الزوج يهددها بالطلاق إن لم تسقط الجنين

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: الزوج يهددها بالطلاق إن لم تسقط الجنين
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: أنا فتاة متزوجة عندي ولدان ، وسؤالي هو : أنا حامل منذ ٣ أسابيع رغم احتياطي لعدم الحمل لطلب زوجي ، وفور إعلامي لزوجي بالحمل رفض رفضا تاما هذا الحمل ، وهددني بالطلاق إن لم أقم بإجهاض هذا الطفل . أرجو منكم المساعدة وشكرا .
تأريخ الإضافة: 2009-02-08
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/192579
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
يولدىشىم تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ
436 KB
فتح: يولدىشىم تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.doc
2.
يولدىشىم تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ
84.6 KB
فتح: يولدىشىم تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.pdf
نبذة موسعة

 

يولدىشىم تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ

 

119858- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن توي قىلغان، ئىككى پەرزەنتىم بار، يولدىشىمنىڭ تەلىپى بويۇنچە ئېھتىيات قىلىپ ھامىلدار بولماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ لېكىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بويۇمدا قالدى. تۆرەلمە ئۈچ ھەپتىلىك بولغاندا يولدىشىمغا ئېيتسام، ئۇ ئاچچىقلىنىپ تۆرەلمىنى دەرھال چۈشۈرىۋەتمىسەڭ سىنى تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى، سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ماڭا مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرىكى سوئاللاردا جاۋاپ بەرگىنىمىزدەك، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشى بىلەن جاۋاب بىرىمىز.

بەزى ئۆلىمالار تۆرەلمىنى قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈرۈۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بەزى ئۆلىمالار ھامىلە بولۇش سەۋەبلىك مەلۇم قىيىنچىلىققا دۈچ كىلىدىغان بولسا جايىز بولىدۇ دەپ قارايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى چوڭ ئۆلىمالار بۇ مەسىلىدە تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆز قاراشتا:

بىرىنچى كۆز قاراش: قاتتىق قىيىنچىلىق ۋە شەرئى دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا ھەر قانداق ۋەزىيەت ئاستىدا تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش دۇرۇس ئەمەس.

ئىككىنچى كۆز قاراش: مەلۇم قىيىنچىلىق ۋە زۆرۈر بولغاندا تۆرەلمىنى قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈرۈۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ھازىرقى پەرزەنتلىرىمىز يېتەرلىك، ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا ئۇچرايمىز، تەربىيەلەشكە راسخوت يېتىشمەيدۇ دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن چۈشۈرۈۋېتىش جايىز ئەمەس.

يولدىشىڭىز چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان بولسا تۆرەلمىنى قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈرىۋەتسڭىز سىز ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ.  

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان دەلىللەردە تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋىتىشنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرىنى تولۇق سۆزلىدۇق، لېكىن چۈشۈرىۋەتمىسە بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى بولسا بولىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر


 

 

Go to the Top