การตั้งริงโทนเป็นเสียงดุอาอฺ อัลกุรอาน หรืออะซาน

ฟัตวา การ์ดของข้อมูล
หัวข้อ: การตั้งริงโทนเป็นเสียงดุอาอฺ อัลกุรอาน หรืออะซาน
ภาษา: อุยกูร์
มุฟตี: มุหัมมัด ศอลิหฺ อัล-มุนัจญิด
ผู้แปล: มุหัมมัด ยูซุฟ
ผู้ตรวจทาน: น.ตัมกีนีย์
เผยแพร่โดย: ถาม-ตอบอิสลาม islam-qa.com
คำอธิบายโดยย่อ: การตั้งริงโทนเป็นเสียงดุอาอฺ อัลกุรอาน หรืออะซาน
วันที่เพิ่ม: 2008-05-08
ลิงก์แบบย่อ: http://IslamHouse.com/141304
:: หัวข้อนี้ถูกจัดอยู่ในหมวดหมู่ต่อไปนี้ ::
คำแปลของการ์ดข้อมูลในภาษาต่างๆ: อุยกูร์ - อาหรับ - เบ็งกอล
ไฟล์แนบพร้อมข้อมูล ( 2 )
1.
تېلېفون زىلى ئۈچۈن دۇئا ياكى ئايەت ياكى ئەزاننى قوللىنىش جائىزمۇ؟
644.5 KB
: تېلېفون زىلى ئۈچۈن دۇئا ياكى ئايەت ياكى ئەزاننى قوللىنىش جائىزمۇ؟.doc
2.
تېلېفون زىلى ئۈچۈن دۇئا ياكى ئايەت ياكى ئەزاننى ...
167.7 KB
: تېلېفون زىلى ئۈچۈن دۇئا ياكى ئايەت ياكى ئەزاننى ....pdf
คำอธิบายโดยละเอียด

 

تېلېفون زىلى ئۈچۈن قۇرئان ئايەتلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا

 

105479- نومۇرلۇق سوئال 

سۇئال:

تېلېفون زىلى ئۈچۈن دۇئا ياكى ئايەت ياكى ئەزاننى قوللىنىش جائىزمۇ؟

جاۋاب:

 قارشى تەرەپكە تېلېفون ئۇرغاندا ئۇنىڭ ساداسى ئۈچۈن كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلارنى قوللىنىدۇ: بەزىلەر  بۇ ئاۋازنىڭ قۇرئان ئايەتلىرى ياكى دۇئا ياكى ئەزان بولۇشىنى تاللىسا، بەزىلەر ئۇنىڭ مۇزىكا ياكى ناخشا بولۇشىنى تاللايدۇ.

ئەسلى ئېتىبارى بىلەن بۇ خىزمەتتىن پايدىلىنىش جائىزدۇر. ئەمما ئۇنىڭ شەرتى مەزكۇرئاۋازنىڭ  پايدىلىق ياكى  ھېچ بولمىغاندائاڭلىسا گۇناھ بولمايدىغان نەرسىلەردىن بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭدەك مەزكۇر ئاۋازنىڭ ناخشا ياكى مۇزىكا بولماسلىقى لازىم. چۈنكى مۇزىكا ۋە ناخشا ئاڭلاشنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە كەلگەن شەرىئەت دەلىللىرى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئەمما مەزكۇر تېلېفون ئاۋازى ئۈچۈن بىرەر قارىينىڭ قىرائىتىنى تاللاش قۇرئاننى خورلىغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، چۈشىنىش، تىلاۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلىش، كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەندۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىم بوش ۋاقتىمىزنى تولدۇرۇش ياكى قارىش تەرەپنى تېلېفونغا چاقىرىش ئۈچۈن قوللىنىشتىن ئەلۋەتتە ئۈستۈن ۋە ئۇلۇغدۇر. ئەزانمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى ئەزان ئىسلامدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا ئىبادەت بولغان نامارنىڭ ۋاقتىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇلغان چاقىرىقتۇر. ئۇنى لايىقىدا ئۇلۇغلاش لازىم. ئۇنى تېلېفون ئاۋازى سۈپىتىدە قوللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيا ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەتكە سېلىشقا بولمايدۇ. ئەمدى دۇئاغا كەلسەك، ئىش يەنە شۇنداقتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ سالىھ ئەلفوزان « قول تېلېفونىغا مۇزىكا ئورنىدا قۇرئان ياكى ئەزان ياكى دۇئا قويۇش مەسىلىسىگە نېمە دەيلا؟» دەپ سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ:« بۇ ئەزاننى، قۇرئاننى ۋە زىكىرنى خورلىغانلىقتۇر. بۇلارنى تېلېفون ئاۋازى سۈپىتىدە قوللىنىشقا بولمايدۇ. بەزىلەر ” بۇنداق قىلىش مۇزىكىدىن ياخشىغۇ“دەيدۇ. سىز مۇزىكا قويۇِشقا مەجبۇرمۇ؟ مۇزىكىنى تاشلاڭ! مۇزىكىسى يوق، قۇرئانمۇ  يوق زىلدىن بىرىنى قويۇڭ» دېگەن.

(«دەۋەت»ژۇرنىلى 2097- سان.

Go to the Top