قۇرئان ۋە تىبابەت

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قۇرئان ۋە تىبابەت
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: تىبابەت ساھەسىدىكى ھازىر قولىمىزدا بولغانلىرى قۇرئاندا بايان قىلىنغان تىبابەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ ياكى قۇرئاندا يەنە بۇنىڭدىن ئارتۇق بىزگە پايدىلىق بولغانلىرى بارمۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-05-07
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/140976
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە - بېنگالچە - تايلاندچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قۇرئان ۋە تىبابەت
467.5 KB
: قۇرئان ۋە تىبابەت.doc
2.
قۇرئان ۋە تىبابەت
185 KB
: قۇرئان ۋە تىبابەت.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

قۇرئان ۋە تىبابەت

 

 

9691-نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

بىر دەرستە تىببىي مۇتىخەسسىسلەردىن كۆپلىگەن دورا - دەرمەكلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە ئاساسلىنىپ كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سۇئالىم شۇكى، ھازىر قولىمىزدا بولغانلىرى قۇرئاندا بايان قىلىنغان تىبابەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ ياكى قۇرئاندا يەنە بۇنىڭدىن ئارتۇق بىزگە پايدىلىق بولغانلىرى بارمۇ؟ مېنىڭ بىر دوستۇم قۇرئاندا ھالاك قىلغۇچى كېسەللەرنى ساقايتىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخى بىز بىلىپ يېتەلمىگەن ئىلىملەرمۇ بارمۇ دەپ سورىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ سوئالنى سورىدىم.

جاۋاب:

1- ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇقەددەس دىن بىلەن ئەۋەتتى. خۇددى ئەبۇ زەر ئېيتقاندەك:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئاسماندا ئۇچقان بىر ئۇچارلىقنىڭ قاناتلىرىنى مىدىرلاتقىنىغا چاغلىق ئىلىمدىنمۇ بىزنى خەۋەردار قىلغان». ( ئەھمەد رىۋايىتى 20399).

ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن.

2- ھەدىسلاردا كەلگەنلىرى قۇرئاندا كەلگەنلىرىنى تولۇقلىغۇچىدۇر. بۇ ئىككى مەنبە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق مەنبەلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەر قانداق بىر كېسەلگە ئۇنىڭ شىپاسىنىمۇ ياراتقانلىقىنى بىزگە ئۆگەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئاللاھ قانداقلا بىر كېسەلنى چۈشۈرگەن بولسا ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ چۈشۈرگەن»دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارىي رىۋايىتى 5678)

3- سورىغۇچىنىڭ بەزى مۇسۇلمانلاردىن كۆپلىگەن داۋالارنىڭ قۇرئان ئارقىلىق كەشىپ قىلىنغانلىقى سۆزلىگەنلىكىگە كەلسەك، بۇ مۇبالىغە قىلىنغان ئىش. بەزى مۇسۇلمانلار غەربلىكلەر ئالدىدا ئاشۇرۇپ دەۋا قىلغاندەك، قۇرئان كەرىم تىبابەت كىتابى ئەمەس، جۇغراپىيە ياكى بىيولوگىيە كىتابىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇھىدايەت كىتابىدۇر. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ مەنىلىرىنى كۈچى ۋە ئىستىلىستىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىدۇر. قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكىدىكى ئاساس ئەنە مۇشۇدۇر. ئاللاھ قۇرئاننى ئەرەبلەر ئەدەبىيات ۋە پاساھەتتە ئۇچىغا چىققان بىر زاماندا ئۇلارنى يېڭىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش  ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى سېھىرلىك ھاسا بولغان. چۈنكى شۇ زامانلاردا سېھىرگەرلىك ئەۋجگە چىققان ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، ئاق كېسەلنى ساقايتىش ۋە تۇغما كورنى داۋالاش بولغان ئىدى. چۈنكى شۇ زامانلاردا تىبابەت ئىلمى ئەۋجگە چىققان. شۇڭا دەيمىزكى، قۇرئاننىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسى ئۇنىڭ پاساھىتى ۋە ئىستىلىستىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىدۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى تا ھازىرغىچە ئۇلارنى قۇرئان ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش ۋە چۈشىنىشكە چاقىرىپ كەلمەكتە. بۇ دېگەنلىك قۇرئاندا يۇقىرىقىلاردىن باشقىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. بەلكى ئاللاھ ئۇنىڭدا بەزى ئالامەتلەرنى بايان قىلغان. مەسىلەن: ئىنسان جىسمىنىڭ تەركىبلىنىشى، ئانا قورسىقىدىكى بۇۋاقنىڭ  تارىلىش باسقۇچلىرى، بەزى تەبىئەت ئىلىملىرى ۋە باشقىلار.

