رسائل موجهة إلى حكام المسلمين وعلمائهم

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: رسائل موجهة إلى حكام المسلمين وعلمائهم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ حسين بن عبدالعزيز آل الشيخ 19/1/1430 هجري، بين فيها العزة والتمكين وأهميتها في حياة المسلم، ورسالة إلى حكام المسلمين وعلمآئهم وعامة المسلمين قبل فوات الأوان والندم على مامضى، وواجب على المسلمين جميعا التمسك بسنة المصطفى صلى الله عليه وسلم والرجوع إلى دين الله قولا وفعلا.
تأريخ الإضافة: 2009-01-23
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/191925
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دىنى زىيالىلارغا مۇراجىئەت
446.5 KB
فتح: دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دىنى زىيالىلارغا  مۇراجىئەت.doc
2.
دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دىنى زىيالىلارغا مۇراجىئەت
101.5 KB
فتح: دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دىنى زىيالىلارغا  مۇراجىئەت.pdf
نبذة موسعة

 

دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دىنى زىيالىلارغا  مۇراجىئەت

 

2008-يىلى 01-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزىغا جۇغلاشقان يۈزمىڭلارچە جامائەتكە سالام بېرىپ، ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن «مۇسۇلمانلار يەھۇدىي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئېغىر مۇسىبەتكە ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن ماۋزۇدا خۇتبە سۆزلىدى.

مۇسۇلمانلار  ھازىر ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە چوڭ مۇسىيبەتلەرگە دۈچكىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىز  ھەسەتخور يەھۇدىي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، سۈپەتلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ.

ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىماننى مۇستەھكەملەش، ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا تولۇق ئىتائەت قىلىش بولسا، بالا-مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇش، ھەقىقى ئىززەت ۋە شان-شەرەپكە ئىگە بولۇشنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىننى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھىچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كىيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر».

ئىسلام ئۈممىتىدىن ھەر بىر كىشى ئومۇمى ئۇممەتنىڭ ئەھۋالىدىن مەسئۇل بولىدۇ، ھەر كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىسلام چېگرىسىنى قوغدىغۇچىدۇر، ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىش مال بىلەن، جان بىلەن، ئېلىم-مەرىپەت يەتكۈزۈش بىلەن ۋە ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلىش بىلەنمۇ بولىدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن بۇ ئۇممەتكە ئۆز نەپسىڭلاردىن بىر ياخشىلىق تەقدىم قىلىڭلار، سىلەرنى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئاللاھنىڭ ماللىرىدىن ياردەم قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، غەلبە قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئىخلاس ۋە تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھغا يېلىنىپ دۇئا قىلىشتۇر، بۇ توغرىدا قۇرئان- ھەدىستىن نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا، پەرۋەردىگارىمىز! قەلبىمىزنى چىداملىقلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى ئۇرۇش مەيدانىدا مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن دېدى»، بۇنىڭ نەتىجىسى ئاللاھ تائالانىڭ: «مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇب قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى» دېگەن سۆزىدۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا بۇ دۇئانى ئوقۇغان: «ئى كىتاپ چۈشۈرگۈچى، بۇلۇتلارنى ئۆز يولىدا ماڭدۇرغۇچى، بىرلەشمە قوشۇننى مەغلۇب قىلغۇچى ئاللاھ! يەھۇدىيلارنى مەغلۇب قىلغىن، بىزگە ئۇلار ئۈستىدىن غەلبە ئاتا قىلغىن».

ئۇممەتكە ئەڭ زىيانلىق بولغان، دۆلەتنىڭ قولدىن كېتىشىگە، كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشىغا، مەغلۇبىيەتكە، ئىسلام ئۈممىتىنى مەھكۇملۇققا ئىلىپ بارىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىتتىپاقسىزلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە قەلبلەرنىڭ بىرلەشمەسلىكىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ: «پۈتۈن سۆز-ھەركەتلىرىڭلاردا ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ-قۇۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ، سەبىر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللەدۇر».

ھەر بىر مۇسۇلمان قەلبىنى پاكلاپ، ھىممەت -ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئىسلام ئۈممىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇپ ئۇلار ئەقىدىسى ساغلام، مەڭگۈ ئۇمۈتسىزلەنمەيدىغان بىر ئۈممەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «جىھاتتىن بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر».

