سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت قايسى؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت قايسى؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت روزا ھېيت كۈنىسى ھېيت نامىزىدىن كىيىن باشلىنىپ كەچ كىرگىچە داۋاملىشامدۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-09-26
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/177931
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت قايسى؟
973.5 KB
: سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت قايسى؟.doc
2.
سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت قايسى؟
111.2 KB
: سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت قايسى؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت قايسى؟

 

37636-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت روزا ھېيت كۈنىسى ھېيت نامىزىدىن كىيىن باشلىنىپ كەچ كىرگىچە داۋاملىشامدۇ؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت روزا ھېيت كۈنىسى ھېيت نامىزىدىن كىيىن باشلانمايدۇ، بەلكى رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىن باشلىنىدۇ، بۇ شەۋۋال(روزا ھېيت كېچىسى) ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى كېچىسى ھېسابلىنىدۇ، روزا ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىشكە بۇيرىغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پىتىر سەدىقىسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كەپپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سەدىقە پىتىرنى پەرز قىلدى. كىمكى ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلسا ئۇ قوبۇل قىلىنغان سەدىقە پىترىدۇر. ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئادا قىلسا ئۇ سەدىقىلەردىن بىر سەدىقىدۇر" (ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، دارۇ قۇتنى، ئەلھاكىم)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن رامزاندىن تارتىپ سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرز قىلدى ...». ۋە « ساھابىلار سەدىقە پىتىرنى روزا ھېيتتىن بىر - ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرەتتى» دېگەن ئەسەرلەرگە ئاساسەن سەدىقە پىتىرنى ھېيتتىن بىر - ئىككى كۈن ئىلگىرى بەرسە ياخشىراق. كىمكى بۇنى ۋاقتىدا بەرمەستىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكتۈرىدىكەن ئۇ كىشى خاتالاشقان بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ قويغىنىغا ئاللاھدىن كەچۈرۈم تىلەپ دەرھال كەمبەغەللەرگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

 ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسىدىن ئىلىندى              

يەنە قاراڭ ( 1 )
Go to the Top