ঈমানী দূর্বলতার কারণসমূহ

ফতোয়া পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: ঈমানী দূর্বলতার কারণসমূহ
ভাষা: উইগুর
মুফতী: মুহাম্মাদ ইবন সালেহ আল-উসাইমীন
অনুবাদক: মুহাম্মদ ইউসূফ
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.islamqa.info
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: অনেক সময় আমি আমার ঈমানের দূর্বলতা অনুভব করি। আমি বুঝতে পারি এটা শয়তানের চক্রান্ত। আমাকে এমন কিছু কাহিনী শুনাবেন কি যা দ্বারা আমার ঈমান মজবুত হয়?
সংযোজন তারিখ: 2008-07-17
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/165661
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى
131.6 KB
: ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى.pdf
2.
ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى
1.1 MB
: ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى.doc
বিস্তারিত বিবরণ

 

ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى 

 

20059 نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

مەن گاھىدا ئىمانىمنىڭ ئاجىزلاپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىمەن. ئۇنىڭ شەيتاندىن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ماڭا بۇ توغرىدا تەۋسىيە بېرىلسە؟

جاۋاب:

ئىنسانغا بەزىدە غەپلەت يېتىدۇ ۋە ئىمانى ئاجىزلىشىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ چارىسى ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىش، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، قۇرئان ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش. چۈنكى ئۇ قەلبنى غەپلەتتىن ئويغىتىدۇ.

ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى:

1. ئاللاھنىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىنى بىلمەسلىك ئىماننىڭ كەم بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئاللاھنى ، ئۇنىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىنى تونۇشتىكى يېتەرسىزلىكى ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ كەم بولىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.

2. ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ئالامەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈش. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىماننىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

3. گۇناھ - مەسىيەت ئىشلەش. چۈنكى مەسىيەتنىڭ قەلبكە ۋە ئىمانغا ناھايىتى چوڭ سەلبىي تەسىرى بار. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « زىنا قىلغان ئادەم مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ» دېگەن.

4. تائەت - ئىبادەتنى تەرك ئېتىش. چۈنكى تائەتنى تەرك ئېتىش ئىماننى كېمەيتىدۇ. لېكىن پەرز بولغان ئىبادەتنى ئۆزۈرسىز تەرك ئېتىش ئىماننىڭ كېمىيىشىگە سەۋەب بولغاننىڭ ئۈستىگە ئىگىسىنى جازاغا لايىق قىلىدۇ. ئەمما تەرك قىلغان ئىبادەت پەرز ئىبادەتلەردىن بولمىسا، ئۇ جازاغا لايىق قىلمىسىمۇ، ئىماننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. (مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋاسى).

سورىغۇچى قېرىندىشىمغا ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىش، قۇرئاننى ھۇزۇر قەلب بىلەن ئىخلاس قىلىپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. « بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ»(سۈرە ئىسرا 82 ئايەت).

شۇنىڭدەك، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنىمۇ كۆپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.« كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇ قىسسىلەر ھەقىقەتنى، مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت،ئىبرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان» (ھۇد سۈرىسى 120- ئايەت).

 ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر

Go to the Top