มุสลิมะฮฺต้องการแต่งงานกับชายต่างศาสนิก ?

ฟัตวา การ์ดของข้อมูล
หัวข้อ: มุสลิมะฮฺต้องการแต่งงานกับชายต่างศาสนิก ?
ภาษา: อุยกูร์
มุฟตี: มุหัมมัด ศอลิหฺ อัล-มุนัจญิด
ผู้แปล: มุหัมมัด ยูซุฟ
ผู้ตรวจทาน: น.ตัมกีนีย์
เผยแพร่โดย: ถาม-ตอบอิสลาม islam-qa.com
คำอธิบายโดยย่อ: มุสลิมะฮฺต้องการแต่งงานกับชายต่างศาสนิก ?
วันที่เพิ่ม: 2008-07-09
ลิงก์แบบย่อ: http://IslamHouse.com/161223
:: หัวข้อนี้ถูกจัดอยู่ในหมวดหมู่ต่อไปนี้ ::
คำแปลของการ์ดข้อมูลในภาษาต่างๆ: อุยกูร์ - อาหรับ - เบ็งกอล
ไฟล์แนบพร้อมข้อมูล ( 2 )
1.
مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
173.6 KB
: مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ.pdf
2.
مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
485.5 KB
: مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ.doc
คำอธิบายโดยละเอียด

 

مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ

 

12914 نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

بىر قانچە قېتىم ياتلىق بولۇپ ئاجراشقان ئامېرىكىلىق بىر  مۇسۇلمان قىز ، مۇسۇلمان ئەمەس، بىراق ئاللاھقا ئىشىنىدىغان (ئەھلى كىتاپ) بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ. مەن ئۇنى قانداق قىلىپ توسۇپ قالسام بولىدۇ؟ ئۇ دەيدۇكى: مۇنداق قىلىش ئەرلەرگە جائىز بولغان يەردە نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا جائىز ئەمەسكەن؟

جاۋاب:

 مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇشرىك ئەرگە ياتلىق بولىشى، مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇشرىك ئايالغا ئۆيلىنىشى جائىز ئەمەس. پەقەت خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، پاك ئاياللارنى ئېلىش جائىزدۇر.  بۇ قۇرئاننىڭ ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن سابىت بولۇپ، پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتى ئىتتىپاققا كەلگەن بىر مەسىلە.

ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بۇ كەمتۈك ئەقلىمىز بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشىمىز توغرا ئەمەس. ئاللاھ قۇرئاندا:« ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بېرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا مۆمىنلەرنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئايال ئاللاھتىن قورقىشى لازىم. ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھ چىقىش يولى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەھلى كىتاب بولسىمۇ كاپىر بېرىگە ياتلىق بولىشى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى بۇنداق نىكاھ باغلانمايدۇ ۋە باتىلدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن ۋە ھەقىقەت بىلەن ماڭغىلى نىسىپ قىلسۇن.

 

เรื่องที่เกี่ยวข้อง ( 1 )
Go to the Top