স্বামী-স্ত্রী কেহ একজন অপরের অনুমতি ব্যতীত গর্ভরোধ করতে পারে না।

ফতোয়া পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: স্বামী-স্ত্রী কেহ একজন অপরের অনুমতি ব্যতীত গর্ভরোধ করতে পারে না।
ভাষা: উইগুর
মুফতী: মুহাম্মাদ সালেহ আল-মুনাজ্জিদ
অনুবাদক: মুহাম্মদ ইউসূফ
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.islamqa.info
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: একজন মহিলা ডাক্তারের কাছে এসে বলল, আমাকে এমন গভরোধ করার ঔষধ দিন। কিন্তু সে তার স্বামীর অনুমতি নেয়নি। তার কথা হল স্বামী অপর স্ত্রীর সন্তান আছে যে বিশ্ব বিদ্যালয়ে পড়াশুনা করে। এ অবস্থায় ডাক্তারের জন্য জায়েয কি তাকে গর্ভনিরোধক ঔষধ দিবে?
সংযোজন তারিখ: 2008-06-08
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/151655
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী - থাই
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا
479.5 KB
: ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا.doc
2.
ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن ...
141.6 KB
: ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن ....pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

 

ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا

 

 

45177- نومۇرلۇق سوئال

 

سؤال:

ئاياللار كېسىلى دوختۇرىغا بىر ئايال كېلىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇتنى چەكلەش دورىسى يېزىپ بېرىشىنى سورايدۇ. ئايال ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ئاقلاشتا ئېرىنىڭ يەنە بىر خوتۇنىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن بالىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ تېخىچە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇر ئۇنىڭغا تۇغۇتنى چەكلەش دورىسى يېزىپ بەرسە بولامدۇ؟

 

جاۋاب:

ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن تۇغۇت چەكلەش دورىسىنى قوللىنىشى ھارامدۇر. جۈنكى بالا ئەر بىلەن ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ ھەققىدۇر. شۇڭا ئۆلىمالار ئەرنىڭ ئايالىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن ئەزلە قىلىش( بالا بولمىسۇن ئۈچۈن سپېرمنى سىرتقا تۆكۈش) جائىز ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەگەر  ئەر - ئايال ئىككىسى تۇغۇتنى ھامىلىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېلىشكەن بولسا جائىزدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ساھابىلارنىڭ ئەزلە قىلغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ساھابىلار « بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئەزلە قىلاتتۇق. ھالبۇكى، قۇرئان ئۇنىڭغا چۈشۈپ تۇراتتى.» يەنى ئەگەر مۇنداق قىلىش توغرا بولمىسا ئىدى، قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن مەنئى قىلغان بولاتتى. لېكىن ئۆزرۈسىز تۇرۇپ ھامىلىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ نەسىللىنىشكە تەشەببۇس قىلغان ئەمرىگە خىلاپتۇر. ئەسلىدە مۇنداق دورىلارنى پەيدا قىلغانلار يەھۇدىيلار ۋە باشقا ئىسلام دۈشمەنلىرىدۇر. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  چۈنكى سان ئازايغانسېرى ئىشلەپچىقىرىشمۇ ئازىيىدۇ.  سان كۆپەيسە ئىشلەپچىقىرىشمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ زىرائەتچىلىك، سانائەت ۋە تىجارەت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئايالنىڭ تېنى ساق، نورمال تۇغالايدىغان بولسا، ئۇنى تۇغۇشتىن مەنئى قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما كېسەلچان ياكى نورمال تۇغالماستىن ئاپىراتسىيە قىلىشقا مۇھتاجلىق بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھامىلىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى جائىز. چۈنكى بۇ ئۆزۈرۈردۇر. (شەيخ ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋاسى 2- توم556- بەت).

ئايال بۇ دورىنى  ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھالدا ئالغان بولساھارام ، ئۇنىڭ ئېلىشىغا ياردەملىشىشمۇ ھارامدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا:« ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ، دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار»(مائىدە سۈرىسى 2- ئايەت)

 

Go to the Top