ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئىنسان ئىشلاردا مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟بۇ توغرىدا تەپسىلى چۇشەنچە بىرىلگەن بولسا.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-06-30
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/156242
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟
1 MB
: ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟.doc
2.
ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟
99.2 KB
: ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟

 

34898 -نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئىنسان ئىشلاردا مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟

جاۋاب:

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين بۇ ھەقتە سورالغان ۋە مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: سورىغۇچى ئۆزىدىن سورىسۇنكى: ئۇ ئالماقچى بولغان ماشىنىنىڭ تۈرىنى ئۆزى تاللامدۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى ئۆزىدىن سورىسا ئۇنىڭغا بۇ سوئالنىڭ جاۋابى روشەنلىشىدۇ.

ئاندىن يەنە سورىسۇنكى، ئۇنىڭغا بىرەر خاپىلىق يەتسە، ئۇنىڭ ئىختىيارى بىلەن يېتەمدۇ؟

ئۇ ئۆزى ئىختىيار قىلىپ كىسەل بولامدۇ؟

ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆلەمدۇ؟

يۇقىرىدىكىدەك سوئاللارنى ئۆزىدىن سوراپ پىكىر قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپالايدۇ.

جاۋاب شۇكى، ئەقلى جايىدا ئىنسان ئۆزى قىلغان ئىشىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئاڭلاڭ: « خالىغان كىشى رەببى تەرەپكە يول ئالسۇن» .« سىلەردىن دۇنيانى خالايدىغانلار ۋە سىلەردىن ئاخىرەتنى خالايدىغانلار بار».

لېكىن بەندە بىر ئىشنى قىلىشنى خالاپ شۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا بىلىمىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇ ئىشنى قىلىشنى ئىرادە قىلغان. خۇددى قۇرئان كەرىمدە دېيىلگىنىدەك:« سىلەردىن خالىغان كىشى توغرا يولدا ماڭىدۇ»، ئاللاھ خالىمىغىچە سىلەر خالىيالمايسىلەر» ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچقانداق ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىسىز يۈز بەرمەيدۇ.

ئىنسانغا ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز يۈز بېرىدىغان ئىشلاردا بەندىنىڭ تاللىشى ۋە ئىختىيار قىلىشى يوقتۇر. مەسىلەن: كېسەللىك، ئۆلۈم ۋە بەزى ھادىسىلەرگە ئوخشاش.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top