أسلم تسعة أشخاص في شهر الحرم
مۇھەررەم ئېيى ئىچىدە توققۇز نەپەر كىشى دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئارقىلىق ئىسلام دىنىگە كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى
مۇسۇلمان دىيارلىرىدا تۇغۇلغان، مۇسۇلمان ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان قىز- يىگىتلەر، مۇقەددەس ئەقىدىسىنى ئۇنتۇغان ھالدا ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى جەمئىيەت كىرزىسىغا يۈزلەندۈرۈدىغان ئازغۇن زالالەت يوللىرىغا ئۆزى خالاپ - خالىماي ئەگىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزىنى كىم ياراتقانلىقى؟ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى؟ نەگە بارىدىغانلىقى؟ قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەۋاتقانلارمۇ ئانچە ئاز ساننى ئىگەللىمىسە كېرەك.
ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن 2008-12-ئاي ئىچىدە (يەنى زۇلھەججە ئېيىدا) دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئارقىلىق ئالتە نەپەر كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسا، ئاللاھغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، 2009-يىلى 01-ئاي ئىچىدە (مۇھەررەم ئېيىدا) دۆلەت تەۋەلىكى ئوخشىمىغان توققۇز نەپەر كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكى دۆلەتلەردىن:
1- ئامېرىكىدىن بىر ئەر ئىككى نەپەر ئايال.
2 - بىرىتانىيىدىن بىر نەپەر قىز.
3 - كولۇمبىيەدە ياشايدىغان بىر نەپەر ئىسپانىيىلىك.
4 - نورۋىگىيىدىن بىر قىز.
5 - سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۆچ نەپەر جۇڭگولۇق.
ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان ئىنساننى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا چىن ئىخلاس، چەكسىز ئىرادە، مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.