حاجة العالم إلى الشريعة الإسلامية

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: حاجة العالم إلى الشريعة الإسلامية
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة ألقاها فضيلة الشيخ الدكتور عبد الرحمن بن عبد العزيز السديس 24/10/1429 هجري، بين فيها فضل الإسلام على الإنسان وحاجة البشرية إلى الشريعة الإسلامية في الوقت الراهن للخروج من الأزمة الإقتصادية، والإسلام هو المبدأ الوحيد لحل المشاكل والأزمات الإنسانية بطريقة سليمة، ويجب على الأمة الإسلامية أن تستغل الفرص وتظهر محاسن الإسلام.
تأريخ الإضافة: 2008-10-28
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/183983
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئىنسانىيەت ئىسلام شەرىئىتىگە مۇھتاج
979 KB
فتح: ئىنسانىيەت ئىسلام شەرىئىتىگە مۇھتاج.doc
2.
ئىنسانىيەت ئىسلام شەرىئىتىگە مۇھتاج
119 KB
فتح: ئىنسانىيەت ئىسلام شەرىئىتىگە مۇھتاج.pdf
نبذة موسعة

 

ئىنسانىيەت ئىسلام شەرىئىتىگە مۇھتاج

 

 

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"دۇنيا خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا ئەڭ توغرا ھەل قىلغۇچ تۈزۈم ئىسلام شەرىئىتىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

دۇنيا خەلقى بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش بولمىغان كرىزىس، قىيىنچىلىقلار، ماددىي بورانلارغا دۈچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاساسلىق مەسىلە ئىنسانىيەتنى قانداق قىلغاندا بەختلىك قىلىش، دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى قانداق بىتەرەپ قىلىش نۇقتىسىغا تاقىشىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتى، جەمئىيەتنىڭ ياخشىلىقى ۋە پاراۋانلىقىغا شىپا بولىدىغان مەلهەمدىن ئىبارەت دورا شەرىئەتتىن ئىبارەتتۇر. شەرىئەت كۆرسەتمىسى بىلەن ماڭغان ھەرقانداق جەمئىيەت ۋە شەخس ئۆزىنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىغا چارە تاپالايدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان شەرىئەت مەڭگۈلۈك يول بولۇپ ئاللاھ بۇ شەرىئەتنى ساماۋى دىنلاردىكى ئەڭ ئاخىرقى پارلاق يول قىلىپ بېكىتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن بۇ شەرىئەت بولسا ئىنسانىيەت ئۈچۈن رەھمەت، ھىدايەتتۇر. شەرىئەت بولسا بىر ئىزدا توختاپ قالىدىغان قامال يول بولماستىن ھەر زامان ۋە ماكاننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، كۈنىگە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قارىتا چارە -تەدبىر كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئىلاھى قانۇندۇر. ھېچقاچان چىقىش يولى توختاپ، ئاجىز كېلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭلاشقا شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىجتىھادتىن ئىبارەت پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋەقە، زامان، ماكان تەقەززاسى بويىچە يۈزبەرگەن ھادىسىلەرگە ئىنسانىيەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەقەززاسىغا قاراپ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. شەرىئەت ئۆزىنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىدە پايدا-زىيان، مەنپەئەت، زىيانلىق تەرەپلىرىنى نەزەردە تۇتىدۇ. شۇنداقتىمۇ شەرىئەتنىڭ غايە-مەقسەتلىرىنى ياخشى شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئىسلام دىنى تالانتلىق ئالىملارغا مۇھتاج. شەرىئەتنىڭ غايە، مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، يۈزبەرگەن ھادىسىلەرنى ھەل قىلىش  ئۈچۈن  بۇ ساھەدە يېتىشكەن تالانتلىق ئالىملار كېرەك.

شەرىئەت مەنپەئەتىنى ئوچۇقلاش مەسىلىسى بۈگۈنكىدەك كرىزستا  نامايەن بولىدۇ. بىر تەرەپتىن ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىش بولسا يەنە بىر تەرەپتىن بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى، ۋە رەھىمدىللىق تەرىپىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرىغا چىققان ئىقتىساد كرىزىسى دۇنيا خەلقىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ كرىزسنى ھەل قىلىپ يېڭىپ چىقىشقا ئەڭ لاياقەتلىك تەرەپ ئىسلام ئۈممىتى ۋە شەرىئەتتۇر. دۇنيا خەلقىنىڭ كرىزىسى، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، ئەخلاقى، ئىقتىسادىنى ھىمايە قىلىش بولسا شەرىئەتتىن باشقا يول ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.  دۇنيادا ھەققانىيەت، ئادالەت تۇرغۇزۇلسا، ئامانلىق، مۇقىملىق ئومۇملاشسا، زۇلۇم، ئالدامچىلىق، جازانىخورلۇق، باشقىلارنىڭ قان تەرى بەدىلىگە مەنپەئەتكە ئېرىشىشتەك خاتا يوللار غا چەك قويۇلسا دۇنيانىڭ كرىزىسى ھەل قىلىنىدۇ.

ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ئىلىم ئىگىلىرى، مۇتەپەككۇرلار، ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسەت، مەنپەئەتلىرىنى نامايەن قىلىپ ھازىرقى زامان دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. دۇنيا خەرىتىسىدە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئورنى نامايەن بولىشى كېرەك . دۇنيا خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان تەبىئىى ئاپەتلەر، سونامىلار، دىنى، سىياسىي، ئىقتىسادى داۋالغۇشلاردىن چىقىش يولى بىرلا ئىسلام شەرىئىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىشتا. ئىسلام دۇنياسىدا ئەمەس بەلكى غەرب ئەللەردىمۇ دۇنيانىڭ ئەقىل ئىگىلىرى ھازىر دۇنيا خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كرىزىس، ھالاكەتتىن چىقىش يولى پەقەتلا ئىسلام شەرىئىتىنى ئىجرا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەقىل ئىگىلىرى بۇ مەسىلىدە جىددىي ئويلىنىشى كېرەك.  ئۈممەت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرىئەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، ئىسلام شەرىئىتى چەكلىگەن ئىشلاردىن قول ئۈزۈشى كېرەك. ئۈممەت ئۆزىدىكى ئەڭگۈشتەرنى تاشلاپ قويۇپ باشقىلارنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى، ھايات يولىدا مېڭىشنى خالايدىكەن ھېچقاچان روناق تاپالمايدۇ. ئىسلام ئۈممىتى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىش، دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىدۇر. كېسىپ ئېيتالايمىزكى، دۇنيا دۈچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى، سىياسىي كرىزىستىن چىقىشنىڭ بىرلا يولى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ غايە، مەقسەتلىرىنى تولۇق نامايەن قىلىپ شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت دۈچ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان كرىزسلارنى ھەل قىلىشتىدۇر.

 

 

Go to the Top