তাকদীরের ভাল-মন্দ সম্পর্কে আহলে সুন্নাত এর সংক্ষিপ্ত আকীদা

ফতোয়া পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: তাকদীরের ভাল-মন্দ সম্পর্কে আহলে সুন্নাত এর সংক্ষিপ্ত আকীদা
ভাষা: উইগুর
মুফতী: মুহাম্মাদ সালেহ আল-মুনাজ্জিদ
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.islamqa.info
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: কাজা ও কদর-তাকদীরের ভালমন্দ সম্পর্কে ইসলামী দৃষ্টিভঙ্গি আমাকে একটু ব্যাখ্যা করবেন কি?
সংযোজন তারিখ: 2008-05-08
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/141281
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী - থাই
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى
1.3 MB
: قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى.doc
2.
قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ...
196.7 KB
: قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ....pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى

 

سۇئال نومۇرى: 49004

ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ھەققىدە ئىسلام كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز ؟ بۇ تىما توغىرسىدا مەن نىمىگە ئىشىنىشىم لازىم؟

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن

بىز ئىسلامنىڭ ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ھەققىدىكى قارىشىنى ئۇزۇن سۆزلىمەيمىز . بىراق بۇ ماۋزۇنى چۈشىنىشكە ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن ، بۇ تىمىنىڭ ئومۇمى بايانى بىلەن باشلايمىز . ئاندىن مۇمكىنقەدەر كۆپ چۈشەنچە بىرىمىز . بۇ ئارقىلىق ئاللاھتىن بىزگە مەنپەئەت بىرىشىنى ، تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز:

بىلگىنكى ، ئىلاھى خاھىش ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى _ بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان ھەر قانداق ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن يۈز بىرىدۇ دەپ جەزمەن ئىشىنىش .

تەقدىر( ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش ) ھەققىدە ئىشىنىش : ئۇ بولسا ئىيماننىڭ ئالتىنچى ئاساسى، ھەمدە ئۇنىڭسىز ئىمان مۇكەممەل بولمايدۇ . سەھىھ مۇسلىمدا(8) ئىبنۇ ئۆمەردىن نەقىل قىلىنىپ مۇنداق  دېيىلىدۇ : ئۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەقدىرنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : " ئەگەر مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالسام ، مەن ئۇلارغا : مىنىڭ ئۇلاردىن ئادا-جۇدالىقىمنى ، ئۇلارنىڭ مىنىڭدىن ئادا-جۇدالىقىنى دەيمەن . ئابدۇللاھ بىن ئۇمەر قەسەم قىلىدىغان زات بىلەن قەسەمكى ، ئەگەردە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇھۇد تېغىغا تەڭ كىلىدىغان ئالتۇنى بولسا ۋە ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسا ، ئۇ تەقدىرگە ئىمان كەلتۇرگەنگە قەدەر ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ . " دىدى .

ۋە يەنە شۇنى بىلىشىڭز كىرەككى ، سىز تەقدىرنىڭ توۋەندىكى مۇھىم نوقتىلىرىغا ئىشەنمىگۈچە ، سىزنىڭ تەقدىرگە بولغان ئىمانىڭىز كامىل بولمايدۇ  ، ھەمدە ئۇلار تۆۋەندىكىچە :

-1 ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈ ئومۇميۈزلۈك ، تەپسىلىي بىلىدىغانلىقىغا ، شۇڭا ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى بىر زەررە  مىقدارى نەرسىمۇ ئۇنىڭغا نامەلۇم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش .

-2ئاللاھنىڭ بارلىق ئىشلارنى ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن لەۋھۇل مەھفۇزدا پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش .

-3 ئاللاھنىڭ خاھىشىغا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغانلىقى ، ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكى ، شۇڭا كائىناتتىكى ھەرقانداق نەرسە ياخشى ياكى ئەسكى بولسۇن ئۇنىڭ خاھىشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش .

-4 بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى ، شۇڭا ئۇنىڭ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئىش-ھەركەتلىرىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار . ئۇنىڭدىن بۆلەك ئىلاھ يوق ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى . »  ئەنئام سۈرىسى 102 -ئايەت.

تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ توغرا بولۇشى تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنىڭ بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

- بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئەركىنلىكى بار بولۇپ ، ئۇ ئارقىلىق ئىش-ھەركەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . خۇددى ئاللاھ دىگەندەك : « سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن توغرا مىڭىشنى خالايدىغانلارغىلا » تەكۋىير سۈرىسى28-ئايەت. « ئاللاھ بىرسىگە ئۇنىڭ تاقىتىدىن سىرتىنى يۈكلىمەيدۇ .»  بەقەرە سۈرىسى 286-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

- بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى ، ھەمدە ئۇ بولسا بەندىگە ئۇنى بەرگەن ، ۋە ئۇنى ( ئاق-قارىنى) پەرىقلەندۈرۈشكە قادىر قىلغان ۋە ئىختىيارلىقنى بەرگەن زات . خۇددى ئاللاھ دىگەندەك : « ھەمدە سىلەر دۇنيالار ( ئاللاھتىن باشقا ، ئىنسانلار دۇنياسى ، جىنلار دۇنياسى ۋە باشقا دۇنيالار) نىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىسا خالىيالمايسىلەر» تەكۋىيرسۈرىسى- 29ئايەت.

- تەقدىرنىڭ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدىكى سىرى ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئايان بولغانلىرىنى بىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزگە يۇشۇرۇن بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزنىڭ چەكلىك ئەقلىمىز ۋە ئاجىز چۈشىنىشىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ ھەركەتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى توغىرسىدا مۇنازىرلەشمەيمىز . بەلكى ئاللاھنىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە يۈكسەك ھېكمەتلىك زات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ قىلغان ئىشلىرى توغىرسىدا سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ . ئۇ پاك ، مەدھىيە ئۇنىڭغا بولسۇن .

بۇ بولسا توغرا يوللۇق پىشقەدەملەر( سەلەفلەر) نىڭ بۇ مۇھىم تىما ھەققىدىكى ئىتىقادىنىڭ خۇلاسىسى . بىز تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تىخىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىمىز . ھەمدە ئاللاھتىن توغرىسىنى دىيىشكە مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز :

بىرىنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) ۋە تەقدىر( قەدەر) نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى :

قازا نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى : نەرسىنى پۇختىلاش ، ئىشنى تاماملاش . قەدەرنىڭ بولسا : باھالاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش .

ئىككىنچى : ئۇلارنىڭ شەرىئەتتىكى مەنىسى :

تەقدىر بولسا : ئاللاھنىڭ شەيئىلەرنى ئەزەلدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرى مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ۋە ئاللاھ خالىغان ۋە پۈتكەن مەخسۇس سۈپەتلەردە يۈز بىرىدىغانلىقى، ھەمدە ئۇ شەيئىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە يارىتىلىشى بويىچە يۈز بىرىدىغانلىقى .

ئۈچۈنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) بىلەن تەقدىر ئوتتۇرسىدا پەرىق بارمۇ ؟

بۇ ھەقتە بەزى ئالىملار قازا بىلەن تەقدىرنى پەرقلەندۇرىدۇ . بىراق ئەڭ توغرا قاراش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا مەنە جەھەتتىن پەرق يوق . ھەمدە ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ . ھەمدە كىتاب ۋە سۈننەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى كۆرستىدىغان ئىنىق دەلىل يوق . ئالىملار بىرسىنىڭ يەنە بىرسىنىڭ ئورنىدا قوللۇنىلىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى . بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، ئىماننىڭ بۇ ئاساسىغا ئىشىنىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى كۆرسىتىدىغان قۇرئان ۋە ھەدىس تېكىستلىرىدە قەدەر( تەقدىر) سۆزى ئەڭ كۆپ كىلىدۇ . ئاللاھ ياخشى بىلگىچىدۇر.

تۆتىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى :

تەقدىرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرى بولۇپ ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزدىن ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىمان ھەققىدە سورىغاندا،  ئۇ مۇنداق دىگەن : « ئۇ بولسا ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، ئەلچىلىرىگە ، كىتاپلىرىغا ، ئاخىرەت كۈنىگە ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۇرۇش دەپ جاۋاپ بەرگەن »   مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

تەقدىر قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: « بىز ھەقىقەتەن ھەممە شەيئىنى قەدەر

( بارلىق شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشتىن بۇرۇنقى تەقدىر كىتابى لەۋھۇل مەھفۇزدا پۈتۈلگەن ئىلاھى ئالدىن بەلگىلەش ) بىلەن ياراتتۇق . »  قەمەر سۈرىسى 49-ئايەت.

« ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بەلگىلىنىپ بولغان قەدەر( تەقدىر) بولدى .» ئەھزاب سۈرىسى 38-ئايەت.

بەشىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ مەرتىبىلىرى :

بىلىڭكى ، ئاللاھ سىزنى ئۇنىڭ رازىلىقىغا نىسىپ قىلسۇن . تەقدىرگە ئىشىنىش تۆۋەندىكى تۆت پىرىنسىپقا ئىشەنمىگۈچە تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش كامىل بولمايدۇ :

ئا- بىلىش : يەنى ئاللاھنىڭ بىلىمى بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئاسمانلاردىكى ۋە ياكى زىمىندىكى بىرەر تال زەررىمۇ ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش . ئاللاھ ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن بىلەتتى ھەمدە ئۇ ئۇلارنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈلۈك بىلىمى بىلەن بىلەتتى . بۇنى كۆرسىتىدىغان دەلىلەر كۆپ ، ئۇلاردىن : « ئۇ بولسا ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق ئاللاھ  ئۇ كۆرۈنمەس ۋە كۆرۈنىدىغاننى بىلگۈچى .» ھەشىر سۈرىسى 22-ئايەت .

يەنە بىر ئايەتتە:« ئاللاھ بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز قۇدرەت ئىلمى بىلەن ئوراپ تۇرىدۇ .» تالاق سۈرىسى 12-ئايەت .

ب-پۈتۈش:   يەنى ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارىنى لەۋھۇل مەھفۇزغا پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش . بۇنىڭ دەلىلى : « بىلمەمسەنكى ، ئاللاھ ئاسماندىكى ۋە زىمىندىكى بارلىق نەرسىنى بىلىدۇ . ھەقىقەتەن ئۇلار كىتاپتا بار ، ھەقىقەتەن ئۇلار ئاللاھقا ئاسان ». ھەج سۈرىسى 16-ئايەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) « ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارلىرىنى ئاسمانلار ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن پۈتكەن .»

مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2653  

ج- ئىرادە قىلىش ۋە خالاش : يەنى بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشى بىلەن يۈز بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش . شۇڭا ئاللاھ خالىغان نەرسە بولىدۇ ، ئۇ خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ ، ھەمدە ھىچ نەرسە ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭ دەلىلى : « مەن ئەتە مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلماقچى دەپ ھەرگىز بىرنىمە دىمە ! پەقەت " ئاللاھ خالىسا " نى ( قوشۇپ دىگىن) » [ كەھىف سۈرىسى 23-24-ئايەتلەر. يەنە بىر ئايەتتە:

« سىلەر دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىغۇچە خالىيالمايسىلەر .» تەكۋىر سۈرىسى 29-ئايەت :  

د _ يارىتىش : يەنى ئاللاھنىڭ بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ، ھەمدە ئۇ بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، شۇڭا بۇ كائىناتتا قانداق نەرسە يۈز بەرمىسۇن ، پەقەت ئۇ ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ ئىشىنىش . ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن : « ئاللاھ بولسا بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى .» زۇمەر سۈرىسى 62-ئايەت.

