەت يۈزىگە چىقىرىلغان پۈتۈن ئەسەرلەرنىڭ ھەر-ۋاقىت يېڭى ۋە ساغلام بولىشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىدۇ.

4- بۇ تور بېكىتىدە  نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ساغلام ۋە سۈپەتلىك بولىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىشىگە قارىماي، بىز يەنە بەت يۈزىگە چىقىرىلغان ئەسەرلەرنىڭ خاتالىق ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن خالىلىقىغا كاپالەتلىك بىرەلمەيمىز.

5- دارۇل ئىسلام تور بېكىتى نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك بەرمەيدۇ، ئەمما  ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئېنىقلاشقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىدۇ ۋە ئۆز دىنى مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ.

6- بۇ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان  ئەسەرلەرنىڭ، ساغلام ۋە  ئىنچىكىلىكىدە  مەسىلە كۆرۇلسە، دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ھېچقانداق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ.

7- بۇ تور بېكىتىگە كېرىش،  زىيارەت قىلغۇچى ئۈچۈن ھېچقانداق شەرت ۋە باغلىنىش ئالاقىسىنى كۆزدە تۇتمايدۇ.

8- بۇ تور بېكىتىگە كېرىش بەزى بىر قانۇنى چەكلىمىلەرگە ئۈچرىشى مۇمكىن، چەكلىمىگە ئۈچرىغۇچىلارنىڭ بۇ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ۋە شۇنداقلا قانۇنى چەكلىمە ئاستىدا زىيارەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ھېچقانداق قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ.

9- بېكەت زىيارەتچىلىرىنىڭ تور بېكەتتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىشىدىن كىلىپ چىققان ھەرقانداق نەتىجىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، بېكەتتىكى پىكىر ۋە كۈز قاراشلار دارۇل ئىسلام تور بېكىتى، بېكەت ساھىبىي ۋەياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ  مەپكۇرىلىرىدىن بولماستىن جاۋاپكارلىقى يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ.

10- دارۇل ئىسلام تور بېكىتى خالىغان ۋاقىتتا ھۆججەت ۋە تېمىلارنى ۋە ياكى بېكەت تەرەققىياتىغا ئائىت پروگېرامما قاتارلىقلارنى  ئۆزگەرتىش سالاھىيەتلىرىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە قانۇنى ھۆقۈقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

 11- تور بېكىتىمىزنى ئۈلىنىش قىلغان بېكەتلەر ۋەياكى بىز ئۈلىنىش قىلغان تور بېكەتلەر، ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلار ۋە  بىز ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان تور بېكەت قاتارلىقلار بىزنىڭ باشقۇرىشىمىز ئاستىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بېكەتلەردىكى مەزمۇنلار ۋە ئۇلىنىش قىلىنغان تور بېكەتلىرى بىلەن دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئارىسىدا ئورتاقلىق بار دېگەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ. پەقەت ئۇ تور بېكەتلىرىنى تونۇتۇش ۋە ھەمكارلىشىش رولىنى ئوينايدۇ. سىزنىڭ ئۇ بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغانلىقىڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلاردىن پايدىلانغانلىقىڭىز دارۇل ئىسلام تور بېكىتىگە ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يۇكلىمەيدۇ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ چۈنكى سىز ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن كىردىڭىز. تور بېكىتىدە، قانۇنى جاۋاپكارلىقى بار سەزگۇر تېمىلار يوللانسا ۋە سىزىلسا، دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ھەرقانداق ۋەزىيەت ئاستىدا  مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.

12-دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئىكەنلىكىگە ئوچۇق ئىشارە قىلغان، باشقىلارنىڭ زەۋقىگە تەسىر يەتكۇزمىگەن شەرت ئاستىدا دارۇل ئىسلام تور بېكىتىنى ئۈلىنىش قىلىۋىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

13- تور بېتىنى تارىتىش يولىدا باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان ئېلان خاراكتىرلىق خەتلەرنى( spam) ئېۋەتىش ۋاستىسىنى قوللىنىشىڭىز تور بېكىتى تەرىپىدىن قارشى ئىلىنمايدۇ. 

14-زىيارەت قىلىش جەريانىدا ھەر-خىل خاتالىقلار بايقىلىشى مۇمكىن. زىيارەتچىنىڭ ئۇ خاتالىقلارنى بىزگە يەتكۇزۇپ قويۇشىنى ھۆرمەت بىلەن ئۈمۈت قىلىمىز ۋە بىكىتىمىز تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى دەپ بىلىمىز.

15-تور بېكەت باشقۇرغۇچىسى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بىرىلگەن خاتالىقلارنى تولۇق ئوزگەرتىشكە ۋەدە ۋە كاپالەتلىك بىرەلمەيدۇ.

