«كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنىڭ ھاراملىقى» دېگەن چوڭ پرىنسىپنىڭ ئېزاھاتى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: «كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنىڭ ھاراملىقى» دېگەن چوڭ پرىنسىپنىڭ ئېزاھاتى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: «كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىش ھارام» دېگەن پرىنسىپنى مىساللار بىلەن شەرھلەپ بىرىش بىلەن ئىسلام دىنىدىكى مەيدان مەسىلىسىنى ئېنىقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-04-24
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/125039
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە - بېنگالچە - تايلاندچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
«كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنىڭ ھاراملىقى» دېگەن چوڭ پرىنسىپنىڭ ئېزاھاتى
1.1 MB
: «كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنىڭ ھاراملىقى» دېگەن چوڭ پرىنسىپنىڭ ئېزاھاتى.doc
2.
«كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنىڭ ھاراملىقى» دېگەن چوڭ پرىنسىپنىڭ ئېزاھاتى
146.1 KB
: «كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنىڭ ھاراملىقى» دېگەن چوڭ پرىنسىپنىڭ ئېزاھاتى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

«كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنىڭ ھاراملىقى» دېگەن چوڭ پرىنسىپنىڭ ئېزاھاتى

 

2179- نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

«كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىش ھارام» دېگەن پرىنسىپنى مىساللار بىلەن شەرھلەپ بەرسەڭلار.

جاۋاب:

 توغرا مىساللار مەقسەتنى ئىپادىلەشتە ئالاھىدە ياردەمچىدۇر. تۆۋەندە ئۆلىمالارنىڭ كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىش مەسىلىسىگە بەرگەن مىساللىرىنى كەلتۈرىمىز:

- كۇففارلارنىڭ كاپىرلىقىغا رازىلىق بىلدۈرۈش ياكى ئۇلارنىڭ كۇففار ئىكەنلىكىدىن شەك قىلىش ياكى ئۇلارنى كاپىر دېيىشتىن چېكىنىش ياكى ئۇلارنىڭ باتىل دىنلىرىنى ماختاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۇففارلارنىڭ تەرىپىنى ئالغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا  قۇرئان كەرىمدە بارچە ساختا مەبۇدلارنى ۋە ئۇلارغا چوقۇنغۇچىلارنى ئىنكار قىلىش ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« كىمكى تاغۇت (يەنى اﷲ دىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، اﷲ غا ئىمان

 ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ»(بەقەرە 256- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلارنىڭ مۇشرىكلارنى مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكى ھەققىدە كايىپ  مۇنداق دەيدۇ:« ئۇلار كاپىرلار ئۈچۈن ”ئاشۇلار مۆمىنلەرگە قارىغاندا توغرا يول تاپقان كىشىلەردۇر“دېدى».

- كۇففارلارغا ھۆكۈم قىلدۇرۇش. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:« ئۇلار تاغۇتلاغا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىشىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار تاغۇتلارنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان».

- كۇففارلارنى كۆڭۈلدىن دوست تۇتۇش. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«  اللەغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ اللە بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى - ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق - تۇققانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ - دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۈمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا اللە ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، اللە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، اللە ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، اللەدىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار اللەنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، اللەنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»(مۇجادەلە سۈرىسى).

- كۇففارلارغا ئىشەنچ باغلاپ يۆلۈنۈپ ياشاش. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:« زالىملارغا مايىل بولماڭلار، (مايىل بولساڭلار) دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر،

سىلەرگە اﷲ دىن باشقا (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر»(ھۇد سۈرىسى 113- ئايەت).

- مۇسۇلمانلارغا قارشى كۇففارلاردىن ياردەم سوراش. مۆمىنلەر ھەققىدە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر - بىرى بىلەن دوستتۇر». كۇففارلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« كۇففار بەزىسى بەزىسى بىلەن دوستتۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى كۆڭۈلدىن دوست تۇتىدىكەن، ئۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر».

- كۇففارلار بىلەن بىرلىشىش، ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈش.

- كۇففارلارنىڭ قانۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىدا تەتبىق قىلماقچى بولۇش. « سىلەر جاھىلىيەتنىڭ ھاكۈمىنى خالامسىلەر؟».

- دىن ھېسابىغا ئۇلارغا يالاقچىلىق قىلىش.

- كۇففارلارنىڭ ئىسلامنى ياكى پەيغەمبەرنى ياكى قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش.

- كۇففارلارغا ئىشەنچ باغلاپ ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدا مەسلىھەتچى ۋە كېڭەشچى تۇتۇش.« ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلاردىن بولمىغانلارنى (يەنى مۇناپىقلارنى) سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ  قالمايدۇ . ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ،  ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق. (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ (سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ)، سىلەر (ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ)، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، « ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار! (يەنى اﷲ ئۆلگىنىڭلارغا قەدەر ئاچچىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرسۇن!)» اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر. ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىمەت قاتارلىق) بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە (ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ.»( ئال ئىمران سۈرىسى 118- 120ئايەتلەر).

- كۇففارلارنى مۇسۇلمانلار مەملىكەتلىرىدە چوڭ ئورۇنلارغا ۋە مەنسەبلەرگە قويۇش. « ئاللاھ كۇففارلارغا مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ».

- كىيىم - كېچەك، يۈرۈش -تۇرۇش ۋە گەپ - سۆزدە كۇففارلارنى دوراش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىمكى بىر قەۋمگە ئۆزىنى ئوخشىتىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. كۇففارلاغا ھېچبىر جەھەتتىن ئوخشىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي ياكى مىللىي ئادەتلىرىنى دوراشقا بولمايدۇ. (ئەمما بىلىم - تېخنىكىلىرىنى، تىرىشچانلىقىنى ئۆگىنىش لازىم. چۈنكى بىر ھەدىستە:« ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى، ئۇنى قەيەردىن تاپسا تاپىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ھېكمەت - توغرا ئىش قىلىش، توغرا سۆزلەش، توغرا بولۇش دېگەنلىكتۇر - ت).

- كۇففارلانى ماختاش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شۇڭغۇپ كېتىش.

- مۇسۇلمانلار تۈزگەن تارىخلارنى تاشلاپ قويۇپ، كۇففارلار يازغان تارىخلارغا بېرىلىش.

- بالىلارغا كۇففارلارنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش.  شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ساھابىلەر قوللانغان جاھىلىيەتتىكى بەزى ئىسىملارنى مۇسۇلمانچە ئىسىملارغا ئۆزگەرتىۋەتكەن.

- ئۆزۈرسىز ۋە ئېھتىياجسىز تۇرۇپ كۇففارلارنىڭ يېنىغا بېرىش ۋە ئۇلار بىلەن ياشاش.

- كۇففارلارنىڭ ھېيت - بايراملىرىغا ياكى دىنىي مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىش.

- كۇففارلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش. ئەمما ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى تىلەشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزدۇر.

يۇقىرىقىلار كۇففارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشنىڭ بەزى مىساللىرىدۇر. ئاللاھتىن ئەقىدىمىزدە ۋە  ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقىمىزدا سابىت قەدەم قىلىشنى سورايمىز.

Go to the Top