ھەقىقەتەن ئىسلام ئۈممىتى ھەرقانچە قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتكە دۈچ كەلسۇن، بۇ قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسۇن، چوقۇم ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن غەلبە-نۇسرەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى». ئىسلام ئۈممىتى نىشانى روشەن، ئۇممەتكە ياخشلىق ئىستەيدىغان، ئىلىمدە مۇستەھكەم بولغان ئالىملارنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « مۆمىنلەرگە ئائىت ئامانلىقنىڭ ياكى قورقۇنچىنىڭ بىرەر خەۋىرى ئۇلارغا يەنى مۇناپىقلارغا يەتسە، ئۇنى تارقىتىدۇ، ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلار يەنى مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلسا، شۇ خەۋەرنى چىقارغۇچىلار ئۇنى يەنى شۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى».  

ھەقىقى ئىززەت ئاللاھ تەرەپتىن بولىدۇ، بۇنى قولغا كەلتۈرۈش كىتاپ-سۈننەتكە تولۇق ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ.

مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەۋلادلار، ھەر تۈرلۈك يالغان دەۋا، رەڭگا-رەڭ شۇئارلاردىن، بۇلار بىزگە ۋە ئىسلامغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ دەپ مەغرۇرلىنىپ قالماسلىق، ئىچى-تىشى زەھەرخەندىلىك بىلەن تولغانلاردىن ھەزەر قىلىشى، رەڭمۇرەڭ لوزۇنكىلار ھەقىقەت ئالدىدا رىڭىنى يوقىتىدۇ، ھەقىقەت جەۋھىرى ئالدىدا پايدىسىز سەپسەتىلەر ئۆز ماھىيىتى يوقىتىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر قارىشى تەرەققى قىلىۋاتقان ھازىرقى دەۋرىدە، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇرئان نۇرىدىن، پاك سۈننەتنىڭ مەنبەلىرىدىن چاقنىغان پاك سەمىمىيەت ۋە رېئاللىق كېرەك. ئەمما  ئەمەلىيىتى ۋە ئىخلاسى بولمىغان قۇرۇق دەۋا ۋە ئىچ ئاغرىتىشلا بولسا دۈشمەننى مەغلۇب قىلالمايدۇ ھەم مۇسۇلمانلارغىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.

ئىسلام ئۈممىتى، مەنپەئەتى ئاز يوقىلىشى تىز بولغان دۇنيانى مەڭگۈلۈك ئاخىرەتتىن ئۈستۈن بىلمەسلىكى، ئەگەر بۇنىڭدىن ھەزەر قىلمىغاندا ئىنسان دۇنيا لەززىتىگە چۆمۈپ ئاخىرەت نېمەتلىرىنى ئۇنتۇيدۇ. دۇنيا-ئاخىرەت نىجاتلىقىنى، خار-زەبۇنلۇققا تېگىشىدۇ. غەلبە-نۇسرەت، ئىززەت-شان-شەرەپتىن تولۇق ئايرىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەقەللى ئىنسانىي ھۆقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن قۇرۇق قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرىتمىگىچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)» سۈرە رەئد 11-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

يەنە بىر ئايەتتە: «بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى(كۇپرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرىتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ ( ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر،( قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر) سۈرە ئەنفال 53-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

ئىسلام ئۈممىتى ھەر ئىشنىڭ سەۋەبىنى قىلىشى، ھەر تەرەپلىمىلىك تولۇق تەييارلىق قىلىشى، ئالى ھىممەت، يۈكسەك ئىرادىلىك بولۇپ، ھورۇنلۇق ۋە ئىرادىسىزلىكنى تۈگىتىشى لازىم. ئاللاھ تائالا بۇلار ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمۈنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقىتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ يەنى ئۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ» .

ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىسلام ئەھلى دۇنيادا ئىززەت ۋە شان-شەرەپكە، ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن تولۇق تەييارلىق قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ھەم بۇ دىنى مەجبۇرىيەت دەپ قارىلىدۇ.

شەيخ: ئاللاھدىن مۇسۇلمانلارغا غەلبە-نۇسرەت، ئىززەت، شان شەرەپ، تاجاۋۇزچىلارغا مەغلۇبىيەت، مۇسۇلمانلارغا ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك تىلەپ دۇئا قىلىش بىلەن خۇتبىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.

 

موضوعات متعلقة ( 3 )
Go to the Top