أهمية اللغة الأم ودورها في كيان الأمة الإسلامية

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: أهمية اللغة الأم ودورها في كيان الأمة الإسلامية
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة ألقاها فضيلة الشيخ صالح بن عبد الله بن حميد 22/7/1429 هجري وبين حفظه الله في خطبته أهمية اللغة ودورها في تطوير عقول الشعب وتفكيرهم السليم، وبين محبة اللغة العربية في قلوب المسلمين؛ لأنها لغة القرآن، ويجب على المسلم أن يتقن لغته الأم ثم لغة أخرى إذا دعت الحاجة إليها؛ وبهذا تنهض الأمة الإسلامية وتلعب دورها الحقيقي بين الشعوب الأخرى.
تأريخ الإضافة: 2008-08-04
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/169383
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك
548.5 KB
فتح: ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك.doc
2.
ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك
160.5 KB
فتح: ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك.pdf
نبذة موسعة

 

ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك

 

 

22/ 7/ 1429ھ  2008-يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن يۈز مىڭلارچە جامائەتكە:

"ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك"  دېگەن مەزمۇندا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار. تەقۋادار بولۇڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

ئىسلام ئۈممىتى دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا يۈكسەك ئورۇن ۋە مەرتىۋىگە ئىگە ئۈممەت. تارىختىن بىرى ئىسلام دىنى دۇنيانىڭ بارلىق مەدەنىيەت ۋە ھەزارەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ئىنسانىيەتنى يۈكسەك مەدەنىيەتكە يېتەكلىگەن مۇقەددەس بىر مەدەنىيەتكە ئىگە دىندۇر.

يېقىنقى زامانلاردا ئۈممەت بېشىغا كېلىشمەسلىك، مۇسىيبەتلەر ئارقىمۇ ئارقا كېلىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىپ خىرىس قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئەپسۇسكى مۇقەددەس دىنىمىز ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلار ئەجنەبىيلەر بولغاندىن سىرت ئۆزىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدا ساناپ، مۇسۇلمانچە ئات قويۇپ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانلاردىندۇر.

ئىسلام ئۈممىتىنى بۇنداق بىر خار-زەبۇنلىققا ئېلىپ بېرىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسلىقى شۇكى، ئۈممەت ھازىرغا قەدەر ئۆزىگە بىر يۈكسىلىش، تەرەققىي قىلىش پىلان لايىھىسى تۈزگىنى يوق. ئىسلام ئۈممىتى ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا بىر تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش پىلانى تۈزۈپ ئۇمۇمىي بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تولىمۇ مۇھتاج. شۇنداق بولغاندا ئۈممەت ئۆزىنىڭ قەددىنى رۇسلاپ، دۇنيا مىللەتلىرى ئالدىدا ئىگىلىك تىكلىگەن بولاتتى. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى باشقا دىن ۋە مىللەتلەردە يوق ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى، تەپەككۇرى،مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئاساسى مۇستەھكەملىكتە تەڭداشسىز بىر ئۈممەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسلام ئۈممىتى بۈگۈنكى كۈندە بىر لىك، پۈتۈنلۈك ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىنتايىن مۇھتاج بىر ۋەزىيەتتە تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا مىللەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلايدىغان مۇھىم ئامىل-سەۋەبلەردىن، ئەقىدە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. تىل بولسا يەڭگىل ساناشقا بولمايدىغان بىرلىك ۋە كۈچ ئامىلىدۇر. مەدەنىيتىمىزنى ھىمايە قىلىشنىڭ ئامىللىرىدىن بىرى تىلدۇر. تىل ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا، گۈللەندۈرۈشتە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ.

