สามีสมสู่กับภรรยาแล้วจับได้ว่าภรรยาของเขาไม่ใช่สาวบริสุทธิ์ทั้ง ๆ ที่นางไม่ได้ทำผิดประ

ฟัตวา การ์ดของข้อมูล
หัวข้อ: สามีสมสู่กับภรรยาแล้วจับได้ว่าภรรยาของเขาไม่ใช่สาวบริสุทธิ์ทั้ง ๆ ที่นางไม่ได้ทำผิดประ
ภาษา: อุยกูร์
มุฟตี: มุหัมมัด ศอลิหฺ อัล-มุนัจญิด
ผู้แปล: มุหัมมัด ยูซุฟ
ผู้ตรวจทาน: น.ตัมกีนีย์
เผยแพร่โดย: ถาม-ตอบอิสลาม islam-qa.com
คำอธิบายโดยย่อ: สามีสมสู่กับภรรยาแล้วจับได้ว่าภรรยาของเขาไม่ใช่สาวบริสุทธิ์ทั้ง ๆ ที่นางไม่ได้ทำผิดประเวณี
วันที่เพิ่ม: 2008-07-07
ลิงก์แบบย่อ: http://IslamHouse.com/159942
:: หัวข้อนี้ถูกจัดอยู่ในหมวดหมู่ต่อไปนี้ ::
คำแปลของการ์ดข้อมูลในภาษาต่างๆ: อุยกูร์ - อาหรับ - เบ็งกอล
ไฟล์แนบพร้อมข้อมูล ( 2 )
1.
پاھىشە قىلمىغان تۇرۇپ توي كېچىسى قىز چىقمىدى
1.1 MB
: پاھىشە قىلمىغان تۇرۇپ توي كېچىسى قىز چىقمىدى.doc
2.
پاھىشە قىلمىغان تۇرۇپ توي كېچىسى قىز چىقمىدى
171 KB
: پاھىشە قىلمىغان تۇرۇپ توي كېچىسى قىز چىقمىدى.pdf
คำอธิบายโดยละเอียด

 

 

 

پاھىشە قىلمىغان تۇرۇپ توي كېچىسى قىز چىقمىدى


40278-نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

مەن مۇسۇلمان بىر ئايالمەن. پۈتۈن ئىشلىرىمدا ئاللاھتىن قورقىمەن. خۇددى ئۆزۈمدەك ئېسىل بىر ئەرگە ياتلىق بولغانتىم. مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئىدى. مۇھەببەت، بىر - بىرىمىزنى ھۆرمەتلەش، ئىناقلىق، ئائىلىمىزنى سۆيۈش ھەممىسى تولۇق ئىدى. لېكىن ئەپسۇسكى، شامال كېمە خالىمىغان تەرەپتىن چىقىپ قالدى. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ قىز ئەمەسلىكىمنى بايقاپ قالدۇق. لېكىن مەن زىنا قىلغان ئەمەسمەن. مۇشۇ ئېرىمدىن باشقا ھېچكىم مېنىڭ قولۇمنىڭ ئۈچىنى تۇتۇپ باققان ئەمەس.

جاۋاب:

 ئېرىڭىز دىيانەتلىك ۋە ئەقىللىق كىشى بولۇپ، سىزگە  راستىنلا ئىشەنسە، ئۇنىڭ سىزنىڭ سۆزىڭىزگە ئىشنىشى كېرەك. چۈنكى قىزلىقنىڭ يوقىلىشى جىنسىي ئالاقە بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن بولىدۇ. قىزلىقى يوقالغان قىزنىڭ ھەممىسىنى زىنا قىلدى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ سىلەرنىڭ بىرلىكتە سىزنىڭ قىز ئەمەسلىكىڭىزنى كەشپ قىلغىنىڭلارغا ئاساسەن شۇنداق. ئەمما بەزىدە ئاراڭلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكەن بولسىمۇ قىزلىق پەردىسى يىرتىلمايدىغان، قان چىقمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.  بۇ قىزلىق پەردىسىنىڭ ھەممە ئايالدا ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبتىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ پەردىسى رېزىنكىدەك سوزۇلىدىغان قاتتىق كېلىدۇ. مۇنداق پەردىلەر جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش بىلەن يىرتىلمايدۇ. ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىشكە توغرا كېلىدۇ. دوختۇرلارغا بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىقتۇر.

قىزلىق پەردىسى پەقەتلا ماددىي بىر ئالامەت بولۇپ،  ئۇنىڭ بىلەن ئايال كىشىنى قىز ياكى يولدىن چىققان دەپ باھالىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەھكىمىلەردە ئاياللارنى قىزلىق پەردىسى يىرتىق چىققانلىقى سەۋەبلىك ئېيىبلىمايدۇ.  چۈنكى ئۇ نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن يىرتىلىپ كېتىدۇ.

ئۇنداقتا قىزلىق پەردىسىنىڭ يىرتىلمىغانلىقى ئۇ ئايالنىڭ قىز  ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئەكسىگە دەلىل بولالمايدۇ. سىلەرنىڭ دوختۇرغا بېرىپ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئېرىڭىز ئالدىراپ ھۆكۈم بەرمەستىن، ئويلاپ قارار بېرىشى لازىم. بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ ئەڭ خوشال بولىدىغان ئىشى ئەر - خوتۇننىڭ ئارىسىنى ئايرىشتۇر. شەيتاننىڭ بۇ ھىيلىسىگە ئالدانماسلىق ۋە شەيتانغا ئايرىش پۇرسىتىنى بەرمەسلىك لازىم. بىر ھەدىستە مۇنداق دەپ كەلگەن:« شەيتانلارنىڭ ئاتىسى ئىبلىس ئورۇندۇقىنى سۇ ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ ھەمىشە شەيتانلىرىنى يامان ئىشلارغا بۇيرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنى قىلىپ كەلدىم بۇنى قىلىپ كەلدىم دەپ قايتقىنىدا، ئۇلارنى ھېچ ئىش قىلمىدىڭلار دەيدۇ. بىراۋ مەن بۈگۈن پالانى ئەر - خوتۇننى ئاجراشتۇرىۋېتىپ كەلدىم دېسە، ھە، ئەڭ ياخشىسىنى قىلىپسەن دەپ ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ» (مۇسلىم رىۋايىتى). سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز كامىل بولىدىكەن ئىزىڭىزنىڭ شەكلەنمەسلىىكى لازىم.

 

Go to the Top