الصهاينة يمارسون في غزة أبشع الظلم

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الصهاينة يمارسون في غزة أبشع الظلم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ صلاح بن محمد البدير
5/1/1430 هجري، بين فضيلته فيها، الظلم الذي يمر به الأمة الإسلامية في وقت الراهن، والإعتصام بحبل الله المتين هو أساس في خروج من هذه المآزق. ويجب على المسلمين في العلم أن يقفوا مع إخواننا في غزة.
تأريخ الإضافة: 2009-01-27
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/192194
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
مۇسۇلمانلار ھازىر ئېغىر كۈنلەرگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ
448 KB
فتح: مۇسۇلمانلار ھازىر ئېغىر كۈنلەرگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ.doc
2.
مۇسۇلمانلار ھازىر ئېغىر كۈنلەرگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ
102.9 KB
فتح: مۇسۇلمانلار ھازىر ئېغىر كۈنلەرگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ.pdf
نبذة موسعة

 

مۇسۇلمانلار ھازىر ئېغىر كۈنلەرگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ

 

2009-يىلى 01-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزىغا جۇغلاشقان يۈزمىڭلارچە جامائەتكە سالام بېرىپ، ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللىغاندىن كىيىن «مۇسۇلمانلار ھازىر ئېغىر كۈنلەرگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىسلام ئۇممىتى ھازىر ئېغىر كۈنلەرگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ، خىلمۇ-خىل ھادىسىلەر، يىڭى ئۇرۇش دولقۇنلىرى ئەتراپنى قاپلاۋاتىدۇ. دىن دۈشمەنلىرىدىن ئىبارەت يەھۇدىي-ناسارالار بىلەن بولغان كۆرەش ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ، ئۇلار ياۋۇزلۇق ئوتلىرىنى ھەر تەرەپكە چېچىۋاتىدۇ. زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر قىلماستىن زوراۋانلىقى چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسى ئاللاھقا، گۈزەل ئىسىم، ئېسىل سۈپەتلىرىنى ۋەسىلە قىلىپ يېلىنىپ يالۋۇرۇش، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ سەبىر قىلىش، ئاللاھغا ئېشىنىش ۋە بويسۇنۇش بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

ئىسلام دۇنياسى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ياۋۇز ئالقانلىرى بىلەن بۇلاندى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنى قېرىنداشلار بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇلار مېھرى-شەپقەت تىلەپ ياردەم سوراپ دات-پەرياد قىلىۋاتىدۇ، ھېچ يەردىن ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغان، جاراھەتلەنگەن قەلبىگە تەسەللى بېرىدىغان، مۇسىيبەتلىرىنى يەڭگىللىتىدىغان ياردەم كەلمەيۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارغا دىلىدا ئىمان-ئىسلام بولغان كىشىلەرنىڭ قەلبى ئۆرتىنىپ كېتىۋاتىدۇ.

خىيانەتچى يەھۇدىيلار غەززە رايونىدا ھەر تەرەپلىمىلىك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلەرچە ئۇسۇلدا ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئايرىماستىن توپ ئوقلىرى بىلەن ھاۋادىن، قۇرۇقلۇقتىن، دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. تۇرالغۇ جايلارنى، ئىشلەپ چىقىرىش، تەلىم-تەربىيە ۋە مەمۇرىي ئورگانلارنى، مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. شېھىتلەرنىڭ قىنى ئېقىۋاتقان، يارىدارلارنىڭ نالىسى ئاسمان-زېمىننى قاپلىغان بۇگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ نالىسىگە كىم قۇلاق سالىدۇ؟، ئۇلارغا كىم ياردەم بېرىدۇ؟، سانى كۆپ، ئىقتىساد بايلىقى مول مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى زالىم يەھۇدىيلارنىڭ توپ ئوقى ئارىسىدا ياردەمسىز تاشلاپ قويۇۋاتىدۇ. دۇنيادا تىنچلىقنى، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەۋا قىلغۇچىلار، مەزلۇملارغا ياردەم بەرگۈچى ئورگانلارمۇ ياۋۇزلارنىڭ قىرغىنچىلىقى ئالدىدا لام-جىم دېمەستىن باش ئىگىپ تۇرىۋاتىدۇ. تاجاۋۇزچىلارنى يەرلىك قانۇنمۇ ياكى خەلقئارالىق قانۇنمۇ  ياۋۇزلۇقدىن توساپ قالالمايۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە دۇنيادا قانداقمۇ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟.

زۇلۇم چېكىگە يېتىدىكەن ھاكىمىيەت ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. زالىملار ئۆز كۈچىدىن مەغرۇرلانغاننىڭ ئاقىۋىتىنى چوقۇم كۆرىدۇ، قەدىمدىن بىرى ئۆزىنىڭ كۈچى، بايلىقى، جىسمى ۋە باياشاتلىقىغا تايىنىپ كىشىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەممىگە ئايان. زالىملارغا ئۇشتۇمتۇت ئازاپ-ئوقۇبەت چۈشكەندە ئۇلار قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان بولىدۇ ئەمما كېچىككەندە ھېچ پايدا بەرمەيدۇ.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىملارغا مۆھلەت بېرىپ ئۇلارنىڭ زۇلمى چېكىدىن ئاشقاندا تۇيۇقسىز ئازابلايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قەتئى قۇتۇلالمايدۇ» دەپ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:« پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار(ئاھالىسى)نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر».

