هل يجب على الزوج إسعاد زوجته

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: هل يجب على الزوج إسعاد زوجته
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ما هي واجبات الزوج تجاه زوجته ؟ وهل يجب أن يبقيها سعيدة أم لا ؟ وزوجي لا يعاملني كما يعامل بقية أفراد عائلته، ويهتم بوالديه وإخوته ويهتم بسعادتهم أكثر مني، وأريده أن يهتم بي وبسعادتي كما يهتم بهم ، هل يمكن أن تعطيني سبباً لأخبره به حتى يحبني ويهتم بي أكثر.
تأريخ الإضافة: 2009-02-19
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/193228
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
دىنىمىزدا ئەر ئايالىنى بەختلىك قىلىشقا بۇيرۇلغانمۇ؟
440 KB
فتح: دىنىمىزدا ئەر ئايالىنى بەختلىك قىلىشقا بۇيرۇلغانمۇ؟.doc
2.
دىنىمىزدا ئەر ئايالىنى بەختلىك قىلىشقا بۇيرۇلغانمۇ؟
91 KB
فتح: دىنىمىزدا ئەر ئايالىنى بەختلىك قىلىشقا بۇيرۇلغانمۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

دىنىمىزدا ئەر ئايالىنى بەختلىك قىلىشقا بۇيرۇلغانمۇ؟

 

43166-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئەرنىڭ ئايالىغا قىلىدىغان مۇھىم ئەمەللىرى قايسى؟. ئەرنىڭ ئايالىنى دائىم بەختلىك قىلىشى كېرەكمۇ؟. ئىرىم ماڭا ئۆز تۇغقانلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، يەنى ئاتا-ئانا، ھەمشىرىلىرىگە ماڭا كۆڭۈل بۆلگەندىن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنىڭ ماڭا ۋە كېلىچەك ھاياتىمىزغا، تۇغقانلىرىغا ھېسداشلىق قىلغاندىنمۇ بەكراق كۆڭۈل بۆلىشىنى مەقسەت قىلىمەن. ئېرىمنىڭ ماڭا بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان بىرەر سەۋەپ بولسا ئېيتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

جاۋاب:

ئەر ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىشى، كېرەكلىك بولغان يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇ جايلارنى ھازىرلاپ بېرىشى ۋاجىپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» سۈرە نىسا 19-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلىرىنىڭ ھەقلىقى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللىرىنىڭمۇ ھەقلىقى بار، يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىشى، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەت ئۆتىشى كېرەك. ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن، ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىز قىلغۇچىدۇر» سۈرە بەقەرە 228-ئايەت.

ئىمام ئەھمەد بىلەن ئەبۇ داۋۇد مۇئاۋىيە ئىبنى ھەيدەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىغان سوئالىنى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! بىزلەرنىڭ ئۈستىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ھەققى قايسى؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك قىلىپ بېرىش، يۈزىگە ئۇرماسلىق، سەت سۆزلەر بىلەن تىللىماسلىقىڭ، سىنى رەنجىتىپ قويغاندىمۇ ئۆز ئۆيۈڭدىن باشقا ئۆيگە چىقىپ كەتمەسلىكىڭدىن ئىبارەتتۇر».

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نۇرغۇن ھەدىسلىرىدە، ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، ئەرنىڭ ئايالى ھەققىدە ئاللاھدىن قورقۇشى، تىگىشلىك ھەققىنى تولۇق بېرىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىغا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن، ئايالىغا ئېھتىرام قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈپ، خەيرى ئېھسان قىلىش بىر-بىرىگە زىت ئىش ئەمەس. قىز ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيلىق مۇجەسسەملەشكەن تۆۋەندىكى ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدىكى  مۇبارەك سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلار، مەن ئائىلەمدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغۇچىمەن». بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىگە ئېھتىرام قىلىشنى ياخشىلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلدى. كىمكى ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خەير-ئېھسان قىلسۇن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر  ئېھسانلىرىڭغا، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئېغىزىغا سىلىپ قويغان بىر لوقما تائامىڭغىمۇ ئەجىر بېرىلىدۇ» بۇخارىي رىۋايەت قىلغان 56-نومۇرلۇق ھەدىس.

سىز ئېرىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ تولۇق بولماسلىقىدىكى سەۋەبنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بەلكىم سىز ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئائىلىدىكى شەخسى تۇرمۇشىغا ئەستايدىللىق بىلەن كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىڭىزدىن ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن چىرايلىق ياسىنىپ، ياخشى كۈتمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. سىز تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ چىقىڭ، بەلكىم سىز ئويلىمىغان يەردىن مەسىلە خاتىرجەملىك بىلەن ھەل بولىشى مۇمكىن.

كۆپ سەبرى قېلىڭ، بۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق ۋە گۈزەل ئاقىۋەتلەر بولىشىدا شەك يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سەبرى قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەبرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»سۈرە ئەنپال 46-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: «كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەبرى قىلىدىكەن، ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ»سۈرە يۇسۇپ 90-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: «سەبرى قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر»سۈرە ھۇد 49-ئايەت.

ئاللاھتىن ئائىلىڭىزگە ئىللىقلىق، تەقۋادارلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان گۈزەل تۇرمۇش ئاتا قىلىشىنى سورايمەن.

ئاللاھ تائالادىن بىزنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشىنى سورايمىز.


 

 

الترجمات ( 1 )
Go to the Top