فضائل الصحابة رضوان الله عليهم أجمعين

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: فضائل الصحابة رضوان الله عليهم أجمعين
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة جمعة في المسجد النبوي في المدينة المنورة ألقاها فضيلة الشيخ عبدالمحسن القاسم بتاريخ 23/11/1429 ، وقد بين فضيلته في خطبته فضل الصحابة رضوان الله عليهم أجمعين، ومكانة الصحابة في الدين وفي نفوس المسلمين، ونشرهم دعوة الحق في أقطار العالم وغيرها من الأمور المهمة.
تأريخ الإضافة: 2008-12-15
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/188749
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
381 KB
فتح: ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا.doc
2.
ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
180.9 KB
فتح: ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة


 

 

 

ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

 

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىبى مۇنبەرگە چىقىپ جۈمە نامىزىغا جۇغلاشقان يۈزمىڭلارچە جامائەتكە سالام بېرىپ، ئاللاھنى مەدھىيەلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن «ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى» توغرىسىدا خۇتبە سۆزلىدى.

خۇتبىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى دۇردانىلاردىن ئىبارەت:

ئاللاھ تائالا ساھابىلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىگە تاللىدى، ئۇلار ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكىلەرمۇ ئېرىشەلمىگەن شان-شەرەپ ۋە پەزىلەتلەرگە ئېرىشتى. ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلاردىمۇ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلدى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىنى سۆزلەپ: « ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر» دېدى . ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتىنى سۆزلەپ: «ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا(ئۇلار)شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلىقى ۋە كۆركەم كۆرۈنىشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ قۇرئاندىكى سۈپىتىنى « ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن» دەپ بايان قىلدى.

ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ساھابىلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش ھەققىدە تەلىم بېرەتتى. ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: " بىزگە ئۇستازلىرىمىز ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى ياخشى كۆرۈشنى قۇرئاندىن ئايەت ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى". ساھابىلار بولسا مۇشۇ ئۇممەتنىڭ ئەڭ ساپ كىشىلىرى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى مىنىڭ دەۋرىمدە ياشىغانلار». ساھابىلار بولسا مۇشۇ ئۇممەتنىڭ ئەڭ ياخىشى ئەسىردە ياشىغان كىشىلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى مەن بىلەن بىرگە ياشىغان كىشىلەردۇر» ئۇلار ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىگە تاللىغان ياخشى كىشىلەردۇر.

قازى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: "ساھابىلارنىڭ پەزىلىتىگە گەرچە ئۇلارنىڭ بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرقانچە مىنۇت بىرگە بولسىمۇ، ھېچ نەرسە باراۋەر كەلمەيدۇ. ھېچ كىشى ئۇلارنىڭ دەرىجىسى ۋە پەزىلىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئىبنى كەسىر مۇنداق دەيدۇ: " ئۇلار ئۈچۈن مۇشۇ ئۇممەتتىن ھېچ كىم ئېرىشەلمەيدىغان ئارتۇقچىلىق ۋە پەزىلەت بار".

ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ رازىلىقىدىن باشقىنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: « (ئۇ غەنىمەتلەرنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال-مۈلكىدىن ئايرىلغان مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ». باشقا كىشىلەر ئوھۇد تىغىدەك ئالتۇننى خەير-ئېھسان قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمرا بولغانلىقى، ئەقىدىدىكى ساغلاملىقى، تەقۋالىقنى لازىم تۇتقانلىقىدەك شەرىپى بىلەن   كىچىككىنە خەير- ئېھسانىغىمۇ باراۋەر كەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى ھەممە ئىشلىرىدا نامايەندە بولاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: " كىمكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چوقۇنىدىكەن، ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى، كىمكى ئاللاھغا چوقۇنىدىكەن ئاللاھ دائىم ھاياتتۇر" . ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجەر ئەسۋەد (ھەرەمدىكى قارا تاش) قا قاراپ: " مەن سىنىڭ ھېچ كىمگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاش ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام مەنمۇ سۆيمەيتتىم" دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "ئىمان ساھابىلارنىڭ قەلبىدە تاغدىنمۇ مۇستەھكەم ئىدى، ئۇلار كېچىنى قۇرئان تىلاۋەت ۋە تەھەججۈد ئوقۇش بىلەن تاڭ ئاتقۇزاتتى " دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مەن ئەشئەرىي قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كېچىسى قۇرئان ئوقۇغان ئاۋازىدىن بىلىۋالالايتتىم، ئۇلار ئۇزۇن كېچىلەرنى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش بىلەن تاماملايتتى ». ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ماختاپ: «ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلاردىن بىر توپ ئادەمنىڭ)تەھەججۈد نامىزى ئۈچۈن  كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ» دېگەن.

