مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مۇسۇلمان ئەمەس، بىراق ئاللاھقا ئىشىنىدىغان (ئەھلى كىتاپ) بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ. ئۇ دەيدۇكى: مۇنداق قىلىش ئەرلەرگە جائىز بولغان يەردە نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا جائىز ئەمەسكەن؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-05-09
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/142371
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە - بېنگالچە - تايلاندچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
173.6 KB
: مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ.pdf
2.
مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
485.5 KB
: مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ

 

12914 نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

بىر قانچە قېتىم ياتلىق بولۇپ ئاجراشقان ئامېرىكىلىق بىر  مۇسۇلمان قىز ، مۇسۇلمان ئەمەس، بىراق ئاللاھقا ئىشىنىدىغان (ئەھلى كىتاپ) بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ. مەن ئۇنى قانداق قىلىپ توسۇپ قالسام بولىدۇ؟ ئۇ دەيدۇكى: مۇنداق قىلىش ئەرلەرگە جائىز بولغان يەردە نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا جائىز ئەمەسكەن؟

جاۋاب:

 مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇشرىك ئەرگە ياتلىق بولىشى، مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇشرىك ئايالغا ئۆيلىنىشى جائىز ئەمەس. پەقەت خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، پاك ئاياللارنى ئېلىش جائىزدۇر.  بۇ قۇرئاننىڭ ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن سابىت بولۇپ، پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتى ئىتتىپاققا كەلگەن بىر مەسىلە.

ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بۇ كەمتۈك ئەقلىمىز بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشىمىز توغرا ئەمەس. ئاللاھ قۇرئاندا:« ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بېرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا مۆمىنلەرنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئايال ئاللاھتىن قورقىشى لازىم. ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھ چىقىش يولى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەھلى كىتاب بولسىمۇ كاپىر بېرىگە ياتلىق بولىشى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى بۇنداق نىكاھ باغلانمايدۇ ۋە باتىلدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن ۋە ھەقىقەت بىلەن ماڭغىلى نىسىپ قىلسۇن.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top