بەدەننىڭ روھ بىلەن بولغان ئالاقىسى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: بەدەننىڭ روھ بىلەن بولغان ئالاقىسى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئىسلامدا روھنىڭ بەدەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قانداق تەپسىرلەيدۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-05-23
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/144636
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە - بېنگالچە - تايلاندچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
بەدەننىڭ روھ بىلەن بولغان ئالاقىسى
1.1 MB
: بەدەننىڭ روھ بىلەن بولغان ئالاقىسى.doc
2.
بەدەننىڭ روھ بىلەن بولغان ئالاقىسى
123.8 KB
: بەدەننىڭ روھ بىلەن بولغان ئالاقىسى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

بەدەننىڭ روھ بىلەن بولغان ئالاقىسى

 

نومۇرلۇق سوئال6090 سوئال:

ئىسلامدا روھنىڭ بەدەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەپسىرلەمدۇ؟

جاۋاب:

بۇ ھەقتە ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: روھنىڭ بەدەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەش تۈرلۈك بولىدۇ:

1. روھنىڭ بەدەن بىلەن ئانا قورسىقىدىكى ۋاقتىدىكى ئالاقىسى.

2. روھنىڭ بەدەن بىلەن زېمىنگە چىققان ۋاقىتتىكى ئالاقىسى.

3. روھنىڭ بەدەن بىلەن ئۇيقۇ ھالىتىدىكى ئالاقىسى. بۇ ھالەتتە ئۇ بىر تەرەپتىن بەدەن بىلەن ئالاقىدار بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئالاقىسىز بولىدۇ.

4. روھنىڭ بەدەن بىلەن بەرزەخ ھاياتىدىكى ئالاقىسى بولۇپ، گەرچە روھ بەدەندىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ پۈتۈنلەي ئادا - جۇدا بولۇپ كەتمەيدۇ.

5. روھنىڭ بەدەن بىلەن قىيامەت كۈنى تىرىلگەن ۋاقىتتىكى ئالاقىسى بولۇپ، بۇ ئەڭ كامىل ئالاقىدۇر. چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى روھ بىلەن بەدەننىڭ ئالاقىسى ئۆلۈم ياكى ئۇيقۇ ۋە ياكى بۇزۇلۇشنى قوبۇل قىلمايدىغان مەڭگۈلۈك ئالاقىدۇر.

ئۇخلىغان ئادەمنىڭ جېنى ھايات بولسىمۇ بۇ ئويغاق ۋاقىتتىكى ھاياتقا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئۇيقۇ ئۆلۇمنىڭ قېرىندىشى دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆلۈكمۇ ئۇنىڭ جېنى بەدىنىگە قايتۇرۇلسىمۇ ئۇنىڭ ھاياتى تىرىكلىك بىلەن ئۆلۈكلۈك ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھاياتتۇر. جېنى بەدىنىگە قايتۇرۇلمىغان ئۆلۈكنىڭ ھالى ئۆلۈك بىلەن تىرىكلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئۇخلىغان كىشىنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. بۇنى ئويلىسىڭىز كۆپلىگەن مۈشكىلىلىرىڭىز ھەل بولىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 2 )
Go to the Top