شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن قانداق مۇداپىئە قىلىش كېرەك

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن قانداق مۇداپىئە قىلىش كېرەك
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 16/11/1429 ھـ / 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن قانداق مۇداپىئە قىلىش كېرەكلىكى، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ خەتىرى، مۇسۇلمان كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىس، ئىسلامىي يوليۇرۇقلار بىلەن بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-11-21
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/185337
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن قانداق مۇداپىئە قىلىش كېرەك
444.5 KB
: شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن قانداق مۇداپىئە قىلىش كېرەك.doc
2.
شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن قانداق مۇداپىئە قىلىش كېرەك
102 KB
: شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن قانداق مۇداپىئە قىلىش كېرەك.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن قانداق مۇداپىئە قىلىش كېرەك

 

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزىغا جۇغلاشقان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن"شەيتان ۋە ئۇنىڭ ھىلە-مىكرىسى" دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

شەيتان ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ قان تومۇرىدا ماڭىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبىيى ۋە قىزىقتۇرغۇچىسى شەيتاندۇر، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەسكى، تەسىرى كۈچلۈك، ئومۇمى بۇزۇقچىلىققا سەۋەپ بولىدىغان سۈپىتى باشقىلارغا ۋەسۋەسە قىلىشتۇر. ئەسلىدە قەلب ساغلام پاك بولۇپ، شەيتان ئىنساننى ۋەسۋەسىگە سىلىپ، گۇناھ-مەسىيەتنى زىننەتلەپ چىرايلىق كۆرسىتىپ ئەخلاقسىزلىققا ئۈندەيدۇ ۋە قىزىقتۇرىدۇ.

ھەقىقەتەن مۆمىن شەيتان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن كۆرەش قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن شەيتان سىلەر ئۈچۈن دۈشمەندۇر، سىلەر شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇڭلار»، يەنە بىر ئايەتتە: «سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟، شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟، شەيتان كىشىلەرگە ۋەسۋەسە قىلىش ئۈچۈن ئۆز قوشۇنىنى ئەۋەتىدۇ ھەمدە ئۇلار كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىسە شېرىك، كۇپرى، بىدئەت ۋە گۇناھ-مەسىيەتلەرنى كىشىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە باشقا ياردەمچىلەرنىمۇ ئەۋەتىدۇ.

ھەرقانداق بالا-مۇسىبەت يامانلىقنىڭ ئەسلى مەنبىيى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە تولۇق بىر سۈرىنى نازىل قىلدى: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى(ئاللاھغا) سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن».

شەيتان ئىنسانلار ئۈچۈن گۇناھ-مەسىيەتلەرنى زىننەتلەپ چىرايلىق كۆرسىتىپ دىلىغا ۋەسۋەسە قىلىپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يامان ئىشنى قىلغان ئادەمنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ باشقىلار ئالدىدا رەسۋا قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ ئۆز بەندىسىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ، لېكىن شەيتان بۇنى ئېچىپ رەسۋا قىلىشقا تېرىشىدۇ، ئىنسان سەل قاراپ مۇشۇ ئىشنى قىلغىنىمنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمىدى دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە دۈشمىنى بولغان شەيتاننىڭ ئۇنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ، بۇنداق ئىنچىكە ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار ناھايتى ئازدۇر".

ئاللاھ تائالا لەنەتگەردى شەيتاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىبلىس ئېيتتى: سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ  توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن، ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭدىن، سولدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ(نېمىتىڭگە) شۈكرى قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن». شەيتاننىڭ غايىسى ۋە ئاساسلىق ئىشى شۇ بولىدىكەن، بۇ مەلئۇندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىش، بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىش ئارقىلىق ھەقىقى تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئىنسان ئاللاھغا يۈزلىنىپ ئىخلاس بىلەن تەۋبە قىلىپ ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان گۇناھ-مەسىيەتتىن قايتىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىدا ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى ۋە رازىلىقىنى ئاساس قىلغاندا شەيتاندىن نىجات تاپالايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولغان ئىبلىسنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! سىنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭدىن باشقا ھەممە كىشىلەرنى ئازدۇرىمەن، دېدى». شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىدىغان كۈچلۈك سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھەممە ئىشنى ئاللاھغا تاپشۇرۇپ، ئاللاھغا تايىنىپ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن بولىدۇ. كىمىكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ ۋە ئۇنى شەيتاننىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ساقلايدۇ.

ئىنسان شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە ۋە يامانلىقىدىن تۆۋەندىكى بىرنەچچە سەۋەبلەر بىلەن ساقلىنالايدۇ:

بىرىنچى: شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھغا سىغىنىپ پاناھلىنىش. «سىنى شەيتان ئازدۇرۇشنى مەقسەت قىلسا ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچى ئاللاھ بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلغىن».  

ئىككىنچىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرگە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلايدىغان بىر سۆزنى ئېيتىپ بىرەيمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ «قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەبىن ناسنى ئوقۇشتۇر».

ئۈچىنچى: ئايەتەلكۈرسىنى ئوقۇش، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇخارىيدا بايان قىلىنغان قىسىسىدە: ئەبۇ ھۈرەيرە بەيتۇل مالنى ساقلاشقا بەلگىلەنگەندە، شەيتان ئىنسان سۈرىتىدە ئوغرىلىققا كېلىدۇ-دە، تۇتۇلۇپ قالىدۇ، شەيتان قويۇۋېتىش بەدىلىگە تەلىم بېرىشكە ماقۇللىشىدۇ، شەيتان ئۇنىڭغا: سەن يېتىشتىن بۇرۇن ئايەتەلكۇرسىنى ئوقۇساڭ تاڭ ئاتقۇچە ساڭا شەيتان يېقىنلاشمايدۇ، ئاللاھ سىنى ساقلايدۇ دەيدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ساڭا توغرا سۆزلەپتۇ، لېكىن ئۇ يالغانچى شەيتاندۇر دېگەن».

تۆتىنچى:  بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇش، سەھىھ مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، سۈرە بەقەرە ئوقۇلغان ئۆيگە شەيتان كىرەلمەيدۇ».

بەشىنچى: بەقەر سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنى ئوقۇش. سەھىھ ھەدىستە: «كىمكى بۇ ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا  بۇ ئايەت ئۇ كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ» دېگەن.

ئالتىنچى: ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىش، بۇخارىي بىلەن مۇسلىمدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قانداق بىر كىشى«لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكەلەھۇ، لەھۇلمۇلكۇ ۋەلەھۇلھەمدۇ، ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر» (بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، پۈتكۈل ھۆكۈمرانلىق ۋە ماختىلىش ئاللاھغا خاستۇر ۋە ئاللاھ ھەرنەرسىگە قادىردۇر) دېگەن كەلىمىنى بىر كۈندە يۈزقېتىم ئوقۇسا ساۋابى ئون قۇل ئازات قىلغاننىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە يۈز ياخشىلىق يېزىلىپ، يۈز يامانلىق ئۆچۈرۈلىدۇ، شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە ئۇ كىشى ئۈچۈن شەيتاندىن قالقان بولىدۇ، بۇنى ئۇ كىشىدىنمۇ كۆپرەك دېمىگەن كىشى ئۇ ئىنساندىن ياخشىراق ئەمەلنى كەلتۈرەلمەيدۇ».

يەتتىنچى: تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى دائىم جامائەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار ئوقۇغاندەك ئوقۇشتىن ئىبارەت.

پەزىلەتلىك شەيخ ئىنسان ھەرۋاقىت شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھلىق تەلەپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ياخشىلىق تىلەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 6 )
Go to the Top