كيف نودع شهر رمضان
رامىزان بىلەن قانداق ۋىدالىشىشىمىز كېرەك
2008-يىلى09- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:
"رامىزان ئېيى بىلەن ۋىدالىشىش ۋىژداننى ئازابلايدۇ، غەم -قايغۇنى قوزغايدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ھەقىقەتەن ئۇلۇغ رامىزان ئاي بىلەن ۋىدالىشىۋاتىمىز، بۇ ئاينى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتىمىز، مەھبۇبىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن قايغۇرماي تۇرالمايمىز . چۈنكى رامىزان ئېيى بىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۈيۈك نېمىتى ئىدى، بۇ نېمەتتىن ئايرىلىش ئىنساننى غەم -قايغۇغا سالماي قالمايدۇ. بىز تۈنۈگۈن قارشى ئالغان رامىزان كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئاينى قانداق ئۇزىتىمىز؟ خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتامدۇق؟ ئاخىرلاشقىنىغا خۇرسەن بولامدۇق؟ ياكى سەلەپ سالىھلاردەك چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن ياخشلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش، كۆپرەك ئەجىرگە ئېگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشامدۇق؟ ئىلگىركى سەلەپلەر ۋە ئالىملار رامىزاننى ئۇلۇغ ھىممەت بىلەن قارشى ئالاتتى، رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. رامىزان چىقىپ كەتكەندە رامزاندا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولۇش بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئەندىشە قىلاتتى. شۇڭا بەزى سەلەپ ئالىملىرى رامىزان يىتىپ كېلىشتىن 6ئاي بورۇن رامزانغا يەتكۈزۈشنى تىلىسە رامىزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە 6 ئاي رامزاندا قىلغان ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلاتتى. ئۆلىمالارمۇ ۋەسىيەتلىرىدە رامزاننىڭ ئىبادىتىنى نەزەردىن ھېچقاچان ساقىت قىلماسلىقلىرى، بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "سىلە ئەمەلىڭلارنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئەمەلنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكراق ئەھمىيەت بىرىڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ « ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭلا ئىبادىتىنى قوبۇل قىلىدۇ»". رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى كېچىسىدە مۇنداق چاقىراتتى: "كاشكى، كىمنىڭ ئەمىلى مەقبۇل بولدى ئۇنى تەبرىكلىسەم. كىمنىڭ ئەمىلى مەقبۇل بولمىدى ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرسەم دەيمەن". ئەبى ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپلا ئامىن، ئامىن ، ئامىن دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. ساھابىلار ئى رەسۇلۇللاھ! مۇنبەرگە چىقتىڭىز ئامىننى 3 قېتىم تەكرارلىدىڭىز. دېگەندە رەسۇلۇللاھ: ماڭا جىبرىئل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئى مۇھەممەد كىمكى رامزانغا ئۇلىشىپمۇ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنمىغان بولسا ئاللاھ ئۇنى يىراقلاشتۇرۇپتۇ، ئامىن دېگىن دېدى. ئاتا-ئانىسى ياكى ئىككىسىدىن بىرىنى ھايات تېپىپ يەنە جەننەتكە كىرەلمىگەن بولسا ئاللاھ ئۇنىمۇ يىراق قىلسۇن. ئامىن دېگىن دېگەندىن كېيىن ئامىن دېدىم. كىمكى سەن ئۇنىڭ قېشىدا زىكىر قىلىنساڭ دۇرۇت ئوقۇمىسا، ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا كىرىپ قالسا ئاللاھ ئۇنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئامىن دېگىن دېدى . مەن ئامىن دېدىم.
روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئاينى ئۇزىتىشتىكى ئەڭ چوڭ ئۇزىتىش شوئارى لائىلاھە ئىللەللاھۇدىن ئىبارەت تەۋھىد كەلىمىسىدۇر. ۋە ئىستىغپاردۇر. ئىبنى رەجەپ دېگەندەك تەۋھىد كەلىمىسى گۇناھلارنى تازىلايدۇ ۋە توقىتىدۇ. ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «كىمكى تەۋھىد كەلىمىسىنى قەلبىدىن چىقىرىپ خالىس دىسە ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ» دېگەن. ئىستىغپار(يەنى گۇناھقا تەۋبە قىلىش)بولسا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە نائىل بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىندۇر. ئىستىغپار دېمەك گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئادۇر. روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەتتۇر. ئاللاھ تائالا داۋاملىق تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن ئىستىغفارنى يانداش كەلتۈرىدۇ.
ئىستىغپار بارلىق ياخشى ئەمەللەرنىڭ تۈگەنچىسى بولۇپ ناماز، ھەج، قىيامۇللەيل،(كېچىدە ئوقۇلىدىغان ناماز) زىكىر -تەسبىھ ئوقۇلغان يىغىلىشلار ئىستىغپار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ .يىغىلىش زىكىر تەسبىھ يىغىلىشى بولسا مەجلىسكە مۇناسىپ بولغان بولىدۇ. مەجلىس ئەھمىيەتسىز يىغىلىش بولغان بولسا ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدۇ. رامىزان روزىسىمۇ ئىستىغپار بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئىبادەتلەردىندۇر. ھەقىقىي ئاللاھ قۇبۇل قىلىدىغان ئىستىغپار تەۋبە قىلىش، گۇناھقا قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن قىلىنغان ئىستىغفاردۇر .ئىنسان رامزاندا قىلغان ئىبادەتنى رامزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىنغانلىقى، ئىنساننىڭ روزىسىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بۇ ئاينى ئۇزىتىش مۇراسىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭلار. ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇڭلار. قالغان ساناقلىق كۈنلەرنى غەنىمەت بىلىڭلار. ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ئالدىدا مال دۇنيا، بالا-چاقا ئەسقاتمايدىغان ۋاقىت كەلگەندە ئەنە شۇ ئەمەللىرىڭلار ئەسقاتىدۇ. رامىزاننى ئۇزىتىۋاتقان روزىدار شۇنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەككى، رامزاندا ئېچىلغان ياخشىلىقلارنىڭ دەرۋازىلىرى رامزاندىن كېيىن تاقىلىپ قالمايدۇ. تائەت -ئىبادەت مەيدانلىرىدىكى كۈچلۈك رىقابەت توختاپ قالمايدۇ. رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقان بولسا روزا ئىبادىتى ئاخىرلاشقىنى يوق ئاخىرلاشمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام شەۋۋالدا 6 كۈن روزا تۇتۇش بىر ئۆمۈر روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر دېگەن. ھەر ھەپتە دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر. ئەرەفات كۈنىدە روزا تۈتۈش. ئاشۇرا كۈنى روزىسى، شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمان ئۈچۈن يىل بويى روزا تۇتۇش پۇرسىتى باردۇر. رامزاندا كېچىدىكى تەھەججۈد نامىزى ئاخىرلاشقان بولسا ھەركۈنى كېچە ئاخىرىدا ئوقۇلىدىغان قىيامۇللەيل نامىزى يىل بويى داۋام قىلىدۇ.
قەدىر كېچىسىنىڭ بەلگىلىرى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى تەبەرانى رىۋايەت قىلغان ھەدىسى كۇپايە قىلىدۇ، : قەدىر كېچىسىنىڭ ئالامەتلىرى كۆپىنچە ۋاقىتتا كېيىن مەلۈم بولىدۇ. قەدىر كېچىسىنىڭ ئەتىسى كۈن ئاق لېكىن نۇرسىز چىقىدۇ، كىچە سۈزۈك ئەمما ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس. ئاي نۇرلۇق پاقىراپ چىقىدۇ. يۇلتۇز چۈشمەيدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ كۆپىنچىسى زېمىندا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سانى زېمىندىكى شېغىل تاشلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. قەدىر كېچىسىدە ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. ( يەنى ئاللاھ بەندىلەرگە مەرھەمەت قىلىپ دۇئا ۋە تېلەكلىرىنى ئىجابەت قىلىدۇ) ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىگە خالىس ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.