زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەر

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەر
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مىنىڭ بىر دوستۇم زىنانىڭ نېمە ئۈچۈن ھارام قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلدى، بۇ مەسىلىدە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ مەلۇماتىمىز چەكلىك بولغاچقا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىدۇق، پەقەت قۇرئان-ھەدىستىن زىنادىن ساقلىنىش، بولمىغاندا بۇنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۇق، ئومۇمەن بىزگە نېمە ئۈچۈن زىنادىن ساقلىنىشىمىز كېرەكلىكى، بۇ ھەقتە شەرىئەتتە زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتنى بايان قىلغان مىساللار ئارقىلىق  چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-02-08
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/192590
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەر
448 KB
: زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەر.doc
2.
زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەر
103.4 KB
: زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەر.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەر

 

115486-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مىنىڭ بىر دوستۇم زىنانىڭ نېمە ئۈچۈن ھارام قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلدى، بۇ مەسىلىدە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ مەلۇماتىمىز چەكلىك بولغاچقا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىدۇق، پەقەت قۇرئان-ھەدىستىن زىنادىن ساقلىنىش، بولمىغاندا بۇنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۇق، ئومۇمەن بىزگە نېمە ئۈچۈن زىنادىن ساقلىنىشىمىز كېرەكلىكى، بۇ ھەقتە شەرىئەتتە زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتنى بايان قىلغان مىساللار ئارقىلىق  چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟ بىزنىڭ بىلىشىمىزچە زىنا جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولىدىغان، بۇزۇق ئەر-ئاياللارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، قۇرئان-ھەدىستە بۇنى ئوچۇق بايان قىلىدىغان ۋەقەلىكلەر بارمۇ؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: مۇسۇلمان كىشى ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ھېكمىتىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن بۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇنۇشى، ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكۈمنى ئالى ھېكمەت بىلەن ئىنسانلارغا ياخشىلىق ۋە ئومۇمى مەنپەئەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇزۇقچىلىق ۋە يامانلىقنى توسۇش ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر» سۈرە نۇر 51-ئايەت. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان كىشى شەرىئەتنىڭ كامالىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى ھېكمەتلەرنى بىلىش ئۈچۈن تەتقىقات ئىلىپ بېرىشى چەكلەنمەيدۇ. بەلكى بۇ ئارقىلىق غەيرى دىندىكىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش، ئۇلارنى شەرىئەتنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادىل پرىنسىپ ئۇستىگە قۇرۇلغان دىن ئىكەنلىكىگە قانائەتلەندۈرۈشكە  قادىر بولالايدۇ.

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا زىنانى كەسكىن ھارام قىلدى. بۇ گۇناھنى ئىشلىگەن كىشىگە دۇنيادا ئىجرا قىلىنىدىغان ھەد ئۇرۇش جازاسىنى بېكىتتى(يەنى شەرىئەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن جازا)، بۇ ھەقتىكى دەلىللەرنى تەپسىلى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇنى كۆپچىلىك كىشىلەر بىلىدۇ، لېكىن بىز زىناغا ئالاقىدار بولغان بەزەن ھۆكۈملەرنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1- زىنانىڭ ھارام قىلىنىشى ئىنسانلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇغما تەبىئىتىگە مۇۋاپىق كېلىشى( ئىسلام ئەقىدىسى ئۇستىگە تۇغۇلۇشى)، ئابرۇيىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈنلەمچىلىك، ئىززىتىنى ساقلاشنىڭ پەيدا بولىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بەزى ھايۋانلاردىمۇ كۈنلەمچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. بۇخارىيدا سۆزلەنگەن 3849- نومۇرلۇق ھەدىستە: ئەمىر ئىبنى مەيمۇن ئەل ئوۋدى مۇنداق دەيدۇ: مەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئەركەك مايمۇن بىلەن بىر چىشى مايمۇننىڭ زىنا قىلغانلىقىنى كۆردۈم، كېيىن مايمۇنلار توپلىشپ كېلىپ بۇ زىناخور مايمۇننى تاش-چالمىلار بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

مايمۇنلار زىنانى يامان كۆرۈپ ئابرۇيىنى قوغداپ كۈنلىسە، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ئىززىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈنلىمەمدۇ؟.

قايسى بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئايالى، قىزى، ئاچا-سىڭىللىرى ۋە ئانىسى بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭۈل ئىچىشىنى خالايدۇ؟!. بۇنىڭغا رازى بولغان ئىنسان ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى دەۋرىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزىلىرىدە، ئاياللارنى ئالماشتۇرۇش زالى ئېچىلغان بولۇپ، زالغا كۆگۈل ئىچىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئۆز-ئارا ئاياللىرىنى ئالماشتۇرۇپ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىشىدۇ، بۇ قىلمىشلار دەييۇزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

2-كىشىلەرنىڭ نەسەبلىرى ئارىلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش؛ زىنا قىلىشنى توغرا ياكى ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى دەپ قارىغان شەخس ۋە جەمئىيەت، ئۆز پۇشتىدىن تۆرەلمىگەن بالىنى پەرزەنتىم دەپ ئۆز ئائىلىسىگە ئەكىرىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن مىراسقا شېرىك قىلىدۇ، نامەھرەم بولىدىغان ئورۇندا مەھرەمدەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

3- گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىش؛ زىنا ئۆز خانىدانى ۋە ئائىلىسىدىكى ئىللىق ھاياتنى بۇزۇپلا قالماستىن ئائىلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق، جەمئىيەتتىكى نورمال مۇناسىۋەت ۋە ئىتتىپاقلىقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. ئەر ئاشنا ئوينىسا ياكى ئايال ئاشنا تۇتسا، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتىكى ئىللىق ھايات، ئىتتىپاقلىق ئائىلە ۋەيران بولىدۇ.

