দাওয়াতে নিয়োজিত অনুভব করে নেফাক ও ঈমানের দূর্বলতা

ফতোয়া পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: দাওয়াতে নিয়োজিত অনুভব করে নেফাক ও ঈমানের দূর্বলতা
ভাষা: উইগুর
মুফতী: মুহাম্মাদ সালেহ আল-মুনাজ্জিদ
অনুবাদক: মুহাম্মদ ইউসূফ
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.islamqa.info
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: আমি নামাজ বা কোন ইবাদত পরিত্যাগ করি না। কিন্তু এগুলো আমাকে উপকার করে না, আমার মধ্যে কোন প্রভাব ফেলে না। যখন আপনি আমার সাথে সাক্ষাত করবেন মনে করবেন আমি একজন একনিষ্ঠ ইসলাম অনুসারী, কারণ আমি রোযা রাখি, মসজিদে যাই। কিন্তু বাস্তবে আমি মুনাফেক। কেহ জানে না। আমি এ অবস্থায় স্থায়ী থাকতে পারি না।
সংযোজন তারিখ: 2008-06-23
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/154358
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী - থাই
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ئەمما ئۆزىدە مۇناپىقلىقنى ۋە ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ
1 MB
: دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ئەمما ئۆزىدە مۇناپىقلىقنى ۋە ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ.doc
2.
دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ئەمما ئۆزىدە مۇناپىقلىقنى ۋە ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ
175 KB
: دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ئەمما ئۆزىدە مۇناپىقلىقنى ۋە ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ.pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ئەمما ئۆزىدە مۇناپىقلىقنى ۋە ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ

 

3759 - نومۇرلۇق سۇئال

 

سوئال:

 مەن غەربتە ياشايمەن، مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدىم. يىگىتلىك چېغىمدىن باشلاپ ئىسلامىي دەۋەت يولىدا ئاكتىپ  بولۇپ كېلىۋاتىمەن. ھەتتا بەزى چاغلاردا غەپلەتتە تۇرىۋاتقانلارغا ھەيران بولۇپ، «بۇلار ناماز  ئوقۇماي قانداق ئۇخلايدىغاندۇ»دەيتتىم. يېشىم چوڭايغانسېرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتىم. ئاللاھقا بولغان ئىمانىمغا شەك ئارىلىشىپ كەتتى. ئۆزۈمنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇناپىق دەپ سانايمەن. مەن ئاياللاردىن يىراق تۇرىمەن. ئەمما يالىڭاچ رەسىملەرنى كۆرۈشتىن ھايا قىلمايمەن. ئۆزۈمنى بۇئىشتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىمەنۇ لېكىن كېچىكىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. ئاخىرىدا بۇ ئىشنىڭ ئېزىپ كېتىشىمنىڭ سەۋەبىلىردىن بىر سەۋەب، ئەمما ئەسلى ئىمانىم بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلىمەن. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى ساراڭدەك ھېس قىلىمەن، ئۆزۈمدە ئاللاھ توغرۇلۇق خاتا پىكىر بارلىقىنى ھېس قىلىمەن. مەن نەدىن كەلدىم؟ گوياكى مەن ئىمان بىلەن ئىمانسىزلىق ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدىمەن.

ناماز بىلەن باشقا ئىبادەتلەرنى تاشلىماي ئادا قىلىپ تۇرغىنىم بىلەن بۇ ئىبادەتلەر ماڭا پايدا بەرمىگەندەك قىلىدۇ. سىز مېنى كۆرگىنىڭىزدە، شەكىل، گەپ - سۆز ۋە مەسجىدلەرگە بېرىشتا  دىنىغا مەھكەم بىرى دەپ ئويلايسىز. لېكىن مەن ھەقىقىي مۇناپىقمەن. بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ ھالەتكە داۋام قىلىشنى خالىمايمەن. سىزنىڭ« ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى»ناملىق ئەسىرىڭىزنى ئوقۇدۇم. بۇ كىتاب ماڭا قارىتىپ يېزىلغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ بۇ مۇشكىلەمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس جاۋاب ئىزدەيمەن.