16-بىز تور بېكىتىمىز خىزمىتىدىن چاتاق چىقمايدۇ ۋە داۋاملىق داۋاملىشىدۇ دەپ، كاپالەتلىك بىرەلمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېكەت خىزمىتىنىڭ تۇراقسىزلىشى سەۋەپلىك كىلىپ چىققان مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىمىزگە ئالمايمىز.

 17-تور بېكىتى يۈزىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ۋىروسدىن خالى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپلەپ كۈچ چىقىرىلغان تۇرۇغلۇق، تور بېكىتى ۋە ئۇنىڭدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنى ۋىروسلاردىن خالى دەپمۇ قارىمايمىز، ۋىروستىن خالى ئىكەنلىكىگە كاپالەتمۇ بىرەلمەيمىز. شۇ سەۋەپلىك كىلىپ چىققان زىياننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇستىمىزگىمۇ ئالمايمىز. شۇڭا ھەرقانداق ئەسەردىن پايدىلىنىشتىن ئىلگىرى ئېھتىيات قىلغان ئاساستا ۋىروس تەكشۇرۇش دېتالى بىلەن تەكشۇرۇۋىتىپ قوللىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

18-بۇ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ، تىجارەت بەلگىلىرى، كىتاپ مۇقاۋىسى، سۈرەت قاتارلىقلارنىڭ قانۇنى ھۆقۈقى ئاپتۇرنىڭ مۇلكى بولۇپ، ھەرقانداق شەكىل بىلەن بولسۇن تور بېكىتى ۋە ياكى ئۆچىنچى بىر تەرەپ سىزگە تىجارەت بەلگىلىرى، بىسىپ تارقىتىش ھۆقۈقى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت مەلۇمات قاتارلىقلارنى بىرىش ھۆقۈقىغا ئىگە ئەمەس.

19 – تور بېكىتىمىزنىڭ بەزى زىيارەتچىلىرى ۋە ياردەمچىلىرى بەزى ئەسەرلەرنى بىزگە ئەۋەتىدۇ، ئۇلارنى توردا ئېلان قىلىشىمىز ئۈچۈن نەشىر ھۇقۇقى قانۇنلۇق قوغدالمىغان بولىشىنى شەرت قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تور بېكىتىمىز ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەگەر كېيىنچە ئۇنىڭ نەشىر ھوقۇقى مەلۇم بىر تەرەپكە مەخسۇس بولۇپ چىقسا ياخشى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىزگە ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرگە قارىتا نارازىلىقى بولسا، دەرھال بىزگە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

20-تور بېكىتىمىزنىڭ خىزمەتلىرى بەزى دۆلەتلەردە قولايلىق بولسىمۇ، يەنە بەزى دۆلەتلەردە قولايسىز بولىشى مۇمكىن. شۇڭا سىزنىڭ بۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز لازىم.

21- دارۇل ئىسلام تور بېكىتىنىڭ ھەر قانداق ئىلاۋە ۋە بۇ تور بەت توغرىسىدا ئەۋەتىلگەن مۇلاھىزە، ئەسەر ۋە ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمىغان ھالدا، ئەۋەتكەنلەرگە ھېچقانداق ماددىي ھەق تۆلىمەستىن نەشىر قىلىش  ھوقۇقى باردۇر.

22- تور بېكىتىمىز، بىزگە ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئۇلارغا خەۋەر بەرمەستىن، قايتا ئېلان قىلىش ياكى ئىشلىتىش ياكى ئۆزگەرتىش ياكى ئۇنىڭدىن ئېلىنغانلارنى تارقىتىش ھوقۇقى باردۇر.

23- دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ياكى ئۇنىڭ شۆبىلىرىدىن بىرەرسى، خادىملىرى ، ۋاكالەتچىلىرى ، نەشىر قىلغۇچىلىرى ، قوغدىغۇچىلىرى ھېچبىر ئەھۋال ئاستىدا، توردىن پايدىلانغۇچىلار تەرىپىدىن كېلىپ چىققان يېتەرسىزلىك، كەمچىلىك، خاتالىق، كېمەيتىۋېتىش، ئۈچۈرىۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ۋاستىلىق ۋە ۋاسىتىسىز ھەر قانداق بىر  زىياننىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.

24- بۇ يەردىكى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئېلان قىلىشىمىز، دارۇل ئىسلام تور بېكىتىنىڭ جىمى خادىملىرى ۋە تارقاتقۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى، ساھىبى، ۋاكالەتچىلىرى، تورغا رۇخسەت بەرگەنلەر ۋە مەلۇمات ۋە ئەسەر ئەۋەتىپ تۇرىدىغان ھەمكارلاشقۇچىلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Go to the Top