مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئۆلگەنلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خوشاللىقى، غەمكىنلىكى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولامدۇ ؟ مۇسۇلماننىڭ روھى دۇنيادىكى ئىشلارنى بىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كېلەمدۇ؟ ئۆلگەن كىشىنىڭ روھى 40 كۈنگىچە جان ئۆزگەن جايغا كېلىدۇ دەيدىغان سۆزلەر بار بۇ راستمۇ؟ھاياتلار ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى ھىس قىلىمىزمۇ؟ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلەرچۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-05-23
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/144638
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە - بېنگالچە - تايلاندچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ
1.1 MB
: مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ.doc
2.
مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ
123 KB
: مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ

 

13183 نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

ئۆلگەنلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خوشاللىقى، غەمكىنلىكى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولامدۇ ؟ مۇسۇلماننىڭ روھى دۇنيادىكى ئىشلارنى بىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كېلەمدۇ؟ ئۆلگەن كىشىنىڭ روھى 40 كۈنگىچە جان ئۆزگەن جايغا كېلىدۇ دەيدىغان سۆزلەر بار بۇ راستمۇ؟ھاياتلار ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى ھىس قىلىمىزمۇ؟ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلەرچۇ؟

جاۋاب:

 ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان  ۋە باشقا بىر دۇنياغا يۆتكەلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ ۋە ھېچنەرسىنى تۇيمايدۇ.  مېيتنىڭ روھى 40 كۈنگىچە ئۆلگەن جايغا كېلىدۇ، دېگەن سۆزلەر خۇراپاتتۇر. ئۇنىڭ ئاساسىي يوق. مېيتمۇ تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچ نەرسە بىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلغان. لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ھەمىشە ۋە ھەممە كىشىگە شۇنداق ئەمەس. ئۆلۈكلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىدۇ دەيدىغان سۆزلەر بار. بۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ.  ئەمما چۈشلەردىن بەزىسى ھەق بولۇپ، بەزىسى شەيتاننىڭ ئويۇنىدۇر. بەزى تىرىكلەر ياخشى چۈشلەر ئارقىلىق مېيتنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيدۇ. لېكىن بۇمۇ چۈش كۆرگۈچىنىڭ ۋاستچىللىقىغا ، چۈشنى راست كۆرگەنلىكىگە ۋە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سالاھىيىتىگە باغلىق. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا جەزم قىلىشقا بولمايدۇ. بەزى تىرىكلەر ئۆلۈك تۇغقىنىنى چۈشىدە كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ، ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق بولسا راستلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان بەزى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇخىلدىكى ئىشلار يۈز بەرگەن. بۇلاردىن ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق كەلگىنى، راستلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغىنى ۋە يالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغىنى بولۇپ يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈكتىن ئېبارەتتۇر.

 

Go to the Top