جاۋاب:

1-ئى مۇسۇلمان بۇرادىرىم! بەندىنىڭ ئىشىنىڭ تۇتقىسى ئۇنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ -دىنىنى ساقلىغان بولسا ئۇنىڭ دۇنيادىن قولدىن بەرگەنلىرىنىڭ ئىمانىغا زىيىنى يوق. ئاللاھ تائالا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىگىسى ۋە قەلبلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر. ئۇ ئۆزى يالغۇزلا قەلبلەرنى سابىت قىلىدۇ ۋە ۋە ئىمانغا باغلايدۇ. شۇڭا سىزگە نەسىھەت قىلىمەنكى، سىز ئاللاھقا يۈزلىنىپ ئۇنىڭغا راستچىل بولۇڭ. چۈنكى ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان زاتتۇر. ئۇ بەندىلىرىگە بەكمۇ كۈيۈمچان. قاچانىكى سىز ئۇنىڭغا چىن قەلب بىلەن يېقىنلىشىپ، ئىمانىڭىزنى مۇستەھكەم قىلىشىنى شەيتاندىن ساقلىشىنى تىلىسىڭىز، ئۇ بەندىگە ھەممىدىن بەك يېقىندۇر. ئۇ دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر. سىز بۇ چارىنى ئۇنۇتماڭكى، پۈتۈن قىيىنچىلىقلاردىن چىقىش يولى ۋە پۈتۈن مۇشكىللەرنىڭ ھەل قىلىش يولى بۇنىڭدىدۇر. شۇنداقلا قۇرئاننى كۆپ ئوقۇشنى ۋە ئەتە - ئاخشاملىرى دۇئانى كۆپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭ قەلبنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن چوڭ پايدىسى بار.

2- ئى بۇرادىرىم! سىزنى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرۇشقا، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە يېقىن قىلىدىغان سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ. سوئالىڭىزدا ئېيتقان، يالىڭاچ رەسىملەرگە قاراشمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى كىشى گۇناھ-مەسىيەتكە داۋام قىلغانسېرى ئۇ قەلبنى قارايتىدۇ، ھەتتا ھېچ نەرسە تەسىر قىلمايدىغان، نەسىھەت پايدا بەرمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. سىز  بۇ قىلمىشىڭىز ۋە باشقا گۇناھلىرىڭىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭ ھەمدە تەۋبىنىڭ شەرتلىرىنى تولۇقلاڭ. شۇنداقلا يامان دوستلاردىن يىراق تۇرۇشنى، شۈبھىلىك ئىشلاردىن، نەپسىي ھەۋەسلەرگە بېرىلىشتىن ئۇزاق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىز ئۆزىڭىزگە ياخشى دوستلارنى ئىزدەڭ. چۈنكى ئىنسانلار بىرگە يۈرگەن كىشىلىرى بىلەن باھالىنىدۇ.

3- سوئالىڭىزغا قارىغاندا سىز  ئىقتىسادى ياكى ئىجتىمائى ياكى باشقا مۇئەييەن بىر پىسخىكى مۇشكىلىدىن شىكايەت قىلىپسىز. ئەگەر شۇنداق بولسا سىزنى دەرھال بۇ مۇشكىلىڭىزنى ھەل قىلىشقا بۇيرۇيمەن. بەلكى شۇنداق قىلىش سىزنىڭ مۇشكىلىڭىزنى ھەل قىلغۇچى بولۇپ قالغۇسى. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىزگە ياردەم قىلىمىز.

4- سىزنىڭ بۇ مۇشكىلىڭىز مەلۇم بىر ئىش سەۋەبلىك سىزدە پەيدا بولغان بىئاراملىق بولۇشى مۇمكىن. سىزمۇ بىلىسىز، ئاللاھ قانداقلا بىر ئاغرىقنى چۈشۈرگەن بولسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ دورىسىنىمۇ چۈشۈرگەن. پىسخولوگىيە دوختۇرلاردا بەزى پايدىلىق دورىلار بار ئۇنىڭ بىلەنمۇ شىپا تېپىشىڭىز مۇمكىن.

 

Go to the Top