4- جىسىمنى كېسەللىكتىن ساقلاش؛ زىنا ئاشكارا تارقالغاندا پەيدا بولىدىغان بەزى كېسەللىكلەر ئاللاھ تائالانىڭ زىناخورلارغا بەرگەن دۇنيادىكى مەلۇم جازاسى ھېسابلىنىدۇ. بىنورمال جىنسى مۇناسىۋەت ئاشكارا تارالغان مىللەت ۋە جەمئىيەتتە يۈزبېرىۋاتقان سېپىلىپ كېسىلى ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىغان ۋە تەھدىت سېلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. 2006-يىلى دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 45 مىليونغا يەتكەن. 20 مىليون كىشى مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. 300 مىليوندىن كۆپرەك كىشىدە بۇ كىسەلگە مۇناسىۋەتلىك ۋىرۇس ۋە باكترىيا بايقالغان.

ئافرىقىدا ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك ۋاپات بولىدۇ. ئەمما دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغۇچىلار كۆپلۈك جەھەتتە 4- ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.

ئازراق ئەقلى جايىدا ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە مۇشۇنداق ئىپلاس كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرامدۇ؟.

ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر مىللەت ئىچىدە زىنا-پاھىشە ئاشكارا قىلىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇ مىللەتنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى كۆرۈپ باقمىغان ھەر تۈرلۈك ۋابا كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە 4019-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دېگەن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ۋابا كېسەللىرى ھازىر  كۆپلىگەن جەمئىيەتلەردە كۆرۈنىۋاتىدۇ.

5- ئاياللارنىڭ ئىززىتىنى ساقلاش؛ ئەگەر زىنا يولغا قويۇلسا ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ، ئىنسانلىقى دەپسەندە قىلىنىدۇ ۋە خارلىنىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى بولۇپمۇ ئاياللارنى ئىززەت-ھۆرمەت قىلىدىغان دىندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىسلامدىن بۇرۇن ئاياللار ئەڭ خارلىنىپ ئېتىبارسىز قارىلاتتى. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئاياللارنىڭ قوغدىلىنىدىغانلىقى رەسمى قانۇنلاشتۇرۇلدى.

6- جىنايەتنىڭ تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش؛ زىنا ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بولۇپ، كۆپ ۋاقىتتا ئەر ئايالى بىلەن ئاشنىسىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى زىناخور  ئۆز مەشۇقىنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى بۇ ئايالنى كۈنلەپ ئۇ ئايالنىڭ يەنە بىر ئاشنىسىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئايال باشقىلار تەرىپىدىن زىناغا مەجبۇرلانغان بولسا ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغۇچىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئايال غۇرۇرلۇق ئەر بىر تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زىنا سەۋەبىدىن يۈزبېرىدىغان بۇزۇقچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىكتۇر. زىنادىن توسۇش ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ ئىمانى ۋە ئىنسانى بۇرچى بولۇپ، نەسەب ئارىلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، جىنسى كېسەللىكتىن ساقلىنىش، ئەخلاقسىزلىقلاردىن يىراق بولۇش قاتارلىق ئىشلاردا بۇ ھۆكۈم مۇھىم رول ئوينايدۇ".

زىناغا سۈكۈت قىلىش دۇنيا ئىسلاھات پرىنسىپىغىمۇ زىت كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى ئۆچكۆرۈش ۋە ئاداۋەتلىشىش پەيدا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ ئايالىنى، ئانىسىنى، ئاچا-سىڭىللىرىنى ۋە قىزلىرىنى يولدىن چىقىرىشقا ئۇرىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ۋەيران بولۇپ بۇزۇقچىلىق ئۇۋىسىغا ئايلىنىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زىنانى ئاللاھ قۇرئاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتتە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە جۈپلەپ سۆزلىگەن.

ئىمام ئەھمەد: "ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىدىن كىيىن زىنادىنمۇ چوڭ جىنايەت بارلىقىنى بىلمەيمەن" دېگەن. ئاللاھ تائالا زىنانىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھغا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ گۇناھلارنى قىلىدىكەن ئاخىرەتتە ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاپ قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بۇ دۇنيادىكى چېغىدا تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» سۈرە پۇرقان 68-69-70- ئايەتلەر.

زىنانى شېرىككە ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشكە يانداپ زىكىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئوخشاش بېكىتتى. دوزاختا مەڭگۈ قىلىپ ھەر تۈرلۈك دەرتلىك ئازابنى تىتىشتۇر، بۇنداق ئازابتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى، ئاللاھغا ئىمان ئېيتىش، تەۋبە قىلىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت».

ئاللاھ زىنانىڭ ئۆزىنىڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. بۇ قەبىھلىكتە چېكىگە يەتكەن ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، بۇنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغان قىلىق ئىكەنلىكى ئەقىلغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.( ئەلجەۋابۇل كاپى 105-بەت)

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.


 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top