ئىھرامدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئىھرامدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن چەكلىنىش زۆرۈر بولغان ئىشلار قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-11-26
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/185492
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئىھرامدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
588.8 KB
: ئىھرامدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار.pdf
2.
ئىھرامدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
3.6 MB
: ئىھرامدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئېھرامدا دىققەت قىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلار

 

11356- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن چەكلىنىش زۆزۈر بولغان ئىشلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئېھرامدا چەكلىنىشكە تىگىشلىك ئىشلار دېگىنىمىزدىن ئىنسان ئېھرامغا كېرىش بىلەن(يەنى-ھەج -ئۆمرىگە نىيەت قىلغاندىن كېيىن) ئىشلەش چەكلەنگەن ئىشلار مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇ ئىشلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-  بىشىنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇش: بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا(يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگۈچە بىشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار»، ئۆلىمالار بەدەننىڭ باشقا جايلىرىنىڭ تۈكىنى ئېلىشنى ۋە تىرناق ئېلىش ياكى قىسقارتىشنىمۇ باشنىڭ چېچىنى ئىلىشقا قېتىپ قويدى.

2- ئېھرامغا نىيەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش: ھەج قىلغۇچى كىيىملىرى، بەدەنلىرى، يېمەك- ئىچمىكى، غۇسلى قىلىش ۋە باشقا بارلىق ئىشلاردا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلماسلىقى لازىم، چۈنكى ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ(ھارام بولىدۇ)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن تۆگىدىن يېقىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:«بۇ كىشىنى سىدىر يوپۇرمىقى ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇيۇڭلار، ئۆز ئېھرامى بىلەن كېپەنلەڭلار، بىشىنى يۆگىمەڭلار، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەڭلار».

3- جىما قىلىش: بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسى ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جېدەل-ماجرا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ».

4- شەھۋەت بىلەن قۇچاقلىشىش: بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ:« جىنسى ئالاقە قىلىشماڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ ھۆكمىگە كېرىدۇ، ئېھرامغا كىرگەن كىشىنىڭ توي قىلىشى ۋە باشقىلارغا توي ھەققىدە ئېغىز ئېچىشى دۇرۇس بولمىغان تۇرسا، شەھۋەت بىلەن ئايالىنى قۇچاقلاش قانداقمۇ دۇرۇس بولىدۇ؟!.

5- ھايۋانلارنى ئوۋلاش ۋە ئۆلتۈرۈش: بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار». ھەرەم دائىرسى ئىچىدە بولمىسا ئېھراملىق ياكى ئېھرامسىز كىشىلەرگىمۇ دەرەخلەرنى چاتاش ھارام ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەپات مەيدانىدىمۇ  ئېھراملىق كىشىلەر دەرەخلەرنى چاتاپ سالسا بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، چۈنكى دەرەخلەرنى چاتاش ئىشلىرى ھەرەمگە ئالاقىدار بولۇپ ئېھرام بىلەن ئالاقىسى يوق.

6- ئەرلەرگە خاس بولغان ئىشلاردىن: ئېھرامدا كۆينەك، ئىشتان، سەللە، ئۆتۈك ۋە باشقا ئىچ كېيىم- تاشقى كىيىملەرنى كىيمەسلىك كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئېھرامدا نېمە كېيىش توغرىسىدا سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەرلەر ئېھرامدا كۆينەك، ئىشتان، باش كىيىمى، سەللە، ئۆتۈك كىيمەيدۇ» دېگەن، ئەمما ئادەتتىكى ئاياغ بولمىسا ئۆتۈك كىيىشكە رۇخسەت قىلغان. بۇ بەش تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئۆلىمالار يىڭنە بىلەن تىكىلگەن نەرسىلەر دەپ بايان قىلدى، بەزى كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇتلەق يىپ بىلەن تىكىلگەن نەرسىلەر كىيىش توغرا ئەمەس دەپ خاتا چۈشىنىۋالغان، ئىش ئۇنداق بولماستىن بەلكى بۇنىڭدىن ئىنسان بەدىنىگە ئۆلچەپ تىككەن نەرسىلەرنى كىيمەسلىك دېگەنلىك مەقسەت قىلىنىدۇ.

7-ئاياللارغا خاس بولغان ئىشلاردىن: يۈزىنى يۆگىمەسلىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى بۇنىڭدىن توستى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ياپىدىغان نەرسىلەرنى كىيمەيدۇ  ۋە قوللانمايدۇ، بەلكى يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ، لېكىن يات ئەرلەر بار جايلاردا يۈزىنى يېپىۋېلىشى لازىم.

يۇقۇرىدىكى چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن ياكى باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئىشلىسە ئۇ كىشىگە ھېچ گەپ يوق. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سەۋەنلىك بىلەن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا(سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايتى مېھرىباندۇر». ئېھرامدا ھايۋانلارنى ئوۋلاش ۋە ئۆلتۈرۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن ئىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىشتۇر»، بۇ ئايەتلەردىن  ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن قىلىپ سالسا ئۇ كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن قىلىپ سالغان بولسىمۇ شۇنداق، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« كىمكى ئاللاھغا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىماندىن يېنىۋالسا- قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا(ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا- كۇپرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا(يەنى ئىختىيارى يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ».

لېكىن ئۇنتۇلۇپ قالغان كىشى يادىغا كەلگەن ھامان، جاھىل كىشى بىلگەن ھامان، مەجبۇرلانغۇچىلاردىن مەجبۇرلىنىش تۈگىشىلا بۇ ئىشلاردىن دەرھال چەكلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ مىسالى: ئېھراملىق كىشى ئۇنتۇپ قىلىپ بىشىنى يۆگىگەن بولسا ئەسلىتىلگەن ھامان دەرھال ئېچىۋېتىشى كېرەك. ئەگەر قولىنى خۇش-بۇي نەرسىلەر بىلەن يۇغان بولسا ئېسىگە كەلگەندىن كېيىنلا دەرھال قولىدىكى خۇش-بۇي نەرسىلەرنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر. شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ« مەنارۇل ئىسلام» ناملىق پەتىۋا كىتابىنىڭ 2-توم 391-394 - بەتلىرىگە قارالسۇن


 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 22 )
Go to the Top