تىل تەپەككۇرنىڭ قورالى بولۇپلا قالماستىن تەپەككۈر بارلىققا كىلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. تىل ئارقىلىق ئىنسان ئۆزى كەشپ قىلغان، ئىگەللىگەن ماھارەت،روھىيەتتىكى يۈكسەكلىك، ۋىجدانىي تەرەققىياتتا، ئۆز كىملىكىنى ئىسپاتلاشتا ئەمەلىي ھەسسە قوشىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. تىل ئەقىلنىڭ ئەينىكى، تەپەككۇرنىڭ مۇھىم ئاپراتىدۇر. مىللەتنىڭ تىلى بولسا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بايلاشتۇرىدىغان ئامىلدۇر. تىل دېگەن سۆزلەپ تۇرغۇچى تەپەككۇر، تەپەككۇر بولسا ئۈنسىز تىلدۇر.

شۇڭا دەيمىزكى، مىللەتنىڭ تەپەككۇرى، تىلى بىلەن بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ، تىل مىللەتنىڭ بايلىقىدۇر. تىل مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقا ئۇلايدىغان كۆۋرۈكتۇر.

كۆپ تىللىق دۆلەت ياكى ۋەتەن بولسا، مىللەتنى ئېغىر ئىدېئولوگىيە كرىزىسى ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇرلايدۇ. مۇستەملىكىچىلەر ئەزەلدىن مۇستەملىكە قىلغان مىللەتلەرنى ئانا تىلىدىن ئايرىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ كەلگەن. ياكى بولمىسا مۇستەملىكە مىللەتلەردە ئۆلگەن تىللارنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق تائىپىۋازلىق، يۇرتۋازلىق شۇئارلىرىنى قوزغاپ پارچىلاپ يوقۇتۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلدى.

يۇقىرىدا ئىنسانىيەت ھاياتىدا تىلنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالغان بولساق، ۋەھىينىڭ تىلى بولغان ئولۇغ تىل(ئەرەب تىلى) ۋە ئۇنىڭ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى قايتا قۇرۇش يولىدىكى ئورنى بولسا دۇنيادىكى جانلىق تىللار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ۋە قەدىمقى تىل ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە قۇرئان كەرىمنى ئۆز ھىمايىسىدە ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن تا قىيامەتكىچە ساقلىنىپ ئىستېمالدىن قالماي داۋاملىشىدىغان بىر تىلدۇر.

ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى، پاساھەت-بالاغىتىدە تەڭداشسىز بىر تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا تىلى بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ تىلدۇر. ئەھلى ئىسلام ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشكە ھەر زامان ۋە ماكاندا بەس-بەستە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەرەب تىلىغا بولغان بۇ دۇنياۋى ئىنتىلىش ئەرەب دۇنياسىنىڭ سىياسىي كۈچى، مەدەنىيەت سالماقلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئەقىدىسىگە بولغان ھېرىسمەنلىكى ھەمدە بۇ تىل قۇرئان كەرىم تىلى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇ ئاساستا بارلىق مۇسۇلمانلار  ئەرەب تىلىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى سۈپىتىدە ئۆگىنىدۇ. بەزىلەر بۇ ئولۇغ تىلنى بۇزۇپ يەرلىك شىۋىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا، بۇنداق تەشەببۇسلار بازار تاپالمايدۇ.

شۇ ھەقىقەت ھەربىر ئىنسان ئېڭىدا ئېنىق بولىشى كېرەككى، ھەربىر شەخس ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پۇختا ۋە پىششىق بىلىشى كېرەك. تىلنىڭ يوقىلىشى مىللەتنىڭ يوقىلىشى دېمەكتۇر. ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان مىللەت ھېچقاچان ئانا تىلىنى خارلىمايدۇ. باشقا تىللارنى ئانا تىلىدىن ئەۋزەل كۆرمەيدۇ. چەتئەل تىلىغا بەك قاتتىق بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئۆزى ئىنساندا مىللى كىملىك ئېڭىنى كېمەيتىدۇ. ئۆز تىلىدىن نومۇس قىلىش، چەتئەللىكلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشتىن پەخىرلىنىش ئىنساندىكى مىللى ۋە روھىي گادايلىقنىڭ دەلىلىدۇر. چەتئەل تىلى پەقەتلا ئىنسان ئۈچۈن ياردەمچى ئامىل بولۇشتىن باشقا رول ئوينىيالمايدۇ. چەتئەل تىلى ھېچقاچان ئانا تىل بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك. ئاناتىل ئورنىغا باشقىلارنىڭ تىلىنى دەسسىتىشنى خالىغانلار تەرەققىي قىلماستىن زىيان تارتىدۇ ۋە مىللەتنىڭ مۇنقەرز بولىشىغا ئۇل ھازىرلىغان بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەر بىر كۈنى تارىخنىڭ جاۋاپكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قوللىنىپ كەلگەن پىلانى مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تامامەن يوق قىلىش، ئەگەردە پۈتۈنلەي يوقىتىشقا كۆزى يەتمىسە مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىقتىسات ساھەلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. بەزى دۆلەتلەر مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يوقىتىش بىلەن كۇپايىلەنمەستىن دىنى، مەدەنىيتىگىمۇ خىرىس قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.

