روزىدارنىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرىشىنىڭ ھۆكمى
تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: روزىدارنىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرىشىنىڭ ھۆكمى
تىل: ئۇيغۇرچە
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قۇۋۋەت ئوكۇلى ياكى ئادەتتىكى ئۇكۇل سالدۇرۇپ داۋالانسا قانداق بولىدۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-09-09
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/175348
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
تەپسىلى چۈشەنچە
روزىدارنىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرىشىنىڭ ھۆكمى
8652-نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قۇۋۋەت ئوكۇلى ياكى ئادەتتىكى ئۇكۇل سالدۇرۇپ داۋالانسا قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
رامزاننىڭ كۈندۈزىدە مۇسكۇلغا ۋە تومۇرغا ئۇكۇل سالدۇرۇپ داۋالانسا بولىدۇ، لېكىن قۇۋۋەت ئوكۇلى سالدۇرسا جايىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش كۈندۈزدە يېمەك - ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلانغاننىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، قۇۋۋەت ئوكۇلى سالدۇرۇش ھىيلە ئىشلىتىپ رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئېغىز ئاچقانلىق دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا مۇسكۇلغا ۋە تومۇرغىمۇ ئوكۇلنى كىچىدە سالدۇرۇش ياخشى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسى 10-توم 252-بەت
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 21 )