نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى
تەرجىمە قىلغۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئىمام نامازنى تۇگەتكەندىن كىيىن دۇئا ۋە ئىستىغپار (سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر) زىكىرلىرىنى يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە دېيىشى جائىزمۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-07-04
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/156626
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش
1.1 MB
: نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش.doc
2.
نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش
125.9 KB
: نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى

 

32443- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئىمام نامازنى تۇگەتكەندىن كىيىن دۇئا ۋە ئىستىغپار (سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر) زىكىرلىرىنى يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە دېيىشى جائىزمۇ؟

جاۋاپ:

ئاللاھغا چەكسىز ھەمدۇ- سانالار بولسۇن.

دۇئا ۋە زىكىرلارنى بەش ۋاخ نامازدىن كىيىن  ئىمامنىڭ يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە  ھەر كۈنى ۋە داۋاملىق ئادەتكە ئايلاندۇرىۋىلىشى بىدئەت (دىندا ئەسلى يوق) بولۇپ؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ۋەياكى ساھابىلارنىڭ نامازدىن كىيىن ھەر ۋاقىت ئۆپچى دۇئا قىلغانلىقى ساغلام ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنىڭ ھېچ قايسىسىدا قەيت قىلىنغان ئەمەس.

سەئۇدى ئەرەبىستان  ئېلمىي تەتقىقات دىنى پەتىۋا كۈمتىتى

( بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنى نامازنىڭ جۇملىسىدىن دەپ قارايمىز، بىراق دىنى مەسىلىلەردە بولسا  داۋاملىق  توغرىنى ئىزدىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قوبۇل بولىشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرتلەر:

بىرىنچى:ئىبادەتنى بىر ئاللاھقا چىن ئىخلاس بىلەن قىلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى:ئەمەللىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئۈيغۈن بولىشى لازىم.

 يۇقىرىدىكى ئىككى شەرت تولۇقلانغاندىلا، ئاللاھنىڭ ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمۈت كۈتۈش مۇمكىن.بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىزدىكى  نامازدىن كىيىن ئىككى قېتىملاپ جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش ئىمامنىڭ  ئاۋازىنى كۆتۇرۇپ سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ  زىكىر قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر سۈننەتتە بايان قىلىنمىغان ئىكەن، ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭدىن چەكلىنىشىمىز كېرەك. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىبادەتتىكى ئۆلچەم ،باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى كۆرۇپ ئەمەس، بەلكى كېم بولۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۈيغۈنمۇ، ياكى ئۇيغۈن ئەمەسمۇ بۇنى ئۆلچەم قىلىشىمىز كىرەك. قۇرئان سۈننەتكە ئۈيغۈن بولسا ئەلبەتتە ئەگىشىشىمىز لازىم ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشىمىز ۋە توغرىنى ئىزدىشىمىز زۆرۈر.

ئۇنداق دىگەنلىك سىزنى ئاللاھقا دۇئا قىلماڭ  ۋەياكى زىكىر قىلماڭ دىگەنلىك ئەمەس ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا  دۇئا قىلسۇن ۋە رەببىنى زىكىر قىلسۇن،چۈنكى ھەر كېم  ئۆز ھاجىتىنى باشقىلاردىن بەكراق بىلگۇچىدۇر.ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلىسۇن - ت- م).

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 3 )
Go to the Top