يەنە بىر ئايەتتە: «ھەمدە ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەر قىلىۋاتقان نىمىنى ياراتتى .» ساففات سۈرىسى 96- ئايەت .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)

« ھەقىقەتەن ھەر بىر ياسىغۇچى ئاللاھ ياسىغىنىنى ياسايدۇ . »

بۇ ھەدىس بۇخارىي بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ يارىتىلىشى بابىدا( 25) ، ھەمدە ئىبنۇ ئەبۇ ئاسىم « سۈننەت» تە(257، 358) چىقارغان . ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھەدە ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 1637  

پېشىۋا ئىبنۇ سەئدىي مۇنداق دىگەن : ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى ، يەنى ئىنسانلارنى ياراتقۇچى بولغىنىدەك ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرىدىن ئىبارەت ئۇلار مۇشۇلار ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان نىمىلەرنمۇ ياراتقۇچى ؛ ئاندىن ئۇلار بولسا بويسۇنۇش ۋە ئاسىيلىق قىلىشتىن ئىبارەت ھەر خىل ئىش-ھەركەتلەرنى ئاللاھ ياراتقان ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرى بىلەن قىلىدۇ .

دۇررەتۇل بەھىييە شەرھى قەسىيدەتۇل تائىييە، 18-ب  

تەقدىر مەسىلىلىرى توغىرسىدا ئەقىلگە تايىنىپ بەس-مۇنازىرە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش :

تەقدىرگە ئىشىنىش بولسا بىر ئادەمنىڭ ئاللاھقا توغرا يۇسۇندا ئىشىنىش دائىرسىدە بىر ھەقىقى سىناق بولۇپ ، ئۇ ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ بىلىمدىن كىلىپ چىقىدىغان ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ، مۇكەممەل سۈپەتلىرىگە قەتئىي راست ئىشىنىدىغانلىقىنى كۈچلۈك سىناش . چۈنكى ئۇ چەكلىك ئەقلىنى ئۇنى چۈشىنىشكە قويۇۋەتكەن كىملەرگە نۇرغۇن سۇئاللارنى تۇغدۇرىدۇ . تەقدىر مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلار بولدى ھەمدە كىشىلەر بەس-مۇنازىرىگە ، ۋە ئۇنى تلغا ئالغان قۇرئان ئايەتلىرىنى خاتا چۈشەندۈرۈشكە چۈشۈپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ھەر بىر دەۋىردىكى دۈشمەنلىرى تەقدىر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا شەك-شۈبھىلەرنى ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىدە قايمۇقۇش ۋ ە شەكلىنىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە يۈكسەك سۈپەتلىرى بىلەن تونۇيدىغان ، كۆڭلى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان كىشىدىن باشقا ھىچكىمدە توغرا ئىمان ۋە قەتئىي ئىشىنىشنىڭ بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى . شۇڭا ئاشۇنداق بولغاندىلا ھىچقانداق شۈبھىلەر ۋە شەكلەر ئۇنىڭ قەلبىگە كىرىشكە يول تاپالمايدۇ ، مانا بۇ شۈبھىسىزكى تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىماننىڭ باشقا تۈۋرۈكلىرىگە قارىغاندا تىخىمۇ مۇھىملىقىغا ئەڭ چوڭ دەلىل . ھەمدە ئىنسان يالغۇز ئەقلى بىلەنلا تەقدىرنى چۈشىنەلمەيدۇ ، چۈنكى تەقدىر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى توغىرسىدىكى سىرلىرىنىڭ بىرى . شۇڭا ئاللاھ كىتابىدا ياكى ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) تىلى بىلەن بىزگە بىلدۇرگىنىنى بىلىمىز ، ئۇنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز . ھەمدە پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بىلدۇرمىگەنلىرىگە ئىشىنىمىز ھەمدە ئۇنىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە ۋايىغا يەتكەن  ھېكمىتىگە ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ پاك ئاللاھ قىلغىنىدىن سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ ، بەلكى مەخلۇقاتلار سوئال-سوراق قىلىنىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ ، ئاللاھ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئائىلىسىنى ، ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ( ساھابىلەرنى ) تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .

ئەئلام سۈننەتۇل مەنشۇرە 147 ، شەيخ. ئابدۇررەھمان مەھمۇدنىڭ ، ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ نۇرى ئاستىدا  ، پېشىۋا مۇھەممەد ھەمەدنىڭ، ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش ناملىق كىتاپلىرىدىن پايدىلاندى.

Go to the Top