خەير-ساخاۋەت، بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: خەير-ساخاۋەت، بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: ئابدۇلدائىم ئەلكۇھەيل
تەرجىمە قىلغۈچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمەدىي
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاپتۇر بۇ ماقالىسىدا، ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ رازى بولىدىغان يوللارغا پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلىشقا رىغبەتلەندۇرىغانلىقى، خەير-ئېھسان بولسا، دۇنيا - ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكى، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان مال-دۇنيانىڭ كېمەيمەستىن،بەلكى ساھىبى ئويلىمىغان يەردىن زىيادە قىلىنىدىغانلىقى، مال-دۇنياسىنى ئاللاھ يولىدا، مىللىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا سەرپ قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ چەكسىز بەرىكىتى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىس نۇرى ئاستىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-08-26
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/174135
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
خەير-ساخاۋەت، بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى
392 KB
: خەير-ساخاۋەت، بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى.doc
2.
خەير-ساخاۋەت، بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى
135.5 KB
: خەير-ساخاۋەت، بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

خەير-ساخاۋەت، بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى

 

 

ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىكى يوقسۇز - موھتاجلارغا ئېھسان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدىغان بۇ ئايەت كەرىم ئىنساننىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت كەرىمدە ئاللاھ يولىدا مال - مۈلكىنى سەرپ قىلغانلارغا قورقۇنچ ۋە غەم قايغۇ بولمايدىغانلىقىنى يەنى ئۇلارنىڭ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل- مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭرىدۇر، (ئاللاھ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى) بىلگۈچىدۇر. پۇل- مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان ۋە (خەير - ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم قايغۇ بولمايدۇ». سۈرە بەقەرە: 261-262- ئايەتلەر .

شۇنىڭغا ئوخشاش ئېھسان بىلەن ئىنساننىڭ دۇنيا - ئاخىرەتلىك بەخت سائادىتىنىڭ ئوتتۇرىسىنى باغلايدىغان ئايەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر. ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدە نەشر قىلىنىۋاتقان يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئويغۇنلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بى بى سى تور بېتىدە بۇ ئىلمى خەۋەر ھەققىدە توختىلىپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېھسان بىلەن ئىنساننىڭ دۇنيا - ئاخىرەتلىك بەخت سائادىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قويۇق ئالاقىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يەردە بى بى سى تور بېتىدىكى بۇ ئىلمى خەۋەرنىڭ تىكستلىرىنى ئەينەن نەقلى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئايەت كەرىم ياكى ھەدىس شېرىفلەر ئارقىلىق بەزى ئىزاھلارنى بېرىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

كانادالىق تەتقىقاتچىلار كۆپلەپ مال - دۇنيا يىغىش بىلەن بەخت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بەلكى باشقىلارغا خەير - ئېھسان قىلىش ئىنساننىڭ بەخت - سائادەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كولۇمبىيە بىرتىش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپسى باشقىلارغا بەش دوللار بولسىمۇ خەير -ساخاۋەت قىلىشنىڭ ئىنساندا سائادەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار ئاز بولسىمۇ خەير -ساخاۋەت قىلىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكتە.

بۇنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: « يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىڭلار » دېگەن سۆزىدە، شەپقەتلىك ۋ ە مېھرىبان ئاللاھ تائالا: «باي ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا (نەپىقە ئېھسان) قىلسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا (نەپىقە ئېھسان) قىلسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ)»دېگەن سۆزىدە تەكىتلىگەن ئەمەسمۇ؟!

  تەتقىقات نەتىجىلىرى ئايلىق مائاشلىرىدىن باشقىلارغا خەير -ساخاۋەت قىلمىغان خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا باشقىلارغا خەير -ساخاۋەت قىلىپ تۇرغان خىزمەتچىلەرنىڭ  بەخت - سائادەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

  قېرىنداشلار! مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقات تەنىجىلىرىدۇر.

ئېھسان  بىلەن  بەخت - سائادەت ئوتتۇرىسىدا قانداق ئالاقە بارلىقى ھەققىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ  تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە قاراڭلار.

  «ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير- ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ».  [بەقەرە سۈرىسى 274- ئايەت ]

  «ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ».[ رەھمان- سۈرىسى60-ئايەت ].

  تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپسى مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان 16 كىشىنىڭ كېرىم - چىقىملىرى ئۈستىدە نوختىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىرىمنىڭ مىقدارىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى بەلكى ئۇنىڭ قانداق خىراجەت قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئۇلار، تاپقان، تەرگەنلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا سەرپ قىلغانلارغا قارىغاندا ئىقتىسادىنىڭ بىر قىسمىنى باشقىلارغا  خەير - ساخاۋەت قىلغانلارنىڭ ئۆز ئىقتىسادلىرىدىن كۆپرەك پايدىلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  بۇ نەتىجە، پۇل - ماللىرىنى خەير - ئېھسان قىلىپ تۇرغانلارنىڭ ھەرگىز زىيان تارتمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پۇل - ماللىرىنىڭ كېمىيىپ كەتمەيدىغانلىقى بەلكى تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: " سەدىقە قىلغانلىقتىن مال - مۈلۈك كېمىيىپ كەتمەيدۇ" دېگەن سۆزىدە تەكىتلىگەن ئەمەسمۇ؟!. يەنى خەير - ئېھسان قىلغان مال - مۈلكىڭىز ھەرگىز كېمىيىپ كەتمەيدۇ، بەلكى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. چۈنكى باشقىلارغا خەير ئېھسان قىلىش سىزگە سائادەت تۇيغۇسى بېرىپ، تېخىمۇ ئەۋزەل شەكىلدە مال - دۇنياغا ئېرىشىش ھەققىدە توغرا پىكىر قىلىش يولىنى تەقدىم قىلىدۇ.

