ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ گۆش پۇشۇرۇشنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ گۆش پۇشۇرۇشنىڭ ھۆكمى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: بەزى تىز تاماقخانا ۋە رېستۇرانتلاردا گۆشنى ئالاھىدە تەملىك ۋە يېيىشلىك قىلىش ئۈچۈن، گۆشكە ئىسپىرتلىك ئىچىملىك ياكى ھاراققا ئوخشاش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى تېتىتقۇ ئورنىدا ئارىلاشتۇرۇپ پۇشۇرىدۇ، بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ ۋە ئۇ تاماقلارنى يېشىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-02-07
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/192530
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ گۆش پۇشۇرۇشنىڭ ھۆكمى
437 KB
: ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ گۆش پۇشۇرۇشنىڭ ھۆكمى.doc
2.
ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ گۆش پۇشۇرۇشنىڭ ھۆكمى
86.8 KB
: ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ گۆش پۇشۇرۇشنىڭ ھۆكمى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ گۆش پۇشۇرۇشنىڭ ھۆكمى

 

103881- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بەزى تىز تاماقخانا ۋە رېستۇرانتلاردا گۆشنى ئالاھىدە تەملىك ۋە يېيىشلىك قىلىش ئۈچۈن، گۆشكە ئىسپىرتلىك ئىچىملىك ياكى ھاراققا ئوخشاش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى تېتىتقۇ ئورنىدا ئارىلاشتۇرۇپ پۇشۇرىدۇ، بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ ۋە ئۇ تاماقلارنى يېشىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھاراقنىڭ ھاراملىقى مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەردىن ھەم ئاقىۋىتى خەتەرلىك چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ھاراقنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە قۇرئاندا كۆپ  ئايەتلەر بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار( يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار». ھاراقنى ھەرقانداق شەكىل بىلەن ئىستىمال قىلىش ھارام قىلىنغان بولۇپ، يېمەك-ئىچمەككە ئارىلاشتۇرۇپ گۆش ۋە سەي قورۇش چەكلىنىدۇ(يەنى ھارام بولىدۇ).

پىقھى توپلاملىرىنىڭ 2595- بەتلىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: "گۆشنى ھاراق بىلەن پىشۇرۇپ، شورپىغا ھاراق قۇيۇپ ئىچكەن كىشىگە شەرىئەتتە ھەد(يەنى شەرىئەت جىنايى ئىشلار قانۇنىدا جازا بېرىلىدۇ) ئۇرىلىدۇ. ئەگەر ھاراقتا خېمىر قىلىپ نان ياكى باشقا تاماق قىلىپ ئىستىمال قىلىشمۇ ھاراق ئىچكەنگە ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەقتە شافىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىدە ئوچۇق ئىسپاتلار بار.

ھەنەفىي مەزھەپ پىقھى كىتابلىرىدىن بولغان، سەرخەسىنىڭ «مەبسۇت» دېگەن كىتابىنىڭ 24 25-بەتلىرىدە: "ھاراق بىلەن يۇغۇرۇلغان خېمىردا پىشۇرۇلغان ناننى يېيىش چەكلىنىدۇ(ھارام بولىدۇ). چۈنكى ئۇنغا ھاراق ئارلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن پاسكىنا بولدى، پاسكىنا خېمىردا پىشۇرۇلغان ناننى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ دېيىلگەن".

يەنە 23/24- بەتلىرىدە: "گۆشنى ھاراقتا پىشۇرۇش شورپا قىلىش ۋە بۇنى يېيىش-ئىچىش توغرا ئەمەس، بۇ ھاراقنى تېتىتقۇ ئورنىدا ئىشلەتكەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق" دېيىلگەن.

بۇ كىتابتا سۆزلەنگەن مەسىلە، يۇقىرىقى سورالغان سوئالغا بەك مۇناسىپ كېلىدۇ، بۇ ھاراقنى تېتىتقۇ ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكتىن ئىبارەت، گۆشنى ھاراققا چىلاپ ياكى ھاراق بىلەن تازىلاپ ئىشلىتىش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا ھاراق بىلەن سەي قورۇشمۇ توغرا ئەمەس. مۇسۇلماننىڭ ھاراقتىن ۋە ئىستىمال قىلىنىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇشى ئالاھىدە بۇيرۇلغان بولۇپ، تاماق تەييارلاشتا ھاراق ئارىلاشتۇرىدىغان تاماقخانا ۋە رېستۇرانتلارغا كىرمەسلىك ۋە باشقىلارنىڭ كىرىشىنىمۇ توسۇشى كېرەك، مۇمكىن بولسا ئاشخانا ۋە رېستۇرانت خوجايىنلىرىغا ۋاستلىق ۋە ۋاستسىز يوللار بىلەن نەسىھەت قىلىپ بۇ قىلمىشىدىن چەكلەش، باشقا بىلمىگەن كىشىلەرنىمۇ بۇنىڭغا ئوخشىغان رېستۇرانت ۋە تاماقخانىلارغا كىرىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.  

 

Go to the Top