رامزاندا قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامزاندا قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ12/9/1429 ھـ / 2008-يىلى09-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا رامىزان ئېيى ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئىشىكى ئىكەنلىكى، تائەت-ئىبادەت ۋە گۇناھ-مەسىيەت تۈرلۈك بولغاندەك ساۋاپ ۋە جازالارمۇ تۈرلۈك بولىدىغانلىقى، رامزاندا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى، تەراۋىھ نامىزى، زاكات ۋە سەدىقە پىتىرنىڭ ئەھمىيىتى، ياخشى ئەمەللەرگە رىغبەتلەندۈرۈپ رىياكارلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ رامزان ياخشىلىقنىڭ ئېيى ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-09-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/177568
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رامزاندا قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى
136.9 KB
: رامزاندا قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى.pdf
2.
رامزاندا قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى
992 KB
: رامزاندا قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامزاندا قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى

 

2008-يىلى 09-ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى

بىرىنچى خۇتبە

گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھنى ماختايمىز، ئۇنىڭغا تايىنىمىز، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمىز، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ناچار ئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز . ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلىغۇچى مەدەتكار يوقتۇر، ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن، ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋالىق قىلىڭلار، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلاردا ئاللاھنىڭ كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار . ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ  ئىنسانلارغا تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى يولغا قويۇش بىلەن ئېھسان قىلىپ ئۇلارنىڭ جەننەتتە لەززەتلىنىدىغان تۈرلۈك نېمەتلەرگە ئېرىشىشىگە سەۋەپ قىلدى . ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەزلى - رەھمىتى بىلەن ھەر بىر ئىبادەتتىن ئۆزىگە ياخشى كۆرىلىدىغاننى قىلىپ ئۇنىڭ تەسىرى، ھەر بىرىگە بېرىلىدىغان جازا - مۇكاپات ۋە ساۋابنى ئايرىم - ئايرىم بېكىتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن جەننەت ئەھلىنىڭ لەززىتى ۋە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەلەملىرىمۇ ھەر تۈرلۈك بولدۇ، بېرىلىدىغان ئېسىل نېمەتلەر ۋە دەرتلىك ئازابلارمۇ ھەرخىل بولدۇ . ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ مۇكاپىتى، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ساۋابى، روزا تۇتقۇچىلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە رەييان دېگەن ئىشىكنى خاس قىلىشى، خەيرى - ئېھسان قىلغۇچىلارغىمۇ ئالاھىدە بىر ئىشىكنى تەييارلىشىمۇ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بېرىلىدىغان ساۋاپ - مۇكاپاتلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" كىمكى ئىبادەتنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ جەننەتتە ئېرىشىدىغان لەززەتلىرى ۋە بېرىلىدىغان مۇكاپاتلىرى تۈرلۈك بولىدۇ، ھەر بىر كىشىنىڭ دۇنيادا ئىبادەتنى قىلىشتىكى ئىخلاس، سەمىمىيلىك، كەمتەرلىك ۋە باشقا جەھەتلەردىكى پەرقلەر بىلەن ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان مۇكاپاتلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ".

رامزاندا ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى ھەسسىلەپ زىيادە بولىدىغان، گۇناھ - مەسىيەتلەر ئەپۇ قىلىنىدىغان ئاي بولۇپ،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرەر مۇسۇلمان چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، ئوقۇغان بەش ۋاقىت نامىزى، ناماز بىلەن نامازنىڭ ئارىلىقىدىكى (كىچىك) گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ، ئوقۇغان جۈمە نامىزى يەنە بىر جۈمەگىچىلىك بولغان (كىچىك) گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ، تۇتقان رامىزان روزىسى يەنە بىر رامىزانغىچىلىك بولغان (كىچىك) گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ» مۇسلىمدىن.

بۇ ئىبادەتلەر ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ، بەزەن ئالىملار مۇنداق دەيدۇ:" ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش، بۇيرۇقىنى تولۇق ئورۇنلاش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇشقا روزىدىنمۇ بەك ياردىمى بولىدىغان ئىبادەت يوق".

قۇرئان ئوقۇشنىڭ ساۋابى كاتتا بولۇپ، كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا، ئۇنىڭغا شۇ بىر ھەرپنىڭ ئەجرى ئۈچۈن بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ. بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئىنسان دۇنيادا قۇرئاننى كوپ ئوقۇغان بولسا ئاخىرەتتە جەننەتتە ئېرىشىدىغان دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . قەبرىدە ۋە قىيامەت مەيدانىدا قۇرئان ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ . قۇرئان بولسا ئىنسانلارغا نۇر، ھىدايەت ۋە شىپالىق بېغىشلايدۇ . ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر قەلبىڭلار پاك بولسا ئىدى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سۆزىگە قانمايتتىڭلار ».

پەرز نامازلاردىن كىيىنكى نامازنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى كىچىدە ئوقۇلغان ناماز بولۇپ، بۇ جەننەت ئەھلىنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى( يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى، ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى، ئۇلار سەھەرلەردە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تىلەيتتى».