ئاللاھ تائالا « ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن» دەپ سۈپەتلىدى. نىيىتىنى: « ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ» دەپ بايان قىلدى. ئىبادەتنى كۆپ قىلغانلىق نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىدا ئىبادەتنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بېرىپ: «ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار» دېدى. ئۇلارنىڭ باغرى ئاللاھ ئۈچۈن بەك ئىللىق بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەز-نەسىھەت قىلسا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتەتتى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان ئوقۇسا ئۆزىنى تۇتۇلماي يىغلاپ كېتەتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۈچ سەپ جامائەتنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېسەدەپ يىغلىغىنىنى ئاڭلايتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندا يىغىدىن ياغلىقى ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ساھابىلار ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بەك ئالدىرايتتى.

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى جىنازىغا ئەگىشەتتى، مىسكىنلەرگە تائام بېرەتتى، كېسەللەرنى يوقلايتتى ۋە روزا تۇتقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزاتتى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ كېچىنى ئۆچكە بۆلۈپ ئۆزى، ئايالى ۋە خىزمەتچىسى ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. يۈزىنى يېپىش ھەققىدىكى ئايەت نازىل بولغاندا ئاياللار ئۆيىدىكى رەختلەرنى يىرتىپ رومال قىلىپ ئارتىۋالغان، ھاراق ھارام قىلىنغاندا ساھابىلار ھاراقلارنى كوچىلارغا ئېقىتىۋەتكەن. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۈيئوغۇل بولدۇم، بەيئەت قىلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغانغا قەدەر ھېچ ئاسىيلىق قىلمىدىم».

ساھابىلار دىن ئۈچۈن ئەڭ قىيىنچىلىق ۋە جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى، ئەھزاپ( بىرلەشكەن قوشۇن) ئۇرۇشىدا دۈشمەنلەر ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىىيپ،يۈرىكى ئاغزىلىرىغا قاپلىشىپ قالغان ۋە بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ قاتتىقلىقىدىن گويا ئۇلارنى يەر سىلكىگەندەك قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان. ھۇنەيىن ئۇرۇشى بولغاندا كەڭرى زېمىن تارچىلىق بىلىنگەن، زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ بەدىنىنىڭ جاراھەتلەنمىگەن يىرى قالمىغان.

ساھابىلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ناھايتى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۆز جانلىرى- ماللىرىنى پىدا قىلاتتى. تەلھە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قولى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئوقتىن مۇداپىئە قىلىش جەريانىدا پالەچ بولۇپ قالغان. خۇبەيىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تىكەندەك نەرسە ئازار يەتكۈزۈپ قالسا مىنى ئۆيۈمدە خاتىرجەم ئولتۇرۇش خۇرسەن قىلمايدۇ دېگەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ مال-دۇنيالىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا تۆكۈپ خالىغانچە ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلاتتى. سەئدى ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: يا رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ مىلىمىزدىن خالىغىنىڭنى ئىلىپ ئىشلەتكىن، سەن قانچىلىك كۆپ ئىشلەتسەڭ بىز شۇنچە خۇرسەن بولىمىز دېدى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مال-دۇنياسىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلدى.

قازى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: " ئۇلار ماللىرىنى دىنغا ياردەم بېرىش ۋە ھىمايە قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلدى، ئۇلارنىڭ قىلغان جىھادلىرى ۋە باشقا تائەت-

ئىبادەتلىرىمۇ شۇنداق بولدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئىشقا بۇيرىسا ئۇلار بۇ ئىشنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز قىلغاندا ئۈن-تىنسىز قۇلاق سالاتتى، ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " مەن سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، چۈنكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەيمىنىپ تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتىم".

ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەت قىلغانلىق ئەھۋالىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ھەيران قالاتتى، ئەرەبلەرنىڭ بىرى: مەن پادىشاھلاردىن قەيسەر، كىسرا ۋە نەجاشىلارنىڭ يېنىغا ئەلچى بولۇپ بېرىپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلىگەندەك بىرەر پادىشاھنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى كۆرمىدىم دەيدۇ .

ساھابىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن: ئۆز-ئارا كەمتەرلىك، بىر-بىرىگە ئۆتۈنۈش، كۆيۈنۈش ۋە ياخشى كۆرۈش قاتارلىقلار بولۇپ ئاللاھ تائالا ئۇلارنى: « ئۇلار ئۆز-ئارا كۆيۈمچاندۇر» دەپ سۈپەتلىگەن.

ھەسەن ئەلبەسەرىي مۇنداق دەيدۇ: " ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى تۇرۇپ مەسچىتتە يالغۇز ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم".

مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ:"مەن سەپەردە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ھەمراھ بولغانتىم ئۇ كىشى مىنىڭ خىزمىتىمنى قىلىشىپ بەردى".

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"  ئۇلارنىڭ قىلغان سۆزلىرى ۋە سۈكۈتتە تۇرۇشلىرى قارىغان كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى".

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ياخشى كۆرۈشكە بۇيرۇپ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى : « ئەنسارىلارنى ياخشى كۆرۈشنى ئىماننىڭ ئالامىتى، ئوچ كۆرۈشنى نىپاقنىڭ ئالامىتى» . ئۇلارنىڭ ئەھلى- بالىلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ: « ئى ئاللاھ! ئەنسارىلارنى ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋىرلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلغىن» دېدى. ئۇلارغا دەشنام قىلىشتىن چەكلەپ: « مىنىڭ يارانلىرىمنى دەشنام قىلماڭلار» دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولۇپ جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىپ ئۇلارنىڭ جەننەتتە ھايات ئىكەنلىكى بىلەن خەۋەر بېرىپ: «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر(يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار)دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر» دېدى.

ئى مۇسۇلمانلار! ئۇلار تارىختا يەككە-يىگانە ئۆتكەن مىسلىسىز بىر جامائەت بولۇپ ئىبنى تەيمىيە: " ئۇلارنىڭ مىسالى بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە كېيىنمۇ بولمايدۇ"، ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىش ۋاجىپ، ھۆرمەت قىلىش ئىماندىن ۋە مۇھەببەت قىلىش ئىبادەتتىن دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ساھابىلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئوچ كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ ئوچ كۆرىدۇ». ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كىيىن مۇسۇلمانلارنى يېتەكلەپ مۇستەھكەم تۇرغان سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،  توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ ئىككىنچىسى، ئۇ ماڭغان يولدىن شەيتان ماڭمايدىغان ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھايا قىلىدىغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بار. بەزەن ساھابىلار بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوھۇد تېغىغا چىققاندا تاغ تەۋرەنگەندە پۇتى بىلەن تاغنى تېپىپ تۇرۇپ:« ئى ئوھۇد! تەۋرەنمىگىن، سىنىڭ ئۈستۈڭدە پەيغەمبەر، راستچىل كىشى ۋە شەھىدلەر بار» دېگەن . سەئدى ئىبنى مۇئاز ۋاپات بولغاندا ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپ كەتكەن، ئوھۇد ئۇرۇشىدا شەھىد بولغاندا  دەپنە قىلىنغۇچە پەرىشتىلەر قانىتى بىلەن سايا قىلىپ تۇرغان . ساھابىلارغا يېقىن بولغان ۋە خىزمىتىنى قىلغان كىشىلەرنىڭمۇ ئاللاھ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : « ئى ئاللاھ! ئەنسارىلارنىڭ بالىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىمۇ مەغپىرەت قىلغىن » دەپ دۇئا قىلغان.

ئۇلار ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئۆرنىكى، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دىنىغا ۋە رەسۇلىغا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن تاللىغان، ئۇلار ناھايتى ياخشى ياردەمچى بولدى . ئىسلامنى دۇنياغا تاراتتى، كىشىلەرگە دىننى گۈزەل ئۇسلۇبتا يەتكۈزدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئىسلامدىن، مۇسۇلمانلاردىن كاتتا مۇكاپات بەرسۇن، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلسۇن ۋە رازىلىقىنى يەنىمۇ زىيادە قىلسۇن .

موضوعات متعلقة ( 1 )
Go to the Top