ئەمما مەزكۇر سورىغۇچى بايان قىلغان داۋا مەسىلىسىگە كەلسەك، قۇرئان كەرىم قەلبلەرگە داۋادۇر. مۆمىنلەر شىپادۇر. بۇ قەلب ۋە بەدەن ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا ھەسەلنى زىكىر قىلىپ ئۇنىڭ كىشىلەرگە شىپالىقىنى بايان قىلغان. تەن ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرىنى بايان قىلغان. قۇرئان كەرىم كۆپلىگەن داۋالارنى بايان قىلغان دېگەندىن بۇ مەنىنى مەقسەت قىلغان كىشى توغرا ئېيتقان بولىدۇ. ئەمما باشقىچە ئېيتىش خاتادۇر. بەلكى ئۇ  بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبالىغىسى. قۇرئان تىبابەت كىتابى ئەمەس. ھازىرقى زاماندا بۇرۇندا بولمىغان كېسەللىكلەر پەيدا بولدى. سورىغۇچىنىڭ سۆزىگە كۆرە  كەلمىگەن كېسەلنىڭ داۋاسى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن كەلسۇن؟

4- قۇرئاننىڭ شىپا ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئايەتلەر:

1. « بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشۈرىمىز» (ئىسرا سۈرىسى 72- ئايەت).

ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: « ئاللاھنىڭ  بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشۈرىمىز دېگەن سۆزىدىكى « من»يەنى (دىن) سۆزى بەزىسى دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇ شىپانىڭ جىنسىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ يەنە بىر ئايەتتە:« ئى ئىنسانلار سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن قەلبلەرگە شىپا بولىدىغان ۋەز - نەسىھەتلەر كەلدى» دېگەن.

قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى شىپادۇر. ئۇ روھىي ۋە جىسمانىي پۈتۈن كېسەللىكلەر  ۋە دۇنيا ئاخىرەتلىك ئاغرىقلار  ئۈچۈن كامىل بىر شىپادۇر. ئەمما ھەركىم قۇرئاننىڭ شىپاسىغا لايىق بولالمايدۇ. كېسەل بولغۇچى قۇرئاننىڭ داۋاسىنى ۋايىغا يەتكەن ئىخلاس، چىن ئىمان بىلەن قىلىپ ئۇنى يولىدا قوللانسا ۋە شەرتلىرىنى تولۇق ئادا قىلسا ئۇنىڭ شىپاسىنى چوقۇم كۆرەلەيدۇ ۋە ئۇنى ھېچقانداق كېسەل يېڭەلمەيدۇ. ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ئەگەر تاغلارغا چۈشۈرسە تاغلار تاقەت قىلالمىغانلىقتىن پارچە - پارچە بولۇپ كېتىدىغان بۇ ئۇلۇغ كالامىغا نېمە تەڭ كېلەلىسۇن؟  ھەر قانداق روھىي ۋە جىسمانى كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ئەلۋەتتە ئىشارەتلەر بار. ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۈشىنىشكە نەسىب بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭدا كېسەلدىن ساقىيىش، ساقلىنىش ئۇسۇللىرى باردۇر.(زادۇل مىئاد 4/352- بەت)

2- قۇرئان كەرىمدە روھ ۋە نەپسلەر ئۈچۈن داۋالار بار. كىمكى ئۇنى يولىدا قوللىنالىسا ئۇنىڭ جىسمانىي كېسەللىكلىرىنىڭ شىپا تېپىشىغا ۋەسىلە بولىدۇ. قۇرئان بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كۆپلىگەن كېسەللىكلەر ئۈچۈن شىپا ۋە داۋادۇر.

ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: بىز ۋە باشقىلار كۆپ ئىشلارنى تەجرىبە قىلدۇقكى، ماددىي دورىلار ساقايتالمىغان كېسەللىكلەرنى ئۇلار بىلەن ساقايتقانلىقىنى كۆردۇق. سەۋەبلەر ھەرخىل بولىدۇ. قەلب قاچانىكى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، كېسەللىك بىلەن دورىسىنى ياراتقان زاتقا تۇتىشىدىكەن، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن قەلبلەرگە تەسىر قىلمىغان داۋالار ئۇ قەلبكە شىپا بولىدۇ. (زادۇل مىئاد4/12-بەت)

3- قۇرئان كەرىمدىكى فاتىھە سۈرىسى كېسەللەر ئۈچۈن شىپادۇر. ئةبۇ سەيدتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قانچە نەپەر كىشى ئەرەبلەرنىڭ ۋادىسىدىن بىر ۋادىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى مېھمان قىلىشىنى تەلەب قىلغىنىدا، ئۇلار مېھمان قىلىشنى رەت قىلىدۇ. شۇ مەھەللىنىڭ كاتتىسىنى يىلان چىقىۋالغان بولۇپ، ئۇنى ساقايتىش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىپ كۆرگەن بولسىمۇ ساقايمايدۇ. مەھەللە خەلقىنىڭ بەزىسى  شۇ ئادەملەرنىڭ يېنىغا بېرىپ سوراپ باقساق بەلكى ئۇلاردا شىپا بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەيدۇ، ۋە ساھابىلارغا كېلىپ:  ئى زاھىدلار! بىزنىڭ كاتتىمىزنى يىلان چىقىۋالغانتى، پۈتۈن چارىلەرنى قىلساقمۇ ساقايمىدى. سىلەردە داۋاسى بارمىدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ساھابىلاردىن بەزىسى: ھەئە مەن ئوقۇپ ساقايتىمەن. ئەمما بىز سىلەرنى مېھمان قىلغانتۇق، سىلەر بىزنى مېھمان قىلىشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر بىزگە بىر نەرسە بەرمىگىچە مەن ئوقۇمايمەن دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر يۈرۈش قوي بېرىش بەدىلىگە ئوقۇپ ساقايتىش قويۇشقا كېلىشىدۇ. ئاندىن بېرىپ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ سۈپلەپ قويغاندىن كېيىن، ھېلىقى ئادەم ساقىيىپ مېڭىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىشكەن ماللارنى بېرىدۇ. ساھابىلاردىن بەزىلەر قويلارنى بۆلۈشۈش تەكلىبىنى بېرىدۇ. ئەمما ئوقۇپ ساقايتقان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلىش تەكلىبىنى بېرىدۇ. ئاخىرى ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىھەنى ئوقۇغان ھېلىقى ساھابىغا « ئۇنىڭ رۇقى(يەنى شىپالىق)ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلدىڭ؟ توغرا قىلدىڭلار. بولدى بۆلۈشۈڭلار. ئۇنىڭدىن ماڭىمۇ بىر كىشىلىك نېسىۋە ئايرىپ قويارسىلەر»دېدى ۋە كۈلۈپ كەتتى. (بۇخارىي  ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

ئىبنى قەييىم فاتىھە سۈ رىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ تەۋفىق بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقەتلەرنى كۆرۈش كۆزىنى بەرگەن كىشى سۈرە فاتىھەنىڭ خاسىيەتلىرىنى ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ تەۋھىد، ئاللاھنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلىش قاتارلىق ئەسرارلىرىغا يېتىدۇ. بۇ سۈرە ئاللاھنىڭ بارلىقىنى، بىرلىكىنى، ئىسىم - سۈپەتلىرىنى، خاھىشلىرىنى، شەرىئەتنى، قازا ۋە قەدەرنى، ئاخىرەت ھاياتىنى، ئاللاھقا خالىس ئېتىقاد قىلىشنى، ئۇنىڭغا يۆلىنىش، ھىدايەتنى ئۇنىڭدىنلا تىلەشنى، يامانلىقلاردىن ساقلىنىشنى، ئىككى دۇنيالىق سائادەتنىڭ يولىنى ۋە ئىشلارنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشنى مەزمۇنلۇق ھەم ئىخچام ھالدا بايان قىلغان ئۇلۇغ سۈرىدۇر. بۇ سەۋەبتىن فاتىھە سۈرىسىنىڭ شىپاسى كۆپلىگەن ماددىي دورىلاردىن بىھاجەت قىلىشقا يېتەرلىكتۇر».(زادۇل مەئاد 4/347-بەت).