تىلىدىن ئايرىلغان مىللەتلەر، تەپەككۇرى، ئارزۇ-ئارمانلىرىدا غېرىبلىق ھېس قىلىش بىلەن بىرگە ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرىنىڭ ئارىسىنى ئۈزۈپ قويدى. نەتىجىدە مەۋجۇدىيتىدە ھەقىقىي غېرىبلىق ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى.

قارايدىغان بولساق، مائارىپ ساھەسىدە ئاناتىلىنى تاشلاپ ئەجنەبى تىلنى قوللانغان مىللەت مەغلۇبىيەت، ئاجىزلىق ۋە چېكىنىشتىن باشقىغا ئېرىشەلمىدى. ئانا تىلىنى تاشلاپ باشقا تىللار ئارقىلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىشنى خالىغانلار ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پەۋقۇلئاددە چېكىنىشكە دۇچ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. ئانا تىلىنى تاشلاپ باشقا تىللارنى قوبۇل قىلغانلارنى:

"بىلىمسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆز ئەينەك تاقىۋالسا كۇپايە قىلىدىغاندەك"

"ئالىم بولۇش ئۈچۈن سەللە كىيىۋالسا كۇپايە قىلىدىغاندەك"

ھېسسىياتتا بولغانلارغا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئانا تىلى ئارقىلىق دۇنيا مىللەتلىرى ئالدىدا ئەڭ زامانىۋى تېخنىكا ۋە تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن دۆلەتلەرنى كۆرۈش ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك. بىلىش كېرەككى، مىللەتلەر ئاناتىلىنى پۇختا ئۈگۈنۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلالايدۇ. بۇنىڭدا شەرقتىكى ۋە جەنۇبى ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى مىسالى يېتەرلىك بولسا كېرەك.

(شەرقتە: ياپونىيە، مالايشىيا،كورىيە. جەنۇبى ئاسىيادا:پاكىستان، ھىندىستان، بىنگال)

خۇلاسە قىلىپ ئېيتىمىزكى، تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيتىنىڭ دەلىلىدۇر. ئانا تىلىدىن نومۇس قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە مىللىتى، ۋەتىنىدىن نومۇس قىلىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئەجنەبىيلەرنىڭ ھەممە نەرسىسى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. شۇلارنى ئۇلۇغلايدۇ. ئۆزىنى ئۇلاردىن تۆۋەن، خار، ئاجىز سانايدۇ. ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگەنمىگەن، ئېتىبار بەرمىگەن كىشى ياكى مىللەت باشقىلارنىڭ خىزمەتچىسى بولۇشقا ئەرزىيدۇ، باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرالمايدۇ. تەرەققىياتنىڭ شەرتى باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئەمەس. بەلكى بارلىق تېخنىكىلارنى ئاناتىلىغا ئۆزگەرتىشتە. بارلىق زامانىۋى بىلىم، تېخنىكىلارنى ئاناتىلغا ئۆزگەرتكەندە كەشپىياتچى، ئىجادىيەتچى ئەۋلادلار كۆپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ. دېمەك؛ ئاناتىلنى قوغداش ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىش، مىللەتنى قوغدىغانلىق ۋە ئۇنى ھىمايە قىلغانلىق، ئۆز ئانا ۋەتىنىگە ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئىنسانىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.


 

Go to the Top