زالىملار كۈچ-قۇۋۋەتتە تەڭداشسىز بولسۇن، زۇلۇم قىلىنغۇچىلار ھەرقانچە ئاجىز خار بولسۇن، ئاللاھ چوقۇم زالىملارنى ئۆزىنىڭ قىلغان زۇلمى بىلەن زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ ئاھ-پەرياتلىرى ئالدىدا چوقۇم مەغلۇپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ دەۋىتىنى بىۋاستە ئىجابەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى تىز ئىجابەت قىلىنىدۇ، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغاندا قىلغان دۇئاسى، توغرا ئىش قىلىدىغان مۇسۇلمان رەھبەرنىڭ دۇئاسى ۋە زۇلۇم قىلىنغۇچى كىشىنىڭ دۇئاسى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەزلۇمنىڭ دۇئاسى بۇلۇتلار ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئاسماننىڭ ئىشىكلىرىدىن ئۆتۈپ ئاللاھقا بىۋاستە يېتىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۆزىنىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن بولسىمۇ ساڭا چوقۇم ياردەم بىرىمەن دەيدۇ».

مەزلۇملارنىڭ ئىڭراشلىرىنى ئاڭلىغۇچى، زالىملاردىن ئىنتىقام ئالغۇچى ئى ئاللاھ! ئاجىز مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەرگىن.

ئىسلام ئۇممىتى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر قىسمەتلەرگە دۈچ كەلدى، ۋاپاسىز زالىملارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەندى، ھالاكەت گىردابىغا ئۆز ئايىغى بىلەن كەلدى، ئۇز مىللىتىنىڭ دىنى، تىنچلىقى بەدىلىگە ئۇممەتنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشىنى ھىلى-مىكىرگە تولغان ساختىپەز دۈشمەنلىرىگە تۇتقۇزدى. ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« يېقىندا پۈتۈن دۇنيا كاپىرلىرى بىر قاچا تاماققا ئولاشقاندەك سىلەرگە تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ دېگەندە، بىر كىشى: ئۇ كۈندە بىزنىڭ سانىمىز ئازمۇ؟ دەپ سورايدۇ،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، سىلەرنىڭ سانىڭلار كۆپ، لېكىن سىلەر ئۇ كۈندە دېڭىز سۇيى ئۈستىدىكى لەيلەپ قالغان كۆپۈككە ئوخشايسىلەر. ئاللاھ سىلەردىن قورقىدىغان ھەيۋەتنى دۈشمۈنىڭلارنىڭ دىلىدىن كۆتۈرۈۋەتكەن، سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا قورقۇنچ تاشلىغان دەيدۇ. بىر كىشى: قورقۇنچ قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قورقۇنچ دېگەن سىلەرنىڭ دۇنيانى ياخشى كۆرۈپ، ئۆلۈمدىن قورقۇشۇڭلاردىن ئىبارەت» دېگەن سۆزى ھەقىقەتەن ئۆز ھەقىقىتىنى ئاشكارا قىلدى.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر جازانىخورلۇق بىلەن سودا-سېتىق قىلىپ، چارۋىلارغا ئەگىشىپ، تېرىقچىلىققا رازى بولۇپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن باش تارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى خارلىقتا قويىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتمىغۇچە بۇ خارلىقتىن قۇتۇلالمايسىلەر».

مۇسۇلمان ئۈممىتىگە ئېغىر بالايى-ئاپەت يۈزلەنگەندە ئۇلار بىر نىيەت-بىر مەقسەتكە كېلىپ، بىرلىشىپ ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئىززىتىنى، ئابرۇيىنى، مۇقەددەس ئورۇنلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىشى، ياخشىلىق، تەقۋالىق ئاساسىدا دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇشى، بۆلگۈنچىلىك ئىتتىپاقسىزلىقتىن ساقلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ-قۇۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ، سەبىر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىشىڭلاردىن رازى بولىدۇ، ئۈچ تۈرلۈك ئىشىڭلارنى ئۆچ كۆرىدۇ، سىلەرنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىپ، ئاللاھغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكىڭلارنى، بۆلۈنۈپ كەتمەي بىرلىشىپ قۇرئان ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مالنى زايا قىلىش، مەنىسىز بىھۇدە سوئاللارنى كۆپ سوراش ۋە مۇنداق دەپتىكەن ياكى دېيىلىپتىكەن دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ قىلىشىڭلارنى ياقتۇرمايدۇ».

دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ كۈچلۈك بىر باغلىنىشتۇر، بۇ باغلىنىش ئارقىلىق دىن دۈشمەنلىرىدىن ئىبارەت زالىم-تاغۇتلارنىڭ شان-شەۋكىتىنى سۇندۇرۇپ ھەيۋىتىنى يەرگە ئۇرغىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ جېنىنى قوغدايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنىنىڭ ھامىيلىقىمۇ ئېتىبارغا ئىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدۇ». يەنە بىر ھەدىستە: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى ۋە قېرىندىشىدۇر، قېرىندىشىنى زايا بولۇپ كېتىشتىن ساقلايدۇ، يوق يېرىدىمۇ ئىززىتىنى ھىمايە قىلىدۇ». نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار بىر بەدەنگە ئوخشاشتۇر. بەدەننىڭ قايسىبىر يېرى بىئاراملىق ھېس قىلسا، پۈتۈن بەدەن  ئىسمىداش ۋە قىزىش بىلەن ئازابلانغاندەك، مۇسۇلمانلارمۇ  بىر- بىرىگە  يەتكەن مۇسىبەتتىن ئازابلىنىدۇ» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

مۇسۇلمانلار ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلايلى، غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر تەرەپتىن ياردەم بېرەيلى، بىرلىشىپ ھەر كىشى ئۆز مەسئۇلىيتىمىزنى ئادا قىلىشقا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشايلى.

 

 

Go to the Top