قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: قۇرئان ئوقۇشقا داۋام قىلىۋاتىمەن. بىراق مەن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەيمەن. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوقۇغىنىم ئۈچۈن ئاللاھ ساۋاب بېرەمدۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-04-23
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/123628
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە - بېنگالچە - تايلاندچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟
387 KB
: قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟.doc
2.
قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟
98 KB
: قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟

 

4040-نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

قۇرئان ئوقۇشقا داۋام قىلىۋاتىمەن. بىراق مەن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەيمەن. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوقۇغىنىم ئۈچۈن ئاللاھ ساۋاب بېرەمدۇ؟

جاۋاب:

قۇرئان كەرىم مۇبارەك كىتابتۇر. « بۇ قۇرئان شۇنداق بىر كىتابكى، بىز ئۇنى ساڭا ئايەتلىرىنى چۈشىنىشلىرى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلىپ چۈشۈردۇق.» ئىنسان قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئۇنى ئوقۇغانغا چوقۇم ساۋاب تاپىدۇ. لېكىن مۆمىن ئادەم ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە تىرىشىشى لازىم. مەسىلەن: بىراۋ  تىبابەت ئىلمىنى ئۈگەنمەكچى بولۇپ، تىبابەت كىتابلىرىنى ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ مەنىسى چۈشەنمىسە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ. بەلكى مۇنداق كىشى ئۇنى تەتبىق قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغانلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە قاتتىق تىرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە نېمە دەيسىز؟! دىللارغا شىپا ۋە ئىنسانلارغا ۋەز - نەسىھەت بولغان بۇ ئۇلۇغ كىتابنى مەنىسىنى چۈشەنمەستىن ئوقۇشقا بولامدۇ؟! شۇڭا ساھابىلار 10 ئايەت ئۈگىنىپ ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ ئەمەلگە ئاتلاندۇرۇپ بولۇپ ئاندىن يەنە 10 ئايەت ئۈگىنەتتى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن ياكى چۈشەنمىسۇن ئۇنى ئۇقۇغان كىشى ساۋاب تاپىدۇ. لېكىن بۇنىڭ بىلەن قۇرئان ئوقۇشتىن بولغان ئاساسلىق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭائۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش لازىم. قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئىشەنچىلىك، ئىلمىگە، راستچىللىقىغا ۋە تەقۋالىقىغا ئىشەنگىلى بولىدىغان ئۆلىمالاردىن ئۈگىنىش لازىم. ئۆلىمارلار تولۇق بولمىغاندا ئىشەنچلىك تەپسىرلەردىن ئىبنى جەرىر ۋە ئىبنى كەسىرنىڭ تەپسىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش لازىم.

Go to the Top