توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: بەزى خىزمەتداشلىرىم مەندىن ئىسلام دىنىدا توڭگۇز گۆشىنىڭ نېمە سەۋەپتىن ھارام قىلىنغانلىقىنى سورىدى، بۇ توغرىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-01-30
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/192327
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟
439.5 KB
: توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟.doc
2.
توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟
89.8 KB
: توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟

 

 

49688- نومۇرلۇق سوئال

 

بەزى خىزمەتداشلىرىم مەندىن ئىسلام دىنىدا توڭگۇز گۆشىنىڭ نېمە سەۋەپتىن ھارام  قىلىنغانلىقىنى سورىدى، بۇ توغرىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

مۇسۇلمان ئىسلام دىنىدا يولغا قويۇلغان پرىنسىپلارغا تولۇق ئىتائەت قىلىشى، چەكلىمىلەردىن تولۇق ساقلىنىشى كېرەك، گەرچە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئوخشاش.

مۇسۇلماننىڭ شەرئى ھۆكۈملەرنى رەت قىلىشى توغرا ئەمەس، سىر ياكى ھېكمىتى بىلىنمىسە ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىشتىن توختاپ قالماسلىقى، بەلكى شەرىئەتتە ھەر نەرسىنىڭ ھالال-ھاراملىقى ئىسپاتلىنىدىكەن، بۇنىڭدىكى سىرى- ھېكمەتلەرنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن بۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇنۇشى لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر-ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ. كىمىكى ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ». سۈرە ئەھزاب 36-ئايەت. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر».سۈرە نۇر 51-ئايەت.

توڭگۈز گۆشى ئىسلام دىنىدا ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئان-كەرىمنىڭ بۇ تېكستى بىلەن ھارام قىلىنغان: «ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى يېيىشنى ھارام قىلدى». سۈرە بەقەرە 173-ئايەت. مۇسۇلماننىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا چوشقا گۆشىنى يېيىشى دۇرۇس ئەمەس، ئەمما ئاچارچىلىق بولۇپ بۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىك بولمىسا بۇنى يېمىسە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال بولسا، شەرىئەتنىڭ «زۆرۈر ھاجەتلەر چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنى دۇرۇس قىلىدۇ» دېگەن قائىدىسىگە ئاساسەن ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈنلا يېسە بولىدۇ.(بۇنداق دېگەنلىك توڭگۇز گۆشىنى ھالال دېگەنلىك ئەمەس)

شەرىئەت پرىنسىپىدا توڭگۇز گۆشىنىڭ ھاراملىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ: «بۇ نىجىستۇر» دېگەن ئايىتى بايان قىلغان بولۇپ، نىجىس دېگەن سۆز شەرىئەتتە، ئىنساننىڭ كۆڭلى كۆتۈرمەيدىغان ماددىي ۋە مەنىۋىي نەرسىلەرگە ئىشلىتىلىنىدۇ. ساغلام تەبىئەتلىك كىشىلەر ئۈچۈن توڭگۇز گۆشىنىڭ نىجىسلىقىنى ئىپادىلەشتە بۇ سۆز يىتەرلىكتۇر. يېمەك-ئىچمەك جۈملىسىدىكى چەكلەنگەن ۋە ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئومۇمى بايان قىلغان يەنە بىر ئايەتمۇ توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام قىلىنغانلىق ھېكمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» دېگەن سۆزىدىن ئىبارەت بولۇپ بۇ توڭگۇز گۆشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋە ئىسلام شەرىئىتىدە ئۇنىڭ نىجىس نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

ئىنساننىڭ ھاياتى، ساقلىقى ۋە ئەخلاقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئىنسان ھاياتىغا چۈشىنىكسىز بولغان نەرسىلەر نىجىس-پاسكىنا نەرسىلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرقى ئىلمى تىبابەت بىلىملىرى باشقا ھايۋاناتلارغا قارىغاندا توڭگۇز گۆشىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولغان، ھەر تۈرلۈك  كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدىغان ۋىرۇس ۋە جەراسىملارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان دەلىل-ئىسپاتلار شەرىئەتنىڭ توڭگۇز گۆشىنى ھارام قىلىشتىكى تەڭداشسىز ھېكمىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىسلام شەرىئىتىدە قوغدىلىشى زۆرۈر دەپ، پرىنسىپ تۇرغۇزۇلغان بەش مۇھىم قانۇننىڭ بىرى «ئىنسان ھاياتىنى ساقلاش» بولۇپ، ئىنسانىيەتكە نېمىنىڭ پايدىلىق نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى شەرىئەت بەلگىلەپ بېرىدۇ.  

Go to the Top