4- قۇرئاندا ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان

ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن:« تىبابەت ئۇسۇلى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: ساقلىنىش، ساقلىقنى ساقلاش ۋە زىيانلىق خىلىتلارنى چىقىرىپ تاشلاشتۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئۈچ ئورۇندا بۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىگە ئۆگەتكەن: كېسەلگە زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشنى ئۆگەتكەن.« ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۇڭلارغا ، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى اﷲ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن، ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)» (نىسا سۈرىسى 43- ئايەت). كېسەلنى سۇنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش  ئۈچۈن ئۇنىڭ تاھارەت ئېلىش بەدىلىگە تەيەممۇم قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.

ساقلىقنى ساقلاش توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:« كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. اﷲ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ»( بەقەرە 185- ئايەت). يولۇچى ئۈچۈن رامىزان كۈندۈزىدە روزا تۇتماسلىقنى رۇخسەت قىلغان. بۇ ئۇنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىدى.

ھەجدە ئىھرامدىن چىققان كىشىنىڭ بېشىنى چۈشۈرۈشى ساقلىقىغا زىيانلىق بولغاندا، ئۇنىڭ بېشىنى چۈشۈرمەستىن فىدىيە بېرىشىگە رۇخسەت قىلدى.« سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (بېشىنى چۈشۈرمىسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن» (بەقەرە 196).

بۇ ئۈچ ئىش تىبابەتنىڭ ئۇسۇلى بولۇپ، ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرىدىنىڭ ھەر جىنستىن بىرەردىن نەرسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ بەندىلىرىگە قىلغان ئاتا - ئېھسانلىرىنى يادلاتقان. بۇ ئاللاھنىڭ شەپقىتى ئىدى. (زادۇل مەئاد 1/164-165- بەتلەر).

5- قۇرئاندا ھەسەلنىڭ شىپالىقى بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ - خىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا (اللەنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى) پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار»(نەھل سۈرىسى 69- ئايەت).

ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: « ھەسەلنى سۇغاق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى پەقەت كاتتا تېۋىپلارلا بىلىدۇ. ھەسەلنى ئىچىش ۋە ئاغزىدا توختىتىپ ئۆتكۈزۈش بەلغەمنى يوق قىلىدۇ. ئاشقازاننى تازىلايدۇ ۋە غەيرى نورمال خىلىتلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ھەسەل جىگەرگە، بۆرەككە ۋە سۈيدۈك خالتىسىغا پايدىلىقتۇر. ئۇ ئاشقازانغا كىرگەن تاتلىق نەرسىلەرنىڭ ئەڭ پايدىلىقىدۇر. ئۇ پەقەت سەپىرا كېسىلى بار ئادەمگىلا  زىيانلىق دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ سەپراسىنى ئاچچىقسۇ بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ھەسەل زىيان قىلمايدۇ. بەلكى كۆپ پايدىلىق بولىدۇ.

ھەسەلنىڭ پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇ ئۈچەي ۋە تومۇرلاردىكى كىرلارنى تازىلايدۇ. بەلغەملىك كىشىلەرگە بەك پايدىلىقتۇر. سۈيدۈكنى ياخشىلايدۇ، جىگەرنى جانلاندۇرىدۇ، يۈرەكنى ياخشىلايدۇ. ھەسەلنى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ئىت چىشلىۋالغان جايغا پايدا قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ زەھەرنى تارتىدۇ. دېمەك، ھەسەل ئەڭ ئېسىل تاماق، ئەڭ ئېسىل شاراب ۋە ئەڭ پايدىلىق دورىدۇر.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 6 )
Go to the Top