  ئاللاھ تائالا خەير - ئېھسان قىلغۇچىلارنىڭ مال - مۈلىكلىرىنى كۆپەيتىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

  «كىمكى ئاللاھغا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن ( يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل- مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ(سىناش ئۈچۈن, بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر». [بەقەرە سۈرىسى245-ئايەت ].

  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرى بولغان بىلگىتس ئەپەندىنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ بايلىقىنىڭ كۆپ بىر قىسمىنى يەنى نەچچە ئون مىليارد مەبلىغىنى خەير-ساخاۋەت قىلىشنى قارار قىلغان. چۈنكى ئۇ، بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان.

  تەتقىقاتچىلار يەنە 36 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا تەشكىل قىلىپ، ئۇلار ئۈستىدە نوختىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا 20 دوللاردىن مەبلەغ بەرگەن بولۇپ، ئۇلاردىن بىرىلگەن پۇللارنى شۇ  كۈنى كەچ سائەت 5 بولغاندا خىراجەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان، گۇرۇپ ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن بىرىلگەن پۇللارنى باشقىلارغا ئېھسان قىلىشنى، يەنە بىر يېرىمىدىن بىرىلگەن پۇللارنى ئۆزلىرىگە خىراجەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. پۇللارنى ئۆزلىرىگە خىراجەت قىلغانلارغا قارىغاندا، باشقىلارغا ئېھسان قىلغانلارنىڭ شۇ كۈنى زور بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكى ئىسپاتلانغان.

  بۇ، قايسى ئۇسۇلدا مال -  مۈلۈككە ئېرىشىشنى بىلىشنىڭ مۇھىم بولغىنىغا ئوخشاش مال -  مۈلكىنى قايسى ئۇسۇلدا سەرپ قىلىشنى  بىلىشنىڭمۇ  مۇھىم ئىكەنلىكىگە دەلىلىدۇر.

  بۇ يەردە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا، ئۇ بىر قوي ئېھسان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر تاغىقىنى ئېلىپ قويۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرگەندە: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەقەت بىر تاغىقىدىن باشقا قوينىڭ ھەممە يېرى تۈگىدى دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بەلكى تاغىقىدىن باشقا قوينىڭ ھەممە يېرى قالدى" دېگەنلىكىنى ئېسىمىزگە ئالىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ئۆيدە قالدۇرۇپ قويغىنىدىن ئۇنى ئېھسان قىلىۋېتىشنى ياخشى كۆرەتتى. مانا بۇ، ئالىملار بۇگۈنكى كۈندە كەشپ قىلغان بەخت - سائادەت سىرلىرىدىن بىر سىردۇر.

  تەتقىقاتچىلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، موھتاجلارغا ئېھسان قىلىش پۇل - مال تېپىشنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئېھسان قىلىش رىزقنىڭ كەڭرى بولىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلىرىدىندۇر. بۇ، قۇرئان كەرىمدىمۇ ئالاھىدە  تەكىتلىنىدۇ:

  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

  «ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزق قىلىپ بەرگەن پۇل- مالدىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزققا ئېرىشىدۇ». [ئەنپال سۈرىسى 3-4-ئايەتلەر[ .

  پىروففىسۇر ئىلىزابىس مۇنداق دەيدۇ: "بەخت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە مال - دۇنيانى ئۆز نەپسىگە خىراجەت قىلغاندىن باشقىلارغا ئېھسان قىلىشنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ". دوكتۇر جورج فىلدمان مۇنداق دەيدۇ: "باشقىلارغا خەير -ساخاۋەت قىلىش سىزنىڭ ئەۋزەل شارائىتتا ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۈستىن بىلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھۆرمەت نەزىرىگە سازاۋەر بولىسىز". ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "خوسۇسىي تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ مېنىڭ سىزگە بىر نەرسە تەقدىم قىلىشىم سىزنىڭ ماڭا  دۈشمەنلىك قىلىش ئىھتىماللىقىڭىزنى ئازايتىپ، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئىھتىماللىقىڭىزنى كۈچەيتىدۇ".

  ئىلگىركىلەر ئىخچام بىر نەسىھەتنى قالدۇرۇپ مۇنداق دېگەن: "سىزگە نەسىھەتكى، (ھەققىنى ئادا قىلماستىن) مال - دۇنيا  يىغماڭ". بۇ يەردە ئىلاھىي ئاگاھلاندۇرۇشنى ئېسىمىزگە ئالىمىز، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئالتۇن- كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: « بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن - كۈمۈشۈڭلار ( سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن- كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار » دېيىلىدۇ». [تەۋبە سۈرىسى34-35-ئايەتلەر ].

  شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ بىزنىڭ بەخت - سائادەتىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ، مال - مۈلكىمىزنىڭ زاكىتىنى بېرىشىمىزنى پەرز قىلدى. ياخشىلىق ۋە ئىلىم - مەرىپەت، دىن، مىللەت ۋەتەن تەرەققىياتى يوللىرىغا سەرپ قىلىنمايدىغان مال - مۈلۈك يىغىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى.

قېرىنداشلار! ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى، قۇرئان كەرىم قاتارلىقلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايەندە قىلىشنى نىشان قىلىدىغان تەتقىقات ئىشلىرىغا ئىقتىساد ئاجرىتىش بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى ئېھسانلاردىن ھېسابلىنىدۇ. قېنى بىز تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە نەزەر سالايلى:

  «ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر ». [ سەبەئ سۈرىسى 39-ئايەت ].

  « ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ». (سۈرە ھەدىد 7- ئايەت).

ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىسۇن.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top