كىچىدە ناماز ئوقۇش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئى خالايىق! سالامنى ئاشكارا قىلىڭلار، كىشىلەرگە تائام بىرىڭلار، كېچىسى كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا تۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار، شۇندىلا جەننەتكە سالامەت كىرەلەيسىلەر» تىرمىزىيدىن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى، ساھابىلەرمۇ ناماز ئوقۇش بىلەن كېچىنى تاماملايىتتى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ( يەنى ساھابىلار) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ تەھەججۈد نامىزى ئۈچۈن كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ»، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سۈپەتلەپ يەنە مۇنداق دەيدۇ:« ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار» . كىمكى رامزاننىڭ كېچىسى ناماز ئوقۇپ ئىمام بىلەن بىرگە يانسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن پۈتۈن بىر كېچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ.

ئىنسان قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ قىلغان سەدىقىسىنىڭ سايىسى ئاستىدا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتىدۇ يامان ئىشلارغا(يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ».

خەيرى - ئېھسان قىلغۇچى مۆمىن دۇنيا - ئاخىرەتتە خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ماللىرىنى كېچە -كۈندۈز(يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەيرى - ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاپ تاپىدۇ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ».

خەيرى - ئېھسان قىلىدىغانلارنىڭ ئىشلىرى ئاسانلىشىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« پۇل - مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، كەلىمە تەۋھىدنى تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز، بېخىللىق قىلىپ ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ كۆپ سەدىقە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى، بىر نەرسە سورۇغۇچى كىشىلەرنى قۇرۇق قايتۇرمايتتى، سەدىقە ۋە خەيرى - ئېھسان قىلىشنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەتتى، باشقىلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلغاندىن كۆرە باشقىلارغا خەيرى - ئېھسان قىلغاندا بەك خۇرسەن بولاتتى.

زاكات ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق رۇكنىنىڭ بىرى بولۇپ بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكى تازىلىنىدۇ ۋە كۆپىيىدۇ، بەرىكەتلىك بولىدۇ، ئىخلاس بىلەن كۆڭلى - كۆكسىدىن چىقىرىپ پېقىر - مىسكىنلەرگە، تۇل ئاياللارغا ۋە يېتىملەرگە قىلغان خەيرى - ئېھساننىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، ئىنسان بۈگۈن ئىقتىسادلىق بولغان بىلەن كېلەچەكتە ھالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ئىبادەت، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش ۋە خەيرى - ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى مەسچىتتە ئوقۇغان نامىزىدىن ياخشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۇلار ئۈچۈن ياخشى» ئەبۇ داۋۇتتىن.

ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ئاللاھ بىلەن پاناھلىنىمەن، ئى مۆمىنلەر! سىلەر نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھغا رۇكۇ - سەجدە قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار ئۈچۈن ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار».

ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، مەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

ئاللاھنى بىزگە قىلغان خەيرى ئېھسانلىرىگە چەكسىز ماختايمىز، بەرگەن نېمەتلىرىگە ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھېسابسىز شۈكرى ئېيتىمىز، ئاللاھنىڭ شەنىنى كاتتىلاپ ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت  تەلەپ قىلىمىز.                                                                      

ئى مۇسۇلمانلار! قەلبلەر ساقلاش ئورنى بولۇپ ياخشىسى ۋەز - نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلاردۇر . رامىزان ياخشىلىققا ئالدىرايدىغان تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولۇپ، بۇ ئايدا ئىخلاس ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئىبادەت قىلغان كىشىلەر بەخت - سائادەت تاپقۇسى، بۇ ئايدا ئاللاھنىڭ رازىلىقى تەلەپ قىلىنىدىغان ھەممە ئەمەللەر تېپىلىدۇ، خەيرى - ئېھساننى مەخپى قىلىش ياخشى بولۇپ، رىياكارلىق ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ . رىياكارلىقتىن ساقلىنىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان- زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار. تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل- مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ .

ئاللاھ تائالا بىزنى ئالاھىدە بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ . ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار.                                                                    

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز .                                                          

ئى ئاللاھ ! توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن، سىنىڭ سېخىلىقىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭنى ئۇلاردىن ئايىمىغىن .

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خارقىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، بۇ شەھەرنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تىنىچ، خاتىرجەم، پاراۋان قىلغىن . ئى رەببىمىز بىزنىڭ تۇتقان روزا ۋە ئوقۇغان تەراۋىھ نامازلىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، بىزنى دوزاختىن ئازات قىلغىن . بىز سەندىن ئەڭ ئالى جەننەت، « پىردەۋس ئەئلا » نى سورايمىز، بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىز سەۋەپتىن ئۆز دەرگاھىڭدىكى ياخشىلىقتىن بىزنى مەھرۇم قىلمىغىن، بىزنى دۇنيا - ئاخىرەتتە توغرا ئىش قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن .

پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز . ئى ئاللاھ!بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنى سىنىڭ توغرا يولۇڭغا مۇۋەپپەق قىلغىن، ياردىمىڭ بىلەن كۈچلاندۇرغىن، ئۇلارنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، ئۆز خەلقىنىڭ ئىشلىرىغا كۆيىنىدىغان  قىلغىن .

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ناھايىتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە  زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.  

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 22 )
Go to the Top