الجنة بشارة الله للمؤمنين

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الجنة بشارة الله للمؤمنين
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام في مكة المكرمة التي ألقاها فضيلة الشيخ صالح بن محمد آل طالب 12/9/1429 هجري فبين حفظه الله في خطبته إن الجنة بشارة وجائزة للمؤمنين، ونعيمها يفوق الوصف والخيال، وإن الجنة لا خطر لها، وفيها سرور دائم وبقاء أبدي ونظرة وسعادة، وعيش ونعيم أبد الآباد، وتحية الله على أهل الجنة، ونظرتهم بوجهه الكريم وغيرها من نعم الجنة.
تأريخ الإضافة: 2008-09-17
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/177483
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
جەننەت مۆمىنلەر ئۈچۈن بىشارەتتۇر
976 KB
فتح: جەننەت مۆمىنلەر ئۈچۈن بىشارەتتۇر.doc
2.
جەننەت مۆمىنلەر ئۈچۈن بىشارەتتۇر
51 KB
فتح: جەننەت مۆمىنلەر ئۈچۈن بىشارەتتۇر.pdf
نبذة موسعة

 

 

جەننەت مۆمىنلەر ئۈچۈن بىشارەتتۇر

 

2008-يىلى 09-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئىبادەت قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ جەننەت بىلەن بىشارەت بەردى " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھ ئابىدلارغا جەننەت بىلەن بىشارەت بەرگەن، ئۇلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلغان. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە:"پەرۋەردىگارىنىڭ ماقامىدىن قورققان كىشى ئۈچۈن قوش جەننەت باردۇر". جەننەتتىن سۆز ئېچىش ئىنسانغا تىرياققا ئوخشاش تەسەللىي ۋە روھى ئوزۇقتۇر. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىش ئاللاھ تەرەپتىن بىرىلگەن بىشارەتتۇر. ياخشى ئەمەلنى كۆپ قىلغانسېرى ئىنساننىڭ قەلبى جەننەتكە تەلپۈنىدۇ. جەننەت ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەل قىلغان، ئىبادەت قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان جايىدۇر. جەننەت ئەۋلىيالار، ئەنبىيالارنىڭ جايىدۇر. جەننەت ھەققىدە سۆز قىلىش روھلارنى ئۇرغۇتىدۇ، ئىنسانغا گۈزەل باغ، بوستانلارنى ئەسلىتىدۇ. جەننەت ئىنسانغا ھىممەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە دىلنى يۇمشىتىدۇ، ھىممەتنى ئاشۇرىدۇ، روھنى تازىلايدۇ، ئەھلى ئىمانغا بىشارەت بېرىدۇ. جەننەتكە لايىق بولغانلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا جەننەتتە نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقى، جەننەتتىكى نازۇ-نېمەتلەرنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن تاشقىرى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. جەننەتتە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كىلىدىغان ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. جەننەتتىكى سارايلار بۇ دۇنيادىكى ھەرقانچە كۆركەم سارايلاردىن كۆركەم ۋە ئازادە ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تەسۋىرلەپ:"جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان نېمەتلەر بار" دەيدۇ. جەننەتتىكى مېۋىلەر، گۈزەل قىزلار، ئۈنچە مەرۋايىتلار، سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىپار -زەپەلەردىن ياسالغان ئەتىرلەر، ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-پەتنۇسلار باردۇر.

جەننەتتىكى ئاياللارنىڭ تەسۋىرى شۇنداقكى، ئاياللارنىڭ تاشقى جامالى شۇنداق گۈزەل بولغاندىن سىرت ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكى شۇنداقكى، ئۇلاردىن بىرى دۇنياغا ئۆزىنى كۆرسەتسە ئاسمان-زىمىن خۇشپۇراق ئەتىرگە چۆمۈپ كېتىدۇ.  دۇنيادا ياخشى ئەمەل قىلغان ئاياللار جەننەتتە شۇنداق ھۆرىلئەين بولۇشقا لايىق بولۇپ دۇنيادا ياخشى كۆرگەن جۈپتى بىلەن بىرگە بولالايدۇ.  جەننەت ئەھلىگە نىدا قىلغۇچى شۇنداق نىدا  قىلىدۇكى، ئى جەننەت ئەھلى پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ زىيارىتىڭلارنى قوبۇل قىلىدۇ، قېنى زىيارەت قىلىڭلار دەيدۇ، جەننەت ئەھلى دەرھال لەببەي ئېيتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، رەببىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ، ساپالاردا ئولتۇرىشىدۇ، پۈتۈن ئەتراپ نۇرغا تولۇپ كېتىدۇ.  ئاللاھ  ئۇلارغا ئۆزىنىڭ نۇرى بىلەن تەجەللى قىلىدۇ. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارايدۇ دە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە قاراپ تەبەسسۇم قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئى جەننەت ئەھلى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەيدۇ دە بارلىق جەننەت ئەھلى ئەللاھۇممە ئەنتەسسەلام ۋەمىنكەسسالام تەبارەكتە رەببەنا يازەلجەلالى ۋەلئىكرام دەيدۇ. قىنى قېرىنداشلار! يەڭلىرىمىزنى تۇرۇپ بۇ ئۇلۇغ ئاينى چىقىش قىلىپ، ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە تىرىشايلى